كىبىرنىڭ كەپىسى يوق
ئىنسان تۇغۇلىدۇ دۇنياغا،كىبىر بىلەن ئەمەس يىغا -زار بىلەن!ئىنسان ئنساننى بىلگەندە ،كۆز كۆزلەرگە مەسخىرلىك تىكىلگەندە ،ئىنساننىڭ جىسمىدىن كىبىرنىڭ ئوتلىرى تۇغىلىدۇ .بىلىپ بىلمەي ئاجىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ،ئۆزگى كىبىرنىڭ تۆرىدە مەسخىرلىك كۈلىدۇ !
كىبىر ئۇ بەزىدە مەندە،بەزىدە سەندە! كىبىر ئۇ ياخشىنىڭ چىرايىدا ياماننىڭ تەبەسسۇمىنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيدىغان،ئەزگۈ كۆڭۈللەرنى ئەزگۈلۈكتىن نېرى قىلالايدىغان،نۇرلۇق كۆزلىرىڭنى ئاجىزنىڭ ئىلاجسىزلىقىغا مەسخىرلىك باقتۇرالايدىغان،ئامالسىزنى ئاماسىزلىقىدىن پۇشايمانغا ۋە ۋەسۋەسىگە سالالايدىغان ، مېھرنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ ،ئەسلىڭنى ئۇنتۇلدىرالايدىغان ئوتتۇر!
كىبىر ئۇ باينىڭ ھەشەمەتلىك سارايلىرىنىمۇ، ياكى يوقسۇل گاداينىڭ خام قىش ئۆيلىرىنىمۇ ۋە ياكى ماكانسىزنىڭ تېمى يوق تۇرالغۇللىرنىمۇ يوقلاپ ئۆتىدۇ ! ئۇ مېنىڭ خانەمدە كىشىگە"ساھىبخان"،ساڭا ھەم"مېھمان" ! ھەر مېھماننى تۆرگە باشلىغۇلۇق ، لىكىن چېيىغان ناۋات ھەم سالغۇلۇق ،ئەمما كۆڭۈلنى چايغا قوشۇپ سۇنمىغۇلۇق !
كىبىرنىڭ كەپىسى يوق ، ھەم بىشارىتى ۋە ياكى ۋىداسى . كىلىدۇ قەلىب قەسىرىڭگە ئوت بولۇپ، قەلبىڭ خالىمىسا سۇ بولۇپ كېتىدۇ ! ئۇ ھەممىگە يارشىملىق ئەمەس ،بەزىلەرگە يارشىملىق، ئەينەك ۋە ئۆزلۈك دۇنياسىدا ؛يەنە بەزىلەرگە ئەكسىچە، غورۇرنىڭ كەپىسىدە! كىبىرنىڭ ھارارىتىنى كىبىرلىك كۆزلەرنىڭ ھۇجۇمقغا ئۇچىرغانلاردىن كۆرىۋال،كىبىر نىمە دەپ سوراشنى قويۇپ،مەن كىبىرلىك بولۇپ قالمىغاندىمەن دەپ سورغىن !شۇ ھەم توغرىسى ھەم ياخشىسى!كۆزلىرىڭ نانغا قاراپ زەھەر ئەكىس چاقنىمىسۇن!كىينىشلىرىڭ، سۆزلىرىڭ مىسچان كۆڭۈلنىڭ ئاجىزلىقىنى ، ئىلاجسىزنىڭ ئىلاجسىزلىقنى كۆككە كۆتۈرۋەتمىسۇن،ئۇنۇتما شۇنى ،ئىنسان بىز ھەممىمىز بىر يۈرەكلىك ،لىكىن قەلىب ھەر كىشىدە ھەم يوق! غورۇر- ۋىجاندان ئەركەكتىلا ،شەرىم- ھايا قىزلاردىلا ئۆز مەنىسىنى تېپىشى ناتايىن……ھەممىسى ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولۇشقا تىگىشلىك گۈزەل خۇسىسىيەتلەردۇر . تەببەسسۇم قىل ئاجىزلارغا، قەلبى ئىللىپ ئاجىزلىققى ئۇنتۇلۇپ كەتسۇن؛گۈزەل سۆز قىل مىسكىنلەرگە،مىسكىنلىكى ئۇچۇپ كەتسۇن! ئىگىز دەرەخنىڭ ئۇچىدا كىبىر بىلەن دۇنياغا قارىما .يىقىلىسەن دۇنياغا ئەمەس ،سۆيۈلگەن يۈرەكلەرنىڭ تۆرىدىن پۇشايمان بىلەن گۆرگە يىقىلىسەن!قولۇڭنى سۇنغىن مۇختاجقا ، رەھمەتلىرى شىپالىقتۇر! ھېچ ئىنساندىن قاچما ،ئۆز نۆۋىتىدە كىبىرگە زەرىچە ئۇلاشما !ئاددىيلىقنى ئىزدەپ ،تىنىچ يۈرۈپ كەت.بىز ھەم ئىنساندۇرمىز ،كىبىر بىلەن ئەمەس ،مېھىر بىلەن !
كىبىرنىڭ كەپىسى يوق ،ئۇنى ھەم ئۆيلىرىڭگە باشلىۋالما!
دىلخۇمار زىبىبىللا ئەزگۈ 2015.3.11 شىئەن