ئەمەس ھەققىدە پارچىلار
ئاپتۇر:رۇزى تىيىپ
رەنجىپ يۈرمەڭ دۇنيادىن دوستلار،
بەرگەن ھەممە نىممەت تەڭ ئەمەس.
ياشاپ ئۆتسەكمۇ ئوخشاش زىمىندا،
ئۇندىن ئالغان ھېكمەت بىر ئەمەس.
... ....
بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئەزىز قېرىنداش،
ھاياتلىق مەنزىلىدە ئەمما بىر ئەمەس.
دەرەخلەرمۇ بىر-بىرىگە سايە بولمىسا،
باغۋەن ئەجرىدىن ئەسلا رازى ئەمەس.
... ....
بۇ زىمىندا بارچە تۇپراق ئوخشاشقۇ،
ئەمما ئۇندا ھۇسۇلسىزلار ئەسلا ئاز ئەمەس.
ئىشلەڭ دىسە قاشاقلىقتا ھەر يان چاپقاننىڭ،
كۈز بولغاندا پۇشايمانغا قالغان ئاز ئەمەس.
.... ....
ھايات دىگەن كۈلۈپ باقماس بىزگە ھەمىشە،
يامغۇرلىرى،بورانلىرى ھەرگىز بىر كەلمەس.
مىسالى بۇ يىللارغا ئوندان قاراپ باق؟.
باھارى ھەم يازى بار،ھەممە قىش ئەمەس.
... ....
بىلسە،بىلىم دىگەن ھەجەپ كاتتا نىھمەتكەن،
بىلىم ئۈچۈن ئىزدەنگەنلەر ھامان خار ئەمەس.
ئەل -خەلىقنىڭ ئىشقىدا ئىزدەنگەن يۈرەك،
ھىچ- زاماندا باھاردەك كۈلمىگەن ئەمەس.
.... ....
بۇ ھاياتنىڭ كارۋانلىرى ماڭغان ئىزلارغا،
چاڭ باستۇرماي ئات سالغانلار يەنە ئاز ئەمەس.
تۈزەشتۈرۈپ يېڭىلىق دەپ ئۆزگەرتىپ،
نەتىجە يوق بۇزغانلارمۇ،يەنە يوق ئەمەس.
.... .....
ئەجەپ زامان بولۇپ كەتتى يەنە قارىسا،
تۈزەش!دەپ تۈزەلمەي بوزۇلدى ھەۋەس.
سالسا ئەگەرتارازىغا پاك -دىيانەتنى،
تۇتقان بۇ يول ئەسلى ئىنساننىڭ ئەمەس.
... .....
كىمدىن ئۇدۇم بىزگە بۇنچە كۆپ ئىللەت،
ئەجدادىمىز بونى بىزگە قالدۇرغان ئەمەس.
نىچۈن، بۇنداق بولۇپ كەتتۇق شۇنچە غەم يىمەس،
بۇ يول ئەسلا غالىپلارنىڭ داغدام يولى ئەمەس!.
...
2015-يىل 18-مارت يوللاندى.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hadrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-18 02:08 AM