ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،ياخشىمۇسىلەر !
مەن بىر كىتاپ كۆرىۋىتىپ بىر سەبى قىزچاقنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەن دادىسىغا يازغان بۇ يۈرەك سۆزلىرىنى ئۇچرىتىپ قىلىپ ،بۇ سۆزلەرنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىر سەبىنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق ئاتىلارنىڭ ئۆز پەرزەنىتلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر يۈرەك سۆزلىرىنىڭ بار ئىكەنلىگىنى ۋە ئۆزىدىكى ئائىلە ۋە پەرزەنىت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى تونوپ، بولمىغۇر يوللاردىن ئۆزىنى تارتىپ،شۇ ئىللىق ئائىلىسىگە بولغان مۇھاببىتىنى تىگىشلىك ئورونغا قايتۇرۇپ كىلىشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىپ ،بۇ تىمىنى بارلىق تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم،
{ دادا، ئاپام سىزگە ئۆگەيمۇ ؟}
-قەدىرلىك دادا،مىنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ يىقىن ئادەملەرلا بىر-بىرىگە كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئېيتالايدۇ.سىز مىنىڭ دادامغۇ؟ شۇڭا مەن ھىچكىمگە، ھەتتا ئەڭ يىقىن دوسلىرىمغىمۇ دىمىگەن گەپلىرىمنى سىزگە دىمەكچىمەن. سىزدىن ئۆتۆنىدىغىنىم ، خىتىم سىزگە ياقمىسىمۇ چىداپ ئاخىرغىچە ئوقوسىڭىز .
دادا، سىز ماڭا راستىنلا ئامراقمۇ؟ مەن تۈنۈگۈن سىزدىن رەنجىپ قالدىم . سىز دائىم ماڭا <<ھەر قانداق شارائىتتا راس گەپ قىلىش كىرەك >> دەيىتتىڭىزغۇ؟، بىراق تۈنۈگۈن سىز يالغان گەپ قىلدىڭىز. دادا، مىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىمنى چۈشەنگەنسىز؟ تۈنۈگۈن سىز ھىلىقى سۈپۈرگىدەك چىچى بار ئايال بىلەن بازار ئايلىنىپ ئۇنىڭغا جىق نەرسىلەرنى ( شۇ قاتاردا مەنمۇ بار ئىدىم ) ئىلىپ بەرگىنىڭىزدە ، مەن يانچۇقىڭىزدا جىقلا پۇل بارلىغىنى كۆرگەن ئىدىم ، بىراق ئەتتىگەن ئاپام پۇل سورىغىنىدا ؛پۇل يوق ؛ دەپ قايناپلا كەتتىڭىز ، مەن سىزنى ئۇنتۇپ قالغان چىغى، دەپ يانچۇقىڭىزدىن بىر تۇتام پۇلنى ئىلىپ كۆتۆرۆپ چىقسام ، مىنى << ئاقساقال >> دەپ تىللىغىنىڭىزچە شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدىڭىز ( مەڭزىم ھازىرغىچە ئاغرىۋاتىدۇ ). مەن كىچىچە يىغلاپ چىقتىم. قىلغىنىمنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىگىنى بىلمەيلا قالدىم . ئاكام بىلەن ھەدەم دائېم :<< دادام ھەممىدىن ساڭا ئامراق >> دەيىتتى . لىكىن مەن بۇقىتىم تازا ئىشەنمىدىم . چۈنكى، سىز مۇشۇنىڭ بىلەن مىنى ئۈچ قىتىم ئۇرغان ئىدىڭىز .
ئالدىنقى قىتىم مەن مەكتەپتىن قايتىپ كىلىۋاتسام سىز ئاشخانىغا كىرىپ كىتىۋاتقان ئىكەنسىز . ئۆيگە كىرسەم ئاپام ئاغرىپ قىلىپ يىتىپتۇ. ئۇنىڭغا تاماق ئىتىپ بىرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا ، يالغان سۆزلەپ << دادام سىزنى چاقىرىدۇ >> دەپ ئۇنىمىغىنىغا قويماي سىز كىرگەن ئاشخانىغا باشلاپ چىقتم ، سىز ئايرىمخانىدا ھىلىقى سىمىز خوتون بىلەن كاۋاپ يەۋىتىپتىكەنسىز ، ھىلىقى سىمىز ئايال بىزنى كۆرۆپ كۆزلىرىنى ئالايتىپ ، بىر نىمىلەرنى دەپ غودورىدى ۋە << كارىمىز بولمىسۇن >> دىدى سىزگە قاراپ . ئۇنىڭ بۇ گىپىگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى . شۇڭا ئىستاكاندىكى چاينى ئىلىپلا ئۇنىڭ يۈزىگە چاچتىم ، بىراق ئىستاكاننى قويوشقا ئۈلگۈرمەستىنلا يوغان بىر قول -سىزنىڭ قولىڭىز ياقامدىن تۇتۇپ كۆتۆرۋىدى ، پۇتلىرىم يەرگە تەگمەيلا قالدى . ئۇنىڭدىن كىيىن بىشىمنىڭ قاتتىق بىر نەرسىگە تەككىنىلا بىلىمەن .
ھازىر ئويلاپ قالدىم : ئەگەر شۇ چاغدا چاينى ئاپامنىڭ يۈزىگە چاچقان بولسام ئەھۋال قانداق بولار ئىدى -ھە؟.
يەنە بىر قىتىم ھىلىقى خوتوننىڭ سىز بىلەن تۇرۇپ ئاپامنى << سەت سىرىق، يا ئۆلمىدى >> دەپ تىللاۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ قالدىم . <<ياق ،ئاپام سەت ئەمەس ، خەقنىڭ ھەممىسى ئاپامنى چىرايلىق دەيدىغۇ ، سەت دىگەن سەن ئۆزۆڭ ، ئەينەككە قاراپ باقە ، سەت ئۆردەك>> دىدىم . كىيىن مەن سىزنىڭ بىر شاپىلىقىڭىز بىلەن كەينىمگە ئۇچۇپ كەتتىم . ئەگەر شۇ چاغدا مەنمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئاپامنى تىللىغان بولسام مىنى ئۇرماس ئىدىڭىز-ھە ، دادا! جىنىم دادا ، بۇ ئۈچ قىتىمنىڭ ھەممىسىدىلا مەن خاتا قىلدىممۇ؟
دادا،ئۆتكەن كۈنى مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئۇرۇشىپ قالدىم. ئۇلار چوڭ سىنىپتىكى بالىلار بىلەن بىرلىشىپ، سىلەرنىڭ ئىدارىدىكى ھىلىقى سىمىز خوتوننى << سېنىڭ ئاپاڭ، داداڭنىڭ كىچىك خوتونى >> دىدى. مەن << دادامنىڭ بىرلا خوتونى بار، مىنىڭمۇ بىرلا ئاپام بار >> دىۋىدىم ، ئۇلار مېنى << دۆت، قاپاقباش >> دەپ تىللىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇرۇشۇپ قالدۇق. دادا، مەن ئەمدى كىم بىلەن بىللە ئوينارمەن ؟
دادا، سىز ئاكام بىلەن ھەدەمگە ئۆچمۇ؟ ئۇلار ماڭا << بىزمۇ سەندەك ۋاقتىمىزدا بىز گىمۇ ئامراق ئىدى ، ھازىر چوڭ بولدۇق ، ياخشى - ياماننى پەرىق ئىتەلەيدىغان بولدۇق ، سەنمۇ چوڭ بولوپ دادامنىڭ كەتمىنىنى چاپمايدىغان بولغاندا ساڭىمۇ ئۆچ بولوپ قالىدۇ >> دەيدۇ .راستمۇ دادا ، سىز ياخشى -ياماننى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان ئادەملەرنى يامان كۆرەمسىز ؟
دادا ، سىز << تۆشۆك ناندىن قارىسا يامان بولىدۇ >> دىگەن گەپكە ئىشىنەمسىز ؟مەن ئىشىنىمەن . نەچچە ئاي ئىلگىرى مەن ئاكام بىلەن ھەدەمنىڭ شۇنداق دىيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قىلىپ ، ھەدەمدىن نىمە گەپلىكىنى سورىسام ، <<بۇ دىگەن بىر ھىكايە >>دىدى . لىكىن مەن بىر كۇنى سىزنىڭ گىپىڭىز بويىچە ئىشخانىڭىزغا ھىلىقى دائىم سىز بىلەن كىچىچە بىللە ماتىرىيال يازىدىغان ئاچاشنى چاقىرىپ بىرىپ ، ئۆيگە كىرسەم ئاپام نان يىقىۋاتقانىكەن ، نانلارنىڭ ئارىسىدا يوغان بىر تال تۆشۆكى بار نان تۇرۇپتۇ . مەن ناننى ئىلىپ تۆشۆكتىن ئاپامغا قاراپ باقتىم .ئاپام شۇ پىتى كۆرۆندى . <<دادامغا قاراپ باقايچۇ >>دەپ ئاستا مىڭىپ ئىشخانىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلدىم ۋە ئىشىكنى پەم بىلەن ئاۋاز چىقارماي ئىچىپ ناننىڭ تۆشۆكىدىن شۇنداق قارىسام ...مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي چەكچىيىپلا قالدىم ۋە دەرھال كەينىمگە ياندىم . شۇ چاغدا :
- ۋاي خۇدايىمەي ، تۆشۆك ناندىن قارىسا راسلا يامان بولىدىكەن ، بۇنىڭدىن كىيىن ھەرگىزمۇ تۆشۆك ناندىن قارىمايمەن ، -دىدىم . سىزمۇ ئىشەنگەنسىز دادا !
دادا ، ئاپام سىزگە ئۆگەيمۇ ؟ مەن ئوقوغان كىتابلاردا ئۆگەيلەرنى ھەممە ئادەم خارلايدىكەن ، يامان كۆرىدىكەن ، خالىغانچە ئۇرۇپ - تىللايدىكەن ، ئەتىدىن - كەچكىچە ئىشلىتىدىكەن ، بوزەك قىلىدىكەن . سىزمۇ ئاپامنى ، كىيمىسىمۇ ، يىمىسىمۇ ، ئۇخلىمىسىمۇ بولىدۇ ، دەپ ئويلايسىز ، ھەممە ئىشنى چەكلەيسىز . ئىشقىلىپ ، مەن بىزنىڭ ئۆيدە ئاپامنى بەكلا بوزەك قىلىنغاندەك ھىس قىلىمەن . شۇڭا ئاپامنى سىزگە ئۆگەيمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن . دادا ، مەن بۇنىڭدىن كىيىن راست گەپ قىلايمۇ ياكى يالغان گەپ قىلايمۇ ؟ ئەگەر راست گەپ قىلسام ، سىزنىڭ ساياھەتكە بارغاندا ھىلىقى چىرايلىق ئاچاشقا ھالقا ، ئۈزۈك ئىلىپ بىرىپ ، ئاپامغا << پۇلنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم >> دىگىنىڭىزنى ، ئاپام دوختورخانىدا يىتىپ قالغاندا سىزنىڭ ھىلىقى سىمىز خوتون بىلەن ئۆيگە كىرىپ كىتىپ ، مىنى تالادا ئوينا ، دەپ چىقىرۋەتكەنلىكىڭىزنى ، ئىشخانىڭىزدا ماتىريال يازىمەن ، دەپ ھىلىقى ئاچاش بىلەن مىنى چىقىرۋىتىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالغانلىقىڭلارنى ..... ھەممىسىنى راستى بىلەن دىيىشىم كىرەكمۇ ؟يالغان گەپ قىلسام ئاپام <<يالغان گەپ قىلغان بالا چوڭ بولغاندا ياخشى ئادەم بولمايدۇ >> دەيدۇ . ئاكام بىلەن ھەدەممۇ دائىم مىنى << سەن پەقەت ياخشى ئادەم بولمىدىڭ ، ئاپامنى دورىمىدىڭ >> دەيدۇ ، دادا ، سىزنىڭچە مەن راستىنلا ئەسكى ئادەم بولوپ قالارمەنمۇ ؟ <<تۆشۆك نان >> دىن قارىمىدىم ، سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلىدىم ، يەنىلا << ئەسكى ئادەم >> بولوپ قالسام.... ئۇنداقتا ياخشى ئادەم بولوش بەك تەسكەن ھە ، دادا ! دادا ، سىز ياخشى ئادەممۇ ؟ مەن سىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم دەپ ئويلايتتىم . بىراق قوشنىلارنىڭ دائىم ئاپامنى <<بەك ياخشى ، ئىسىل ئايال >>دەپ ماختىغانلىقىنى ئاڭلىدىم ، سىزنى بىرەر قىتىممۇ << ياخشى ئادەم >> دىگىنىنى ئاڭلىمىدىم .
دادا، تولا سۆزلەپ سىزنى زىرىكتۇرىۋەتتىممۇ؟كۆڭلۆمدە شۇنداق نورغون گەپلىرىم بار ئىدى ، جىق ئىشلارنى سىزدىن سوراپ باقاي دىگەن ئىدىم . بىراق نىمىشقىكىن قەلەمنى قولومغا ئىلىپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن، دادا، سىز راستىنلا ئاكام بىلەن ھەدەم دىگەندەك چوڭ بولسام مىنى ئۆچ كۆرۆپ قالارسىزمۇ؟ مىنى ئوينىتىشنى ، ئەركىلىتىشنى خالىمايدىغان بولوپ قالارسىزمۇ؟ بىلەمسىز دادا، مەن شۇنداق بولوپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن .
دادا، ئەسلى سىزنى ساقلاپ بۇ خەتنى ئۆز قولىڭىزغا بىرەي دىگەن، بىراق سائەت 12بولوپ كىتىپتۇ ، سىز تىخىچە كەلمىدىڭىز، بەك ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى . دادا، يەنە بىر قىتىم سورىۋالاي، ئاپام راستىنلا سىزگە ئۆگەيمۇ؟؟.
|