گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
ياشلارغا كەلدى مانا نىكاھ غېمى ئېقىنلاپ،
ئىككى مۆچەل ئارتىپ ھەم ئۈچ مۆچەلگە يېقىنلاپ.
نە سەۋەبىن سورىما، تەقدىر دەيدۇ شۇ ھامان،
ئۆز نەپسىدىن كېچەلمەي، پاك سۆيگۈنى پېتىقلاپ.
قىزدىن سورايدۇ ھەركىم، گۈزەل ھۆسنىڭ ۋە پەزلىڭ،
تۇرسا خۇش تەبەسسۇم، ئاندىن بىلىمىڭ ۋە ئىلمىڭ.
ئۈشبۇ پەزىلەت ئىگىسىنى كۆرمەمدۇ يىگىت،
ئۇ ئىزلەمدىكىن تاڭ بىلمىدىم، خىزمەت ۋە مېلىڭ.
دەيدۇ يىگىتنى ھەم قىز، ئەپسۇس مەمۇر ئەمەسكەن،
ياكى ئاتا-ئانىسى رەھبەر-كادىر ئەمەسكەن.
دېمىدى ھېچكىم، كۇپايىدۇر ئىلمى-ئەخلاقى،
قىز دەيدۇ، ئۆيچۇ؟ ماشىنىسى تۇلپار ئەمەسكەن.
ئاي-كۈن ئەمەس يىللار ئۆتتى، ئۆزئارا تاللاپ،
ئانىلار غەمدە قالدى، ناماز دۇئادا يىغلاپ.
ئۇلار دەيدۇ قاچانمۇ كېلەر نىكاھى تەقدىر،
كېلىش مۇمكىنمۇ يۈرسە بەندە بەندىنى شاللاپ.
نىكاھ بەختىچۈن يىغلايدۇ كۈندە ئاتا ۋە ئانا،
تاللىما بولدى بەس، بەندىگە بەرمىگىن باھا.
يىگىت بەختى شۇدۇر، ئالالىسا چىن سۆيگۈنى،
تەقدىر بولمىسا بىكار، تاڭسىمۇ ئالتۇن تانا.