مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 909|ئىنكاس: 12

تۇز: قەلبىڭىزنى ئازاپتىن خالاس قىلىشنى خالامسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44253
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15875 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:48:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

تاغنىڭ ئىچكىرسىدىكى ئورمانلىقتا ، ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىغان ئىككى كەنىت بار ئىكەن . ئا كەنىتتىكى كىشىلەر ھەدېسە بىر - بىرى بىلەن سوقۇشۇپ ، ھەر كىم ئۆزىگە ئىنتايىن پەخەس بولۇپ يۈرۈپ، كۈنلىرى ئۇرۇش - جىدەل بىلەن تولىمۇ ئازاپ ئىچىدە ئۆتىدىكەن ؛ ب كەنىتنىڭ كىشىلىرى ئىنتايىن ئۆم - ئىناق بولۇپ ، ھەر كىمنىڭ چىرايىدىن خۇشال كۈلكە يىغىپ تۇردىكەن ، كۈنلىرى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتىدىكەن .
ئا كەنىتنىڭ باشلىقى ب كەنىتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئىناقلىق ، خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇلارغا بەك ھەۋەس قىلىدىكەن . لېكىن بۇنىڭدىكى سىرنى بىلەلمەي بەكمۇ قىينىلدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالايىتەن ب كەنىتكە كىلىپ ، بىر كىشىدىن تەلىم سوراپتۇ .
____ كەنتىڭلاردىكى خۇشال ، ئىناق كەيپىياتنى ساقلاپ كېلىشىڭلەردە قانداق ياخشى چارەڭلەر بار ؟ ____ سوراپتۇ ئا كەنىتنىڭ باشلىقى .
_____ چۈنكى بىز دائىم خاتا ئىش قىلىمىز ، _____ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى كىشى ھېچقانداق ئويلانماستىنلا .
ئا كەنىتنىڭ باشلىقى ھېلىقى كىشىنىڭ جاۋابىدىن گاڭگىراپ تۇرغاندا بىر كىشى سىرىتتىن يۈگۈرگىنىچە كېرىپ زالدىن ئۆتكىچە ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ . بۇ ۋاقىتتا زالنىڭئاستىنى سۈرتىۋاتقان بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ ، ئۇنى يۆلىگەچ كەچۈرۈپ سوراپتۇ :
____ مېنى كەچۈرگۈن خاتالىق مەندە ، پولنى سۈرتىمەن دەپ بەك ھۆل قىلىۋېتىپ ، سېنىڭ يىقىلىپ كىتىشىڭگە سەۋەبكار بولدۇم .
ئىشىك تۈۋىدە نۆۋەتچىلىك قىلۋاتقان بىر كىشىمۇ يۈگۈرەپ كېلىپ دەپتۇ :
_____ ياق ، بۇ خاتالىق مەندە ، ساڭا زالنى سۈرتىۋاتقانلىقىنى ، ئېھتىيات بىلەن مىڭىشىڭنى ئەسكەرتىپ قويماپتىمەن .
يىقىلىپ چۈشكەن كىشى قىلچە ئاغرىنماستىن ، ئۆز - ئۆزىنى ئەيىپلەپتۇ :
_____ ياق ، ياق ، ئۆزۈم بىپەرۋالىق قىلدىم ، ئېھتىيات بىلەن ماڭمىغان سەۋەنلىك ئۆزۈمدە .
ئا كەنىتنىڭ باشلىقى بۇ كۆرنۈشنى كۆرۈپ ب كەنىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىناق - ئىجىل ئۆتۈشنىڭ سىرىنى بىلىپ يىتىپتۇ .

بۇ تېمىدىكى ھېكمەت :
ئۆز - ئۆزىنى ئەيىپلەش باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغانلىق . شۇنداقلا قەلبنى ئازاپتىن خالاس قىلغانلىق . كىچىككىنە ئىش تۈپەيلىدىن ئازارلىق تىرىماي ، ئازارلىقنىڭ ئورنىغا ئىناقلىق ئۇرۇقلىرىنى چاچقانلىق ! ئىناقلىق ، ئىتىپاقلىق كىشىلەرنى بىر - بىرىگە سەمىمى مۇئامىلە قىلدىغان قىلۋىتىدۇ ! مەسئۇلىيەتتىن قىچىش ، سەۋەنلىككە بانا ئىزدەپ باشقىلارنى ئەيىپلەش، قاقشاش ، ۋايساش كىشى ئارسىغا بىھۇدە ماجرا تۇغدۇردۇ ، كۆڭۈلنى بىئارم قىلىپ ئازاپقا سالىدۇ .....


              خۇشال ئادەم ئىزلەش ....

پادىشاھنىڭ كۈن بويى ئىچى پۇشىدىكەن ، ۋەزىرلەر پادىشاھنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا تىۋىپ چاقىتىپتۇ . تېۋىپ : « ئەگەر پادىشاھ خۇشال ئادەمنىڭ ئايىغىنى كىيسە ، كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ » دەپتۇ. ۋەزىرلەر تەرەپ - تەرەپتىن خۇشال ئادەم ئىزدەپتۇ .
بىر كۈنى ۋەزىرلەر بىر نامرات كەنىتكە كىرگەندە ، تۇيقسىز بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى بولىشىغا قويۋىتىپ خۇشاللىق ئىچىدە ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپتۇ . ئۇلار ئۇ ئادەمنىڭ قىشىغا كېلىپ ، يەر ئاغدۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ .
ۋەزىرلەر دېھقاندىن : « سەن خۇشالمۇ ؟» دەپ سوراپتۇ .
___ مەن ھەر كۈنى خۇشال ، خۇشال بولمىغان بىرمۇ كۈنم يوق  ، ___ دەپتۇ دېھقان . ۋەزىرلەر ئۆزلىرىنىڭ مەقسىدىنى دېھقانغا ئېيتىپتۇ .
دېھقان ئاڭلاپ ، قاقاقلاپ كۈلۈپ ئۆزىنى تۇتۋالالماي تىلىقىپ كىتىپتۇ . ئەسلىدە دېھقاننىڭ كەيگۈدەك ئايىغىمۇ يوق ئىكەن ........

بۇ تېمىدىكى ھېكمەت :
ھازىرقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مال - دۇنيا ، پۇل - پۇچەك ، ھوقۇق - مەنسەپ ھەم مەرتىۋىنى خۇشاللىققا ئىرشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەپى ياكى بارلىق تەرپى دەپ قارۋالىدۇ . ئەمىلەيتتە ئۇنداق ئەمەس . خۇشاللىق ___ ئۆزى ئىگە بولغان بارلىق نەرسىلەرنى قەدىرلەش دېگەنلىكتۇر . ھەر بىر ھاياتلىق كۈن، ئىنسان ئۈچۈن بىر خۇشاللىق ! ئاشۇ كۈننى قەدىرلەپ ئۆتكۈزۈشمۇ ئەڭ زور خۇشاللىق . خۇشال كىشىلەرگە نىسبەنتەن ئېيتقاندا ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خۇشاللىقتۇر !

مەنبە : ساغلام تەپەككۇر شىپاسى
مۇنبەرگە ئاكتىپلاشتۇرۇپ يوللىغۇچى : تۇز
2015- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر  

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6424
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239645
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12502 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:02:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلاردىن ئاغرىنىشتىن بۇرۇن ، مەن نىمىنى خاتا قىلدىم دىگەن ئۇقۇمنى بىلىش ئەڭ زۆرۈردۇر

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:07:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنلۇق ياخشى تېمىكەن،رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87585
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1445
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:37:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەزەلدىنلا تولىمۇ خوشال،كۆڭلۈم يىرىم كۈنلەردە تازا يىغلىۋالىمەن ئادەم يوق يەردە.
ئاندىن ئانامنى توققانلارنى ئويلايمەن.شۇنداق ئۈمۈتكە تولىمەن،يىشىمنى سۈرتۈپ،قۇياشتەك كۈلۈپ،شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزۈمنى سۆيۈپ ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:37:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

ئەپۇچان، كەڭ قورساق بولۇش، باشقىلارغا ھەم ئۆزىمىزگە مىھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغان بىلەن باراۋەر ...
ياخشى تىمىلاردىن ھۇزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. ئىسىل تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115215
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2015-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:43:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋا   02  پىكىرڭىز ئورۇنلۇق ..راست دەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 907
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1888
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 01:29:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ranjimayman يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 12:37 PM
مەن ئەزەلدىنلا تولىمۇ خوشال،كۆڭلۈم يىرىم كۈنلەردە تاز ...

سىزنىڭ بۇ تەرىپىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 851
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1517
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 424 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 02:21:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەرلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۇزۇلمىگەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 02:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھەيىتىمۇ ئورۇنلۇق سۆزلەر بىلەن يىزىلغان ياخشى تىما، ھەممىلا كىشى مۇشۇنداق ئويلىسا  دۇنيادا ئىتىپاقلىق گۇللىرى پورەكلەيدۇ، لىكىن ئاڭلىق ئادەم ئۆزىنى تەكشۈرۈپلا، يامان ئادەم ئۆزى خاتالىق سادىر قىلغاندىن سىرت باشقىلارنى ئەيىپلەپلا ئۆتكەن، دۇنيا دىگەن ھەي...........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111451
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 03:12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ئىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش