مەن ئىزدەيمەن ھەردەم ئىزىڭنى
ھەيران بولما جېنىم ئەزىزىم،
ھەمراھ بولسام ھەربىر سەھەردە.
ھەرسۈزۈمدە ئىزىڭنى بويلاپ،
بىزار قىلسام گاھى زىيادە.
دەيسەن بەلكىم كۆڭلىڭدە شۇنداق،
<<نىمە تۇلائىزدەش ئارتۇقچە؟
يوقمىكىن يا بۇنىڭ ئىشلىرى،
ئۆزى تۇرغان كاتتا شەھەردە>>
ئويلىغىنىڭ توغرا ئەزىزىم،
ئالدىمدىكى ئەمەس گۈل شەھەر.
ھەرئۇيۇمدا سەنلا بولغاچقا،
ھېچ نەرسىگە سالمايمەن نەزەر.
مۇقەددەستۇر مېھرى-مۇھەببەت،
ئۇچراشتۇرغان تەقدىر-ئىرادە.
ئېيتسام ساڭا ئۆزگەرمەس كۆڭلۈم،
سەندىن يىراق تۇرساممۇ گەرچە.
مەن ئىزدەيمەن ھەردەم ئىزىڭنى،
مۇھەببىتىم بۇلۇپ نۇر چىراق.
ۋاقىت-ئارلىق يىڭەلمەس مىنى،
كۆيدىرسىمۇ قەلبىمنى پىراق.
ئارزۇ-ئارمان يەتسۇن قەلىبكە،
بىزار بولما ھەربىر سۆزۈمدىن.
بۈك-باراقسان رىشتىمىز ئارا،
بۇلبۇل كەبى سايراي ئىشقىمدىن.
ئىزدەپ تۇراي سەنمۇ ئىزدىگىن،
تاجۇ-زىننەت ئاشۇ خەتلىرىڭ.
ئويناق،گۈزە ھەرخىل ئاھاڭدا،
دىلغا ھوزۇرھەربىرسۆزلىرىڭ.
مەن ئىزدەيمەن ئاداققى ھارماي،
چۈنكى سەندۇر مىنىڭ ھاياتىم.
شاھىت بۇلۇپ تۇرار ئەبەتكە،
يۇلتۇز كەبى چاقناپ سۆزلىرىم.
مەنبە؛ قەلىمىم