مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 416|ئىنكاس: 4

«سۈكۈتتىكى سادا ـ ئۆزلۈكنى يۈتۈش»تىن پارچىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىگانەم سىز~~~

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65045
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3879
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:17:15 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىنىڭ پىسخىكىسى ئاجىزلىغانسىرى ئۇ شۇنچە تۆۋەن سەۋىيەلىك ئىشلاردىن ھوزۇر ئىزدەيدىغان بولىدۇ . كىشىنىڭ ھاياتى ئىزچىل ھوزۇر ئىزدەش جەريانى بولۇپ بەزىلەر ئىلىم ئىزدەشتىن ، بەزىلەر سۈخەنچىلىكتىن ، بەزىلەر تىرىشچانلىقتىن ،بەزىلەر پەسلىكتىن ، بەزىلەر بولسا نەسلىكتىن ھوزۇر ئىزدەيدۇ . بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ئاجىزلىقى چوڭ مەسلە ئەمەس ، ئۇنىڭدىن كىلىدىغان تەسىرمۇ چەكلىك ، ئەمما بىر مىللەتنىڭ پىسخىكا ئاجىزلىقى بولسا ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق بولىدۇ . بۇنداق ئەلدىكى كىشىلەر ئومۇمەن روھى سۇلغۇن ياشايدىغان بولۇپ كىشىلەر بىر-بىرىنى غاجىشىپ ھەم كىشىلەر ئارا سۈخەنچىلىك قىلىش بىلەن روھىدىكى ئېچىرقاشنى باسىدۇ .
كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە  خاس تەپەككۈرى بوغۇپ تاشلىنىپ بۇيرۇق بىرىلگەن ماشىنا ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ . بۇ ئەلنىڭ ئەرباپلىرىنى ، ناتىقلىرىنى ، چولپانلىرىنى باشقىلار ۋاكالىتەن بەلگىلەپ ئىتىراپ قىلىپ بىرىدۇ . كىشىلەر ئازغىنە ئەرزىمەس مەسىللەر ئۈچۈن جىدەللىشىدۇ ، چېچىلىشىدۇ ، زىددىيەتلىشىدۇ ، ھەتتا دۈشمەنلىشىدۇ . ھەقىقى مۇھىم ئىشلار بولسا ئەرزىمەس ئىشلار سۈپىتىدە قېلىۋىرىدۇ . شۇنداقلا باشقىلار ۋاكالىتەن ئىتىراپ قىلىپ بەرمىگەن كىشىلىرىمۇ ئىتىبارسىز قالىدۇ . كىشىلەر ئۆزلىكىنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ، باشقىلار مىدىيالىرىدىن ، باشقىلارنىڭ باھاسىدىن ئىزدەيدۇ . كىملىكىنى باشقىلارنىڭ ۋاراقلىرىدىن كۆرۈپ پەخىرلىنىدۇ . يەنە  بىرسى بولسا كىشىلەرنىڭ مەيدانىنىڭ تۇتامى يوق بولۇپ ئازغىنا ئىشلار ئۈچۈن تۇماقلىرىنى ئاسمانغا ئېتىپ دۇنيادا مەنچە ئادەم يوق دىيشىدۇ ،يەنە ئازغىنا ئىشلار ئۈچۈن بۇ مىللەتتىن بولغانغا تويىشىدۇ ، بۇ مىللەتتىن ۋايساپ داتلىشىدۇ . كىشىلەر شەخسىنىڭ كەمچىلىكىنى مىللەتكە يۈكلەپ تايىنى يوق ئىشلارنى چوڭايتىپ داۋراڭ سېلىشىدۇ .
ئۇمۇمەن كىشىلەردە ئۆزى بىلەن ئەمەس باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن مۇنازىرە قىلىش ئورتاق جەمىيەت ھادىسسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنى ، نىمىنى ناچار قىلغىنى ، نىمىنى ئۆزىدەك قىلالمىغىنى قاتارلىق ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىشىپ ئۆزىنىڭ قانداق قىلىۋاتقىنى ياكى قىلمايۋاتقىنىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ  .
كىشىلەر ئارسىدا تەپرىقىچىلىك كۆپىيىپ ھەرقانداق پىكىر ، ھەرقانداق كەسىپ ، ھەرقانداق ساھەدە ئورتاق پىكىر ياكى بىرلىك شەكىللەنمەيدۇ . كىشىلەر ئۆزىنىڭ بەختىنى پىشانىسىدىكى تەردىن ئەمەس باشقىلارنىڭ كۆزىدىكى ياشتىن ، ئۆزىنىڭ دىيانىتىدىن ئەمەس باشقىلارنىڭ ئۆزىگە مۇھتاجلىقدىن ، ئۆزىنىڭ قىلالىغىنىدىن ئەمەس كىمنىڭ قىلالمىغىنىدىن ئىزدەيدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 04:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مەزمۇنلار ئىكەن، رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 855
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34393
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 06:11:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىز يازدىڭىزما؟تۇنجى ئابزاسلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108506
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 12:17:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112652
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 01:40:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم ئۆزۈمنى قايتىدىن تونۇغاندەك بولدۇم .بۇ بىر پارچىمۇ ياكى كىتاپمۇ ؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش