مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 716|ئىنكاس: 5

ھاۋا تاپان(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77660
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 04:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                                 ھاۋا تاپان

              (ئاپتۇرى مويەن، تەرجىمە قىلغۇچى ئابلەت )

مەرمەر تاش بېسىلغان بۇ كىچىك كوچا كوچا چىراغلىرىنىڭ خىرە نۇرىدا دەرەخ سايىسى ئاستىدىن جىلۋىلىنىپ تۇراتتى،مەن مېھمانخانىنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك بىرىنچى نومۇرلۇق بىناسىغا قاراپ ماڭدىم.ئۆلكىلىك تەشكىلات بۈلۈمىنىڭ  مۇئاۋىن باشلىقى  سۈن داشىڭ بۈگۈن ئاخشام بىرىنچى نومۇرلۇق بىنانىڭ غەربچە ئاشخانىسىنىڭ 5- ئايرىم خانىسىدا بىزــ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىغا زىياپەت بەرمەكچى ئىدى سۈنداشېڭ  كىرە-كىرمەيلا ئۇنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى.  ئۇنىڭ مەرتىۋىلىكلەرتۆۋەندىكىلەرنى ياراتمىغاندەك كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بىز ئالمان-تالمان ئورنىمىزدىن تۇردۇق. ياق-ياق، مەندىن باشقسى ئەسلىدىنلا تۇرۇقلۇق ئىدى، سۈنداشېڭنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ كېرىلىپ تۇرغان بەدەنلىرىگە جىددىي تۈسكىرىپ،ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشقاندەك تۇيغۇ بەرگەنىدى. قارىماققاتىنچ سۇدەك كۆرۈنىدىغان  شې لەن يىڭنىڭ بېلىمۇ ئاستا رۇسلىنىپ،قولى قورسىقى ئۈستىدە باغلىنىپ تۇردى. ئەسلىدە ئالمان-تالمان تۇرۇپكەتكىنى  مەن ئىدىم، ئەسلىدە تۇرغۇم يوق ئىدى، لېكىن بەدىنىم ئۆزلۈكىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ سالاپەتلىك ياش ئىشىكتىن كىرىپ تىزلا بىر ياققا ئۆتتى-دە بېلىنى ئىگىپ مەشىقلەندۈرۈلگەن ساپالىق كۈلۈمسىرىشىنى جىلۋىلەندۈردى. شۈن داشېڭ داڭلىق شاخىس تەختكە چىققاندەك ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيدىغان ھالدا بىزنىڭ ئالدىمىزدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كىيىۋالغان ئالتۇن رەڭلىك كۆڭلىكى،قارا ئىشتىنى ، سەل تومپىيپ چىققان قورسىقى ،پارقىراپ قالغان كاللىسى كىشىنىئەيمەندۈرەتتى. چاچلىرى تال-تال بولۇپ ناھايىتى قىممەتلىكتەك تۇيغۇ بېرەتتى. كۆزئالدىمدا ئۇنىڭ 20يىل ئالدىدىكى  ئوبرازى بىلەن ھازىرقى چوڭ ئەمەلدارلىق ھالىتى سېلىشتۇرما بولۇۋاتاتتى. كۆز ئالدىمدىكى بۇ كىشى بىزنىڭ باغقا گىلاس ئوغرىلىغىلى كىرىپ قوتانغا چۈشۈپ كەتكەن شۈن دا شېڭدىن ئايلانغاندەك ئەمەس، موزاي قېرىپ ئېشەك بولالمىغاندەك كۆرىندى.بىراق ئۇنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ھىچكىشىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان  كۈلكىسىدىن قارىغاندا سالاپەتلىك بۇ چوڭ ئەمەلدار  كىچىكىدىن باشلاپ ئۇدۇل كەلگەننەرسىلەرنى ئوغرىلايدىغان ئەبلەخ شۇ ئىدى.

شۈن داشېڭ «ھې ... ھې...ھا..ھا... » دەپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگەمېھمانخانىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىشىكى يېپىلىپ ھېلىقى سالاپەتلىك  ياش تۇمان تارىغاندەكلا غايىب بولدى. -« ھې ... ھې...ھا.. ھا...» دۇڭ لىياڭچىڭ، سۈنداشېڭ  دۇڭ لاڭ چېڭنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا« ئامبار چاشقىنى بەك سېمىز، كۆرسىمۇ ئادەم كەتمەس قېچىپ».. -دېدى.

- ھې ... ھې...ھا.. ھا... جاڭفا جەن. شۇن داشېڭ جاڭ فا جەننىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ« بېيىماقچى بولساڭ ئاۋۋال يول ياسا.

- ھې ... ھې...ھا.. ھا... سۈن داشېڭ شاڭزى لەننىڭ قۇلىنى  سىقىپ كۆرۈشكەچ،ئۈچ خىل كىشىنىڭ بۆكى چوڭ،ئۇنىڭدىن قاچالماس جاۋابكار ھەم دەۋاگەر.

- ھې... ھې...ھا.. ھا... سۈن داشېڭ شاۋ ماۋ فاڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،كىتابتىن خەزىنە چىقار،قۇرلىرىدىن تىللا تۆكۈلەر.

سۈن داشېڭ كۈلۈپ كۆزلىرى گازىردەك قىسىلىپكەتكەنىدى،ئۇ شىيې لەنيىڭنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە ئۇنىڭغا بىر نەچچە رەتكۆز يۈگۈرتۈپ، كۆزى ئۇنىڭ يۈزىگە تىكىلدى ۋە ئۇنىڭغا- ھە جۇۋان:-دېدى. شىيې لەنيىڭنىڭ يۈزى ۋىللىدە قىزاردى.

سۈن داشېڭ :-كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،كېلىڭ قول ئېلىشىپ قۇيايلى:-دېدى

  شىيې لەنيىڭ ئىككىلەنگەن ھالدا قولىنى سۈن داشېڭغا ئۇزاتتى-دە،يۈزىنى ئۇنىڭدىن ئېپ قاچتى،ئۇنىڭ خىجىل بولغان ھالىتى كىچىك قىز بالىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

-     -ئەي شاۋ ماۋ فاڭ سىزن شې لىن يەننىى بەك قاتتىق باشقۇرىۋەتتىڭىزمۇ نېمە؟  دەپ سورىدى سۈن داشېڭ  شىيې لەنيىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇرۇپ بېشىنى بۇراپ.

-ئۇۋال بولدى سۈن باشلىق، شاۋ ماۋ فاڭ ئاشۇرۇۋەتكەن ھالدا، «قاراڭ مىنىڭ ئەپتىمگە نەدىمۇ مەن ئۇنى باشقۇرالاي»

-قانداق ئۇۋالچىلىق بولسا ماڭا دەڭ،مەن سىزگە ئىگەبولىمەن دېدى سۈن داشېڭ شىيې لەنيىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ.

شۈن داشېڭ شىيې لەن يىڭنىڭ قۇلىنى بوشىتىپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى. مەن ئىچىمدە ئۇنى  مىراخور دەپ ئاتاشنى ئويلىدىم، بۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا ئۆزۈم قويغان لەقەم ئىدى. لېكىن گەپ ئېغىزىمنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە يەنە يۇتۇۋەتتىم. ئۇ بوغماق قولىنى يىراقتىن مەن تەرەپكە ئۇزۇتۇپ كەلدى، مېنىڭ قولۇم ئۆزلۈكىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇنىڭ قولىنى قارشى ئالدى. مىنىڭ قولۇم ئۇنىڭ بوغماق قولىدا قۇش بالىسىدەك ھەم يۇمشاق ھەم ئىللىق بىرسېزىمنى سەزدى. سۈن دا شېڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يېڭىمنى سىلىغاچ ۋېي ئاراقول ئۈستى-بېشىڭ يېڭلىنىپ كېتىپتىغۇ ئېغىنايدىغانغا توپا تاپالمىغان ئوخشىمامسەن دېدى.

« بۇ ئۆلگۈر مېھمانخانىنىڭ ھەممە يېرىگە سىمۇنت ئىشلىتىپتۇ،ئازراقمۇ توپا تاپقىلى بولمايدىكەن- دېدىم مەن.

-بىز كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ كىيىملىرىنى سىلىۋېتىپ، كاستۇمىنى يەرگە قويۇپ بەدىنىنى ئۇۋىلاۋېتىپتىكەن-دېدى شىياۋماۋفاڭ، كۆپچىلىك ھەممىسى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

-بولدى، بولدى، ياۋاش ئادەمنى بوزەك قىلماڭلا! قېنى ئولتۇرۇڭلار! ھە راست شىيې لەن يىڭ سىز مىنىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇڭ دېدى سۈن داشېڭ.

-بولدى مۇشۇ يەردە ئولتۇراي دېدى شىيې لەن يىڭ.

-بولمايدۇ،  غەربچە قائىدە بۇيىچە سىز دەڭ ئاياللارھۆرمەتلىنىدۇ.

-سۈن باشلىق سىزنى ئولتۇرۇڭ دېگەندىكىن،ئولتۇرمامسىز دېدى؛- شىياۋ ماۋفاڭ.  

-بېرىڭ بېرىڭ، قېنى تۇرۇڭ،دوڭلىياڭ چىڭ شىيې لەن يىڭنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى سۈن داشىڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.

يۇمىلاق ئۈستەل بەك چوڭ،ئالتە ئادەم ئولتۇرسا بەك ئارتۇقچە بۇلاتتى.

-كۆپچىلىك يېقىنراق ئولتۇرايلى دېدى شۈن داشېڭ.كۆپچىلىك قوزغالمىدى.

 ناھايىتى چىرايلىق بىر كۈتكۈچى قىز سۈن دا شىڭنىڭ كەينىگە بېرىپ، ئاستاغىنا -سۈنباشلىق نېمە ھاراق ئىچىسىز؟ -دەپ سورىدى. سۈن دا شىڭ ھەربىرىمىزنىڭ كۆزىگە بىرقارىۋەتكەندىن كىيىن،- كونا ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ئەلۋەتتە ئاق ھاراق ئىچىمىزدە- دېدى.

- مەن ئاق ھاراق ئىچمەيمەن دېدىشىيې لەن يىڭ.

سىز يەنە ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىۋاتىسىزغۇ دېدى شاۋ ماۋفاڭ شې لەن يىڭگە ئالىيىپ.

«ئاق ھاراقلاردىن ماۋتەي،ۋۇلاڭيې، جىيۇۋ گۈي، فېن ھارىقى قاتارلىقلار بار قايسىسى لازىمكى دېدى مۇلازىمقىز.  - جىيۇۋ گۈي - دېدى  سۈن دا شېڭ.

كۈتكۈچى ھاراق بوتۇلكىسىنى ئېچىپ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىدىكى ئستىكانغا ھاراق تولدۇردى. شې لەن يىڭ  رومكىنى ئېلىپ،-مەن راستتىنلا ئاق ھاراق ئىچەلمەيمەن دېدى.

 -ئىچەلمىسىڭىزمۇ قويۇپ قويۇپ قاراپ ئولتۇرۇڭ- دېدى  سۈن دا شېڭ.

- سۈن باشلىقنىڭ  گېپىنى ئاڭلايلى- دېدى جاڭ فا جەن شىيې لەن يىڭنىڭ قولىدىكى رومكىنى ئېلىپ.

بىر كۈتكۈچى ھاراق قۇيۇۋاتاتتى.بىر قانچە كۈتكۈچى  راك، قىسقۇچ پاقا،دېڭىزئادەم گىياھى، سەدەپ قورۇمىسى قاتارلىق سەيلەرنى ئېلىپ كەلدى.

شن داشېڭ رومكىنى قۇلىغائېلىپ، -ساۋاقداشلار كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىل بوپتۇ، بۇ بىر رومكا ھاراقنى سىلەرگەتۇتاي-دېدى، ھەممىمىز رومكىنى ئېلىپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ شۈن دا شېڭ بىلەن سوقۇشتۇرماقچى بولدۇق،سۈن داشېڭ رومكىنى ئۈستەلگە ئۇرۇپ -بولدى بولدى تۇرماڭلار-دېدى. ئۇ رومكىنى كۆتۈرۈپ گۈپپىدە ئىچىۋېتىپ،  رومكىنى يانتۇ قىلىپ كۆپچىلىككە كۆرسەتتى.

- بۇنچىلىك ھاراق نېمىتى، مەن بىرلا كۆتۈرۈۋەتتىم ،جاڭ فاجەن،شڭيېۋ ماۋفاڭلارمۇ كۆتۈرۈۋەتتى ،پەقەت شىيې لەن يىڭلار ئىچمىدى- سۈن دا شېىڭ  ئۇنىڭ رومكىسىغا قاراپتۇرۇپ،-سىز لېۋىڭىزنىمۇ تەگكۈزۈپ قويمىدىڭىز،بۇنداق قىلسىڭىز بولماس؟- دېدى سۈن داشېڭ.

-مەن راستتىنلا ئىچەلمەيمەن دېدى شىيې لەن يىڭ.

شۈن دا شېڭ ئۇنىڭ  رومكىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ،  ئازراق يۈزۈمنىمۇ  قىلمايسىز شۇنداقمۇ ؟-دېدى.

-مەنراستتىنلا ئىچەلمەيمەن .

-سۇنىمۇ ئىچەلمەمسىز؟

- سۇنى ئەلۋەتتە ئىچەلەيمەن.

-سۇنى ئىچەلىگەن ئادەم ھاراقنىمۇ ئىچەلەيدۇ.

-مۇنداق بولسۇن،بولمىسا ئېرىڭىز سىز ئۈچۈن ئىچىۋەتسۇندېدى ساڭزى لەن.

-بولمايدۇ، ھاراق سورۇنىدا  ئەر-خوتۇن يوق دېدى سۈن دا شېڭ .

-بىر ئىستاكان چاشقان دورىسى بولسىمۇ ئىچىسىز- دېدى شاۋ يا فاڭ ئاچچىقلانغانھالدا.

- بۇ سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىز دېدى سۈن دا شېڭ ئالىيىپ.

-مەن خاتا گەپ قىلىپتىمەن، مەن ئۈچ رومكا جازا ھارىقى ئىچەي دەپ قولىنى بوتۇلكىغا ئۇزاتتى. -سەن گەپنى بۇرىما-دېدى سۈن داشېڭ-شىيې لەنيىڭ سىزئىچەمسىز،ئىچمەمسىز؟ سىز ئىچمىسىڭىز بىزمۇ ئىچمەيمىز!

-تازىمۇ،مەست بولۇپ قالسام مېنى مازاق قىلماڭلار- دېدى شىيې لەنيىڭ. كىمنىڭ ھەددىكەن، مەن شۈن دا شېىڭ بار يەردە كىم سىزنى مازاق قىلالايدۇ، يەنەكېلىپ مەنمۇ سىزنى مەست قىلىۋەتمەيمەن.

-بولىدۇ ئەمىسە دېدى شىيې لەنيىڭ رومكىنى قولىغا ئالغاچ-جاننى تىكتىم،ئۇ رومكىنى كۆتۈرۈپ ئاۋۋال بىريۇتۇم ئىچىپ،-بەك ئاچچىقكەن، ئاندىن ھەممىنى بىراقلا كۆتۈرۈۋېتىپ،رومكىنى ئۈستەلگەدۈم كۆمتۈرۈپ قويۇپ،-مىنىڭ ۋەزىپەم تۈگىدى!-دېدى. -قايسى ۋەزىپىڭىز تۈگىدى، ئىنقىلاب تېخى غەلىبە قىلمىدى يولداشلار يەنىلاتىرىشايلى! -دېدى  سۈن داشېڭ  قىپقىزىل قسقۇچ پاقىنى ئاممىۋىي چوكا بىلەن شىيې لەنيىڭنىڭ قاچىسىغا سېلىپ قويغاچ- « ئازراق بىر نەرسە يەڭ، جەڭنى داۋاملاشتۇرايلى، كۆپچىلىكمۇ يەڭلار . ئۈچ رومكا ئاخىرلاشقاندىنكىيىن شىيې لەنيىڭ دەلدەڭشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ،- مەن ئەمدى بىر رومكىمۇ ئىچەلمەيمەن- دېدى.

سۈن داشېڭ ئۇنىڭ بىلىكدىن تارتىپ،-سىز نەگە ماڭدىڭىز؟- دېدى.

- مەن ئەمدى ئىچمەيمەن، راستتىنلا ئىچەلمەيمەن -دېدى شىيې لەنيىڭ.

-ئىچمىسىڭىزمۇ ئولتۇرىشىڭىز كېرەك -دېدى سۈن دا شېڭ

-ماقۇل، ماقۇل مەن ئولتۇراي -دېدى شىيې لەن يىڭ.

دوڭ لىياڭچىڭ رومكىنى ئېلىپ سۈن دا شېىڭغا بۇرۇلۇپ، -سۈن باشلىق مەن سىزگە بىررومكا تۇتاي- دېدى.

-ھاراق سورۇنىدا پەقەت ساۋاقداشلارلا بار، باشلىق دېگەنلەر يوق، كىم بۇ قائىدىنى بۇزسا ئۈچ  رومكا جازا ھارىقى ئىچىدۇ -دېدى شۈن داشېڭ.

-ئەمدى ئۇنداق دېمەيمەن، ئەمدى ئۇنداق دېمەيمەن!- دېدى دوڭ لىياڭچىڭ.

-ئاۋۋال جازا !-دېدى سۈن دا شېڭ.

سۈن باشلىق....

- يەنە شۇنداق دەۋاتىسەنغۇ!

- ئەستا مەن گۇناھىمنى تونۇدۇم

، دوڭ لىياڭچىڭ ئۈچ رومكىنى ئارقىمۇ-ئارقا ئىچىۋەتكەندىنكېيىن،يەنە بىر رومكا تولدۇرۇپ قۇيۇپ:- كونا ساۋاقدىشىم ساڭا بىررومكا تۇتاي- دېدى. كۆپچىلىك ئارقا-ئارقىدىن سۈن داشېڭغا ھاراق تۇتتى.نۆۋەت شڭياۋ ماۋفاڭغا كەلگەندە  ئۇ ئۆزى ئاۋۋال ئۈچ رامكا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن:-مەن ئاۋۋال جازالىناي، سۈن باشلىق، كوناساۋاقدىشىم سىزگە بىر رومكا تۇتاي- دېدى.

-بۇ بولمايدۇ، قائىدىنى قەستەن بۇزدۇڭ، يەنە ئۈچ رومكا جازا ھارىقى قېتىلدى.

-ئۈچ رومكا بولسا ئۈچ رومكابولسۇن-دېدى شڭياۋ ماۋفاڭ مەغرۇر ھالدا:- ئوغۇل بالا،ئەركەك دېگەنگە ئۈچ رومكا دېگەن نېمىدى؟

-ساراڭ دېدى شىيې لەنيىڭ بوش ئاۋازدا.

-ئىچىڭىز ئاغرىدى؟- دېدى شۈن دا شېڭ.

ئۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى!-دېدى شىيې لەنيىڭ يۈزلىرى قىزارغان ھالدا.

شىياۋ ماۋفاڭ ئۈچ رومكىنى ئۇدا كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن:- « ئىككى يەردە ئۈچ ئالتە، ئۈچ يەردە ئۈچ توققۇز،  سۈن باشلىق ئەمدى سىزگە سىزگە ھاراق تۇتسام بۇلا؟

-سۈن دا شېڭ شىياۋ ماۋفاڭ بىلەن رومكا سۇقۇشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن:- ماتېماتىكىنى خېلى ياخشى ئۆگىنىپتىكەنسەن ھە!-دېدى.

- مەن ئون يىل كىتابخانىنىڭ بوغالتىرى بولدۇم، سەككىز يىل مۇئاۋىن دىرېكتورى بولدۇم ھەم قوشۇمچە بوغالتىر بولدۇم!-دېدى شاۋ ياۋاڭ  كۆڭلى يېرىم ھالدا.

-تېخى خىجىل بولماي دېگەن گەپلىرىنى مانىڭ، يەنە قانداق بولسىڭىز بولىتى؟-دېدى شىيې لەنيىڭ.

- مۇھەببەتتە غەلىبە قىلغان بىلەن،ئەمەلدارلىق سورۇنىدا مەغلۇپ بولدى،-دېدى جاڭفاجەن:-بىراق مەغلۇپ بولدى دېگىلىمۇ بولمايدۇ،بۇرادەر مەنمۇ نەچچە يىل بولدى مۇئاۋىنغۇ؟  ناۋادا شىيې لەنيىڭ مىنىڭ خوتۇنۇم بولغان بولسا  بېرىپ گەندە تارتقان بولساممۇ رازى بولغان بولاتتىم!

-چاقچىقىڭلارغا مېنى قېتىۋالماڭلار- دېدى شىيې لەنيىڭ قىزارغان ھالدا.

-ھې...ھې... شىيى لەنيىڭ ئاچچىقلاپ قالدى،-دېدى دوڭ لىياڭچىڭ:- ئاچچىقلانغانھالىتىڭىز نېمە دېگەن ئوماق ھە !

- شىيې لەنيىڭنى بوزەك قىلىشىڭلارغا يول قويمايمەن- دېدى سۈن دا شېڭ رومكىنى قولىغا ئېلىپ :-كېلىڭ، كونا ساۋاقدىشىڭىزسىزگە بىر رومكا تۇتاي.

-مەن ئاللىقاچان ئۈچ رومكا ئىچىپ بولدۇم، يەنە ئىچسەم مەست بولۇپقالىمەن.

-ئۆزىنىڭ ئۈچ رومكا ئىچكەنلىكىنى بىلگەنلىكى مەست بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە كېلىپ مەست بولسىڭىزمۇ نېمە بۇلاتتى؟ مەست بولۇشمۇ بۇ ھاياتتاتەستە بىر كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟!

-توغرا بىر قېتىم مەست بولماقمۇ تەس، -دېدى شڭياۋ ماۋفاڭ :-سۈنباشلىق سىزنى ئىچ دېگەندىكىن ئىچمەمسىز!

- مەن راستتىنلا جېنىمنى تىكتىم دەپلا ئىچىۋەتتى شىيېلەنيىڭ.

-ھە ئەمدى ئەسلى قىياپىتىنىكۆرسەتتى-دېدى، سۈن دا شېڭ:- كىشىلەرنىڭ ھاراق سورۇنىدائۈچكە سەل قاراشقا بولمايدۇ دېگىنى بىكار ئەمەسكەن «يۈزى قىزارغانغا، دورايېگەنگە، ئۆرۈمە چاچلارغا- دېدى-ئۆرۈمە چاچمۇ تېخى- دېدى شىيې لەنيىڭ بېشىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ- چاچلارغا ئاق كىردى!

-سىز يەنىلا ياشلىقتىكى ھۆسن- جامالىڭىزدىن كەتمەپسىز- دېدى،ساڭ زىلەن:- لېكىن بىز راستلا  قېرىدۇق.

-مەنمۇ قېرىدىم - دېدى شىيېلەنيىڭ:- ئەر كىشى قىرىقتىن ئاشسا بىر تال گۈل، ئايال كىشى قىرىقتىن ئاشسا پۇرچاقئۇيۇتمىسىنىڭ قالدۇقى.

-سىز يېڭى پۇرچاق ئۇيۇتمىسىبىز پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ قالدۇقى-دېدى جاڭ فاجەن.

-ھەممەيلەن پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ قالدۇقى-دېدى شىياۋ ماۋ فاڭ  تىلى گەپكە كەلمىگەن ھالدا.

-سەن شۇ يېڭى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى يەپ راھەتتە-دېدى دوڭلىياڭ چىڭ.

-سىلەر ھەممىڭلار مېنى چاقچىقىڭلارغا قېتىۋالدىڭلار - دېدى شىيې لەنيىڭ.

-مۇمكىنمۇ؟-دېدى،سۈن داشېڭ ھاراقنى قولىغا ئېلىپ شىيې لەنيىڭنىڭ رومكىسىغاسوقۇشتۇرۇپ تۇرۇپ:-  قېنىكۆتۈرەيلى.

يەنە ئىچەمدىم؟-ئىچىڭ!-دېدى، شىياۋ ماۋفاڭ:- ھايات دېگەن شۇنداق،ئىچىڭ!

-كىم غۇدۇرىسا بولىدۇ، لېكىن سەن شىياۋ ماۋ فاڭ غۇدۇرىساڭ بولمايدۇ!- دېدى سۈن دا شېڭ.

-نېمىشقا؟  نېمىشقا مەن غۇدۇرىسام بولمايدۇ؟- دېدى شاۋماۋ فاڭ.

سەن سولتەك بىزنىڭ مەكتەپنىڭ گۈلىنى يۇلۇپ كەتتىڭ،  كۆپچىلىك ئويلاپ بېقىڭلار شىيې لەنيىڭ مەكتىپىمىزنىڭ تەشۋىقات ئەترىتىدىكى چاغدا..... ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ،  يەنەپۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ماڭالايتتى .....ئۇ چاغلارداپۈتۈن ناھىيىدىكىلەر 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە سەھنىدە پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ  18قېتىم ئايلىنالايدىغان بىر قىزنىڭ بارلىقىنىبىلەتتى!

نەچچە يىل ئالدىدىكى شىيې لەنيىڭ پۇتىنى ئاسمانغا قىلغان سىيماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئىككى ئۆرۈمە چېچى بار ئىدى،ئۆرۈمە چېچىغا قىزىل لېنتا چىگىكلىك ئىدى، ئۇ ئىككى قولىنىيەرگە تىرەپ، ئىككى پۇتىنى ئاسمانغا قىلاتتى، كىندىكى ئېچىلىپ قالغان ھالداسەھنىدە چۆرگۈلەتتى،پەستىكىلەر ئالقىش سادالار ياڭرىتاتتى.

-قېرىدىم -دېدى شىيې لەنيىڭ  كۆزىنى چاقنىتىپ.

سىزقېرىمىدىڭىز- دېدى سۈن دا شېڭ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ:- قانداق، كوناساۋاقداشلارغا يەنە بىر قېتىم ماھارەت كۆرسىتىپ بېرەمسىز؟

-سىزمېنى سەتلەشتۈرمەكچىمۇ؟- دېدى شىيې لەنيىڭ.

- راستتىنلا بولمايدۇ......

- كۆپچىلىك ئىلھام بېرەيلى.

-  يۈزىمىزنى قىلىڭ-دېدى سۈن دا شىڭ.

-سىلەرنى زە.....

-ئويناپ بېرىڭ دېگەندىن كېيىن ئويناپ بەرمەمسىز! دېدى شىياۋ ماۋفاڭ.

-سىز نېمىشقا ئويناپ بەرمەيسىز؟-دېدى شىيېلەنيىڭ.

-ئەگەر ئوينىيالىغان بولسام ئاللىقاچان ئوينىغان بولاتتىم،-دېدى شىياۋماۋفاڭ:- سۈن باشلىق بىز بىلەن تەستە بىز بىلەن جەم بولدى،20نەچچە يىل  بولدى، ئاران بىر قېتىم.

-راستتىنلا بولمايدۇ.  

سىز تازىمۇ ئىززىتىڭىز نىقىلغاننى بىلمىدىڭىز-دېدى شىياۋ ماۋفاڭ.

-دېمەككەئاسان،بولمىسا سىز ئويناڭ.

-مەن ئوينىيالىغان بولسام  ئاللىقاچان ئوينىغان بولاتتىم.

-سىلەر مېنى قەستەن تېرىكتۈرمەكچىمۇ؟

-كىمنىڭ ھەددىكەن؟ دېدى: سۇن دا شېڭ.

شىيېلەنيىڭ ھېلىقى كىچىك سەھنىگە چىقتى، بىلىكىنى تۈرىۋىتىپ يوپكىسىنى كۆتۈرگەچ:- « مەشىق قىلمىغىلى كۆپ بولدى.....- دېدى

-مەنپاش قىلاي-دېدى، شىياۋ ماۋفاڭ :- ئۇ ھەر كۈنى كارىۋات ئۈستىدە موللاق ئېتىپ تىكتۇرىدۇ.

-پوق! شىيې لەنيىڭ تىللىغاچ غولىچىنى كېرىپ، ئىككى بىلىكىنى كۆتۈردى،  بەدىنى ئالدىغا سەل سۈردى، قولىنى تىرەپ بىر پاچىقىنى كۆتۈردى  لېكىن ئارقىدىنلا يەردە يېتىپ قالدى.-راستتىنلا بولمىدى-دېدى،لېكىن ھەر كىتىنى توختاتمىدى. ئۇ كالپۇكىنى چىڭچىشلەپ، تولۇپ تاشقان غەيرەتكە كېلىپ، ئىككى بىلگىنى يەرگە تىرەپ ئاخىرى ئېغرئىككى پۇتىنى كۆتۈردى، ئۇ راستتىنلا ئاسمانغا قاراپتىك موللاق بولغانىدى. ئۇنىڭ يوپكىسى خۇددى بانان شۆپۈكىدەك پەسكە ساڭگىلاپئۈستۈنكى بەدىنىنى ياپتى. شۇنىڭ بىلەن يوپكىسى يوشۇرۇپ تۇرغان تولغان ئىككى يوتىسىۋە قىپقىزىل كۇسىرى كۆرۈنۈپ قالدى، كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش-سادا ياڭراتتى. شې لەنيىن بۇنى سەزدى بولغاي، ئالدىراپ-تېنەپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى  قولىدا يۈزىنى تۇتۇپ، دەلدەڭشىگىنىچە چىقىپكەتتى.

كۆپچىلىك بىر پەس جىم بولۇپ كەتتى، شۈن دا شېڭ رومكىنى قولىغا ئېلىپ، شىياۋ ماۋفاڭغا، -كونا ساۋاقدىشىم ساڭا بىر رومكا تۇتاي، شىيې لەنيىڭنى ئوبدان ئاسرا -دېدى.

-سۈن باشلىق، دېدى شىياۋ ماۋفاڭ كۆزلىرى مۆلدۈرلىگەن ھالدا:- شې لەن يىڭ ماڭا تېگىپ  راستتىنلا ئۇۋالچىلىق تاراتتى، مەن ئىقتىدارسىز، ئىلگىرلىشىم ئاستا، گەرچە پارتىيە ئۈچۈن كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان بولمىدى... ..-دېدى.

     -يەنىلا ماۋزېيدۇڭنىڭ كونا گېپى- دېدى سۈن داشېڭ:-«بىز چوقۇم ئاممىغا ئىشىنىشىمىز، بىز چوقۇمپارتىيەگە ئىشىنىشىمىز كېرەك،مانا بۇ ئىككى ئاساسىي پىرىنسىپ. كىمكى بۇ پىرىنسىپتىن گۇمانلانسا ئۇ ئادەم ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقاچىقىرالمايدۇ.


مەنبە: مويەن ھېكايىلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohlani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 05:19 PM  


دۇنيا ئۈمىد بىلەن تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:48:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ھېكايىنى ساقلاپ قويۇپ ئالدىرىماي كۆرسەم بولغۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115098
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:53:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن، رەھمەت...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 855
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34393
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 01:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ كالپۇكىنى چىشلەپ...دېگەن يەردىكى تەسۋىر «ئاجايىپ»تەسۋىر بوپتۇ.نىمىلا دېگەن بىلەن جوڭگۇ ئەدەبىياتىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 06:15:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن ،جاپا چىكىپسىز.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27723
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5733
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2011-1-25
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 08:36:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمىسى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ،لىكىن ماۋزۇ  تازا قاملاشمىغاندەك تۇردۇ،  مىنىڭچە ،(ئ‍اسمان تاپان) دىگەن  بولسڭىز  تېخىمۇ چۈشنىشلىك بولاركەن، چۈنكى بىزنىڭ يۇرىتلاردا ئىككى پۇتنى يۇقىرغا قاربتىپ كۆتەرگەننى ئ‍اسمان تاپان قىلدى دەيدۇ، كەچۈرۈڭ  ئ‍اتكاچىلىق قىپقويدۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش