جۇمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
سەھەر پەيتى ئېچىلغان گۈلدەك.
غايىپ بولدى باغرىمدىن ھەسرەت،
ئاستا ئۇچۇپ تۇزىغان كۈلدەك.
جۈمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
جىلۋە قىلىپ بالقىغان نۇردەك.
ئاتەش دىلغا بەردىڭىز ئارام،
ئۇستا شائىر قالدۇرغان قۇردەك.
جۈمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
قۇياش پارلاپ يۇرىغان تۈندەك.
چۆمدى سۆيگۈ ۋەسلىگە ئالەم،
قۇتلۇق بايرام قاينىغان كۈندەك.
جۈمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
زىلال سۇدا ئەگىگەن ئايدەك.
ئېرىپ كەتتى پەرۋازلىق تەنلەر،
كۆڭۈل قۇيۇپ دەملىگەن چايدەك.
جۈمە كۈنى كەلدىڭىز يوقلاپ،
مۇڭلۇق كۈيگە چېلىنغان تاردەك.
قۇچاق ئاچتى سۆيۈملۈك ھايات،
چىن سۆيگۈدىن نېسىۋەم باردەك.
مەنبە: ئىجادىيىتىم