خۇيۇم بار « ساتىرا »
ئاپتورى : خەيرۇللا قۇربان
ياخشىلارنىڭ ئەيپىنى ئاچىدىغان خۇيۇم بار ،
ئىللەتلەرگە كۈي - داستان قاتىدىغان خۇيۇم بار .
مەنپئەت ئۈچۈن قۇل بولۇپ ھالال - ھارام ئايرىماي ،
ۋىجدانىمنى تۆت پۇلغا ساتىدىغان خۇيۇم بار .
خۇشامەت قىپ باشلىققا ئەمەلدارغا - نوچىغا ،
پاقلان سويۇپ خوش - خوش دەپ باقىدىغان خۇيۇم بار .
يىتىملەرنىڭ رىسقىغا تاقىلدىتىپ نەپسىمنى ،
پۇرسەت بولسا موككىدە سوقىدىغان خۇيۇم بار .
بوزەك ئېتىپ ياۋاشنى چار پاقىدەك كوكىراپ ،
خوراز كەبى كۆزىنى چوقىدىغان خۇيۇم بار .
ئىزدىنىشكە ئىپىم يوق تەييار ناندا سايىداپ ،
غەپلەت بىلەن مۇڭدىشىپ ياتىدىغان خۇيۇم بار .
تىرىشچانغا مەدىيە ئوقۇماستىن گەپ تېپىپ ،
پىتنە - ئېغىۋا سۈيىدە ئاقىدىغان خۇيۇم بار .
گال سىقىشسا قېرىنداش ئۇلغايسۇن دەپ ئاداۋەت ،
ئوت ئۈستىگە ئوتۇن - ياغ ئاتىدىغان خۇيۇم بار .
ئىللەتلىرىم كۆپ تۇرسا تۆۋە قىلماي گۇناھغا ،
ھۆرمەتلىككە شالىمنى چاچىدىغان خۇيۇم بار .
ئىۋەن بىلەن ياشىدىم توختىغاندا نەپىسىم ،
پاك ئىنساندەك تىپتىنىچ ياتىدىغان خۇيۇم بار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-17 10:59 AM