يېقىنلاپ كەلمەكتە باھارنىڭ ھىدى
ئابلەتجان تۇراپ
يېقىنلاپ كەلمەكتە باھارنىڭ ھىدى،
خىياللار سىزماقتا يېشىل دۇنيانى.
چېچەككە پۈركىنەر ئەتە ھەممە ياق،
كەل باھار قۇچاقلاي، سېغىندىم سېنى.
پۇرايدۇ زەپ مېزىلىك چۈچۈرە ھىدى،
چۈشۈمدە يەلپۈنەر مامكاپ گۈللىرى.
ئاڭىلنار بەك تونۇش دېھقان ناخشىسى،
كەل باھار قۇچاقلاي، سېغىندىم سېنى.
پارتىيە ئىللىتقاچ گۈزەل ماكاننى،
يېقىنلاپ كەلمەكتە باھارنىڭ ھىدى.
بەخىت ئۇ، يۈرەكتە ئاقار ئەگىزدەك،
كەل باھار قۇچاقلاي، سېغىندىم سېنى.
ئاپتۇر:ئاقتۇ ناھىيەئۈژمە 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
2015-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-19 01:41 AM