|
|
|
|
باشقۇرغۇچىدىن ئەسكەرتىش:
رۇسلان ماركىسى لاھىيلەش مۇسابىقە پائالىيتىدە مىسرانىم مۇنبىرى ۋە بېكەت باشلىقى پەقەتلا تەشۋىقات رولىنى ئۆتىدۇ.. ماركا تاللاش ۋە شاللاش ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي رۇسلان شىركىتى مەسئۇلى ياقۇپجان ئەپەندىم باش باھالىغۇچى رولىنى ئۆتىدى... ماركا پائالىيتىدە بىرقىسىم ئەزالار مۇنبىرىمىزگە ئوڭۇشلۇق تىزىملىتىپ كىرەلمىدى. شۇ سەۋەب ئۇلاردىن ئۆزرە سورايمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار ۋە دوستلار:
قەشقەر رۇسلان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مىسرانىم مۇنبىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ،ئارىمىزدىكى لايىھە جەھەتتە تالانتى بار، ئىجادى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياشلارنى قېزىپ چىقىش ۋە ئۇلارغا ئۆز تالانتىنى كۆرسىتىدىغان كەڭ سەھنە يارىتىپ بېرىش، شۇنداقلا شىركەت ماركىسىنى ئەڭ سۈپەتلىك ۋە ئالاھىدە شەكىلدە لايىھەلەش ئۈچۈن، « رۇسلان ماركىسىنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى » پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق، پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى ۋە زىھنىنى سەرىپ ئەتكەن قىرىنداشلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئىيتىمىز.
مۇسابىقە جەريانى كەسكىن ۋە ئۇتۇقلۇق ئىلىپ بىرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،مۇسابىقە جەريانىدا شىركىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ياخشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مىسرانىم بىكەت باشلىقى ئابابەكرى مۇختەرنىڭ تەلىپى بويىچە بىزگە بىزگە ئىلخەت شەكلىدە ،كىيۇ كىيۇ،ئۈندىدار قاتارلىقلاردا يوللانغان ماركىلارنى ئادىل ۋە ھەققىي بولىشى ئۈچۈن مۇسابىقە تەرتىبىگە كىرگۈزمىدۇق، مۇنبەرگە يوللانغان ماركىلار ھەقىقەتەن ئويلىغىنىمىزدىنمۇ چىرايلىق نەپىس لايىھەلەنگەن بولۇپ، لايھەلىگۈچىلەرنىڭ ئەجرىگە شىركىتىمىز نامىدىن يەنە بىر قىتىم رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز،شىركەتكە نىسبەتەن ماركا شىركەتنىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈردىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ،يوللانغان لەيىھە ئەسەرلەردە بەزى مەسلىلەرمۇ مەۋجۇت ئەلۋەتتە،ئىسىل لايىھەلەر كۆپ،بىز تاللايدىغان ماركا بىر بولغاچقا بىز ئىمكانقەدەر شىركىتىمزنىڭ ھەرقايسى كەسىپ تۈرلىرىدە ئىشلەتكىلى بولدىغان، خىرىدارلار ئاسان چۈشنەلەيدۇ ۋە ئەستە ساقلىيالايدۇ دەپ قارىغان ماركىنى تاللاپ چىقتۇق،بىزنىڭ تاللىشىمىزنى بەلكىم بەزى تورداشلىرىمىز قوبۇل قىلىشى ،بەزى تورداشلىرىمىز قوبۇل كۆرمەسلىكى تەبىي ئەھۋال،چۈنكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت مۇھىتى،بىلىم قۇرۇلمىسى،ياش پەرقى، كەسىپ ئوخشىماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار بىزنىڭ ئوخشىمىغان گۈزەللىك ئۆلچىمىمىز ۋە ھېسسىي بىلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا قىرىنداشلىرىمزنىڭ بىزنى توغرا چۈشىنىشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئاخىرىدا مىسرانىم مۇنبىرى باشلىق بارلىق تورداشلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئىيتمىز ۋە بۇندىن كىيىن كەڭ كارخانىچى دوستلارنىڭ مۇشۇ خىل تۈردىكى پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمىز
بىرىنجى دەرىجىگە ئىرىشكەن لايىھە :مۇكاپات سوممىسى 3000 يۈەن
(بىر نەپەر)
مۇنبەر ئەزاسى ماھىر لايىھەلىگەن :
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-136432-1-1.html
لايىھەدە ئاددىي شەكىل ئارقىلىق كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن ، ماركىغا قويغان تەلەپلەرگە مۇۋاپىق
ئىشلىتىلگەن فونت تۆۋەن كۆرسىتىش ئۈسكۈنىللىرىدىمۇ نورمال كۆرىنىدۇ(
MP3 كە ئوخشاش تۆۋەن ئىنىقلىقتىكى ئىكران ) ، ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرگە بىسىپ ئەركىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ دەپ قارىدۇق.
ئىككىنجى دەرىجىگە ئىرىشكەن لايىھە :مۇكاپات سوممىسى 500يۈەن
(ئىككى نەپەر)
1.مۇنبەر ئەزاسى كۆلچەك لايىھەلىگەن :
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-136423-1-1.html
لايىھە كۆركەم رەڭلىرى پاكىز بولۇپ ، كۆرگەن ئادەمگە قايسى ساھە ئىكەنلىكىنى دەرھال ھىس قىلدۇرالايدۇ،ئۇيغۇرچە يىزىقنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ قالغان
2.مۇنبەر ئەزاسى JasurBay لايىھەلىگەن :
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-135819-1-2.html
لايىھە كۆركەم رەڭلىرى پاكىز بولۇپ ، ئىشىلىتىشچانلىقى بىر قەدەر ئۇنۋېرسال .
ئۈچىنچى دەرىجىگە ئىرىشكەن لايىھە :مۇكاپات سوممىسى 300يۈەن
( ئۈچ نەپەر )
1.مۇنبەر ئەزاسى ATAMAN25 لايىھەلىگەن:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-135731-1-2.html
2.مۇنبەر ئەزاسى mima520 لايىھەلىگەن:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-136149-1-1.html
3.مۇنبەر ئەزاسى تورلاڭ لايىھەلىگەن:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-135700-1-2.html
مۇكاپات نەخلەشتۈرۈش ئۇسۇلى:
بىرىنجى دەرىجىگە ئىرىشكۈچى لايىھەنىڭ ئەسلىي ھۆججىتى،ئىشلەتكەن فونىت ..قاتارلىق ماترىياللارنى بولاقلاپ 2883525@qq.com خەت ساندۇقىغا ئەۋەتكەندىن كىيىن بىكەت باشلىقى ئابابەكرى مۇختار(مىسرانىم) ئارقىلىق نەخلەشتۈرىۋالىسڭىز بولىدۇ.
ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى دەرىجىگە ئىرىشكەن بەش نەپەر ماھىرنى تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇۋاپىق رىغبەتلەندۈرۈشنى قارار قىلدۇق ،بۇ ماھىرلار مىسرانىم مۇنبىرىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىسمى ئارقىلىق بىزگە پۇل تۆلەش گۆھىرى (支付宝) نومۇرىنى قالدۇرسا شىركىتىمىز مۇكاپات سوممىسىنى نەخلەشتۈرۈپ بىرىدۇ.
www.ruslan.com.cn
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
|
|
|
|
|
|