مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 684|ئىنكاس: 13

ئىنكاسچىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102126
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 423 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 04:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنكاسچىمەن

ئەكرەم ئابدۇمىجىت
تارتىشىپ دوست  يەڭ ئىچىدە  يايرىغان  ئىنكاسچىمەن،
خۇددى تۇتى قۇش مىسالەن سايرىغان ئىنكاسچىمەن،
ئۆز ئۆزۈمدىن ماختىنىپ بەك ھارمىغان ئىنكاسچىمەن،
ھەرقاچان مازغاپ كەبى پارلىغان ئىنكاسچىمەن،
پۇۋ، دېسە ئالقان  ئارا ھېچ قالمىغان  ئىنكاسچىمەن.

خۇددى شەيتاندەك گويا كىرمەك بولۇپ دوست  پوستىغا،
قىلىمەن شۇئان ئۇچۇر «يازمامسە» دەپ «چ،چ» سىغا،
باشلىنۇر ئىنكاس شۇئان كۈلكە بىلەن «ھى...ھى» سىغا،
ئۇستا باغۋەنلەرسىمان قىلدىم ئۇلاق« پى- پى »سىغا،
بىرلىرىنىڭ   شۇڭلىرىدا   ئاينىغان    ئىنكاسچىمەن.

كۆزلىرىم  قانداق ئەسەر يازدى كىشى كۆرمەيدۇ  ھەم،
شۇندىمۇ يازماي قولۇم ئىنكاسنى جىم تۇرمايدۇ ھەم،
يازمىسام ئىنكاس شۇئان بۇندا قورساق تويمايدۇ ھەم،
چۈنكى «دوستۇم» تەلمۈرۈپ ھېچبىر تىنچ قويمايدۇ ھەم،
كىملا داپ چالسا شۇئان «ناي- ناي»لىغان ئىنكاسچىمەن.

دوستلىرىمنىڭ نەزمىسىنى «ھەر قاچان  مۇنبەردە»  دەپ،
ئۇچىمەن ئىنكاس يېزىپ دەل «بولمىسۇن شەرمەندە»  دەپ،
«پىشكا چاغلىق باشقىلار دوستۇم پەقەت شاھ، گەردە» دەپ،
«ئۆزگىلەر ئەسكەر گويا ھەم ئۇ ئۆزى سەركەردە» دەپ
رەڭمۇ-رەڭ  دۇقمۇشتا  مايمۇن  ئوينىغان  ئىنكاسچىمەن.

بىر خۇيۇم باركى تېخى  ئىنكاستا  پوق سۈركەيدىغان،
كىمكى قارشى گەپ قىلىپ قويسا زەھەر پۈركەيدىغان،
تۇرسا نەچچە يۆلۈكۈم «قورقما ئۆزۈم بار» دەيدىغان،
خۇدىكىم بولسۇن نېچۈن تۇرسام يەنە ئۆرلەيدىغان،
نە ئامال  يېرىم چېلەك سۇ چايقىغان ئىنكاسچىمەن.

كۆرمىگەن ھېچكىم دېمەك مەندەك سىلىق دەيدەيچىنى،
ۋۇيت، دېسە ھايت، دەيدىغان  «ئارچىنى،لەببەي»چىنى،
ياخشى كۆرمەس كىممۇ مەندەك يۈگرىگەك «ۋاللەيچى»نى،
كونا  ماللار  ئىچرە ھەم  يۈرگەن  پېقىردەك  خەيچىنى،
قانچە  رەت تۇزسىز  قازاندا  قاينىغان  ئىنكاسچىمەن.

«ياخشىلارغا ياخشى گەپ قىلماق ھامان ۋىجدان ئىشى،
ھەم يىراق بولماقمۇ تەس نۇقسان-ئەيىبلەردىن كىشى،
چىن نىيەت، پاكلىق بىلەن بولسا كىشىنىڭ سىردىشى،
مەيلى كىم بولسا شۇئان بولمامدۇ دوستى، دىلكىشى»
دەپ نەسىھەت قىلسىمۇ تىل چاينىغان ئىنكاسچىمەن.
ئاپتۇرى:غۇلجا ناھىيە چۇلۇقاي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە...


يىگانەم سىز~~~

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65045
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3880
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 05:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزمۇ ماڭا ئوخشاش ئىنكاسچىكەنسىز

يالغۇزۇم سىز دىسەم يالغۇز قويدىڭىز.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111451
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 09:14:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەسەر يازماي ئىنكاسلا يېزىۋەرسەم شىئېردىكىدەك ئىنكاسچىلاردىن بولۇپ قالامدىم نىمە؟
شىئېرىڭىز تولىمۇ يۇمۇرلۇق بىلىندى. ھارمىغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102126
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1139
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 423 سائەت
تىزىم: 2014-1-11
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 09:44:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zekiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 09:14 PM
مەنمۇ ئەسەر يازماي ئىنكاسلا يېزىۋەرسەم شىئېردىكىدەك ئ ...

بۇ شېئىر مېنىڭ ئىجادىيتىم ئەمەس.ئاپتۇرنى تۆۋىنگە يېزىپ قويدۇم.ئەكرەمكام خانتەڭرى ئەدەبىيات موكاپاتنىڭ لائوريانتى[ساھىبى]،شۇنداقلا پىشقان شائىر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109700
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 742
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2014-9-4
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 10:36:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر ئىنكاسچىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3877
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12621
تۆھپە نۇمۇرى: 1253
توردا: 3353 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 10:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چ چ دا ئايرىم دوست تارتىشىپ پوكۇنى تېمامغا مۇنداق دەپ ئىنكاس يىزىپ قويغىنە دەپ بىر بىرىگە ھەمدەم بولۇپ خەقنى غاجاپ كۈن بەرمەيدىغان ئىنكاسچىلار كۆرۈپ قويسا بولىدىكەن

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23717
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3782 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:57:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مىسرانىمنىڭ ئىنكاسچىسىغۇ .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101747
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2014-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 05:16:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ پىكىرىمنى يىزىپ قوياي دىسەم ،مەن يازغان ئىنكاسلار كۆرۈنمەيدىكەنغۇ....ئۆزمگە كۆرۈنمەمدۇ يا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 05:27:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە تور مۇنبەرلىرىدە ئىنكاس يېزىش-ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىق تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم ئىش. چۈنكى  بىرىنجىدىن، يېزىلغان ئىنكاس  ئىلىمى بۇلۇپ تېما ئىگىسىنى، باشقا تورداشلارنىمۇ قايىل قىلالىشى كىرەك. ئىككىنجىدىن، بۇ ئىنكاسنى نەچچە يۈز مىڭ ئادەم، ھەتتا چەتئەللەرگىچە كۈرۈشى مۇمكىن، ياخشى بولسىمۇ، يامان بولسىمۇ تەسىرى زور بۇلىدۇ. ئۈچۈنجىدىن ، ئىنكاس سۈپىتىنىڭ قانداق بۇلىشى شۇ ئىنكاس يازغۇچىنىڭ تورداشلار ئارسىدىكى، مۇنبەردىكى ئىناۋىنىڭ  قانداق بۇلىشىنى بەلگۈلەيدۇ. شۇڭا ئىنكاس يېزىشتا قىلچە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشقا، ئالدىراپ ھۈكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن. مىنىڭ ئۈمىدىم-ئىنكاس يېزىشتا تېما مەزمۇنى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نوقتىنى تېما ئىگىسىگە قاراتماسلىقتىن ئىبارەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karawul3 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 05:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7421
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1812 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 05:22:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «پالانى مەشھۇر شائىر، پوكۇنى مەشھۇر دراماتۇرگ، پۇستانى مەشھۇر يازغۇچى» دەيدىغان سۈپەتلەر بولىدىغان، كۈنلەرنىڭ بىرىدە  پالانى مەشھۇر ئىنكاسچى ئىدى، دەپ ئەسلىنىشنى تەمە قىلىدىغانلارمۇ  يوق ئەمەس جۇمۇڭ، بىزمۇ شۇ ...

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش