مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 539|ئىنكاس: 6

تىلۋىزور ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3071 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 03:48:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىر تىلۋىزور ۇقىرى تەكرارلىق تىلۋىزىيە سىگنالىنى ئارلاشما ھالەتتە كۈچەيتىپ ئاندىن سىگنال تاللاپ كۈچەيتىپ ئۇتتۇرا چاستوتىلىق سىگنالغا ئايلاندۇرۇپ كىيىنكى بۇغۇمغا يوللاپ بېرىدىغان يۇقىرى تەكرارلىق كۈچەيتىش تاللاش بۇغۇمى (گاۋپىنتوۇ، 高频头 ) ، ئۇتتۇرا چاستوتىلىك كۈچەيتىش بۇغۇمى، ئاۋاز سىگنالى ئايرىش بۇغۇمى، مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال ۋە قۇر قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال ئايرىش بۇغۇمى، يورۇقلۇق دەرىجە سىگنالى ، رەڭ ئايرىش بۇغۇمى دىگەندەك كۆپ بۇغۇملاردىن تەركىپ تاپىدۇ، دىمەك تىلۋىزىيە سىگنالىمۇ خاس ئاۋاز بىلەن سۈرەتتىن ئىبارەت ئىككىلا سىگنال ئەمەس، يەنە قۇر قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال، مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگنال، ئۈچ ئاساسى رەڭ سىگنالى ۋە يورۇقلۇق سىگناللېرىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، تىلۋىزور ئىكرانى نىپىز ئىكرانلار مەيدانغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاساسەن ئىلىكتىرونلۇق لامپا پىرىنسىپىدا ئىشلەيتتى،  رەڭلىك تىلۋىزوردا ئۈچ دانە ئاساسى رەڭ تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇلۇپ ، قىزىل، يىشىل ۋە كۈكتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسى رەڭنى مۇۋاپىق قۇشۇش ئارقىلىق باشقا رەڭلەر ھاسىل قىلىناتتى، مەن بۇرۇن ئۇقۇغان تىلۋىزور دىگەن كىتاپتا ، يىشىل رەڭ 56، كۈك رەڭ 11، قىزىل رەڭ 29 بۇلۇپ، قىزىل بىلەن كۈك قۇشۇلسا سۆسۈن، قىزىل بىلەن يىشىل قۇشۇلسا سېرىق، كۈك بىلەن يىشىل قۇشۇلسا ھاۋا رەڭ دىگەندەك ، ھەممىسى قۇشۇلسا ئاق رەڭ ھاسىل بۇلىدۇ.
   
رەڭلىك فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدىلا ئۈچ ئاساسى رەڭ پىرىنسىپى بۇيىچە سۈرەتكە ئالىدىغان بۇلۇپ ھەر-قايسى رەڭلەرنىڭ مىقتارى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرلىنىدۇ، رەسىم 2 سىنغا ئىلىش پىرىنسىپ رەسىمى. رەسىم 3 بولسا تىلۋىزوردىكى ئۈچ خىل ئاساسى رەڭلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىكراندا رەڭلىك سۈرەت ھاسىل قىلىش پىرىنسىپ ئىسخىمىسى بۇلۇپ، سايىلىك سۈرەت كۆرسىتىش بىلەن ئۇخشاپ كىتىدۇ. بۇرۇنقى ئىكرانلارنىڭ كەينىدىكى ئىلىكتىرون مىلتىقى قىسمىغا قارىسا رەڭسىز تىلۋىزورلاردا بىر تال، رەڭلىك تىلۋىزورلاردا بولسا 3 تال قىزىتىش پىلىكى بار.
  كاپىتالىستىك دۆلەتلەر دەسلەپكى تەرەققىيات ئاساسىدا رەڭلىك سۈرەتنى تىلۋىزىيە سىگنالى قىلىپ تارقىتىش ھەم بۇرۇنقى رەڭسىز تىلۋىزورلاردىمۇ كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ يورۇقلۇق سىگنالى بار قىلىپ pal دەيدىغان تۈزۈمدە سىگنال تارقىتىپ ئۇزۇنغا بارمايلا رەڭلىك سۈرەتنى سۈزۈك چىقىرىدىغان ntsc تۈزۈمىدە تارقىتىشنى باشلىغان، بۇنىڭدا نۇرغۇن پۇخرالار رەڭسىز ۋە pal تۈزۈمىنى قوللايدىغان رەڭلىك  تىلۋىزورلېرىدىن پايدىلىنالماي يىڭىدىن ntsc تۈزۈمنى قوللايدىغان  رەڭلىك تىلۋىزور سىتىۋىلىشىغا تۇغرا كىلەتتى.
  دۆلىتىمىزدە بۇرۇن ئاساسلىقى رەڭلىك ۋە رەڭسىز تىلۋىزورلارنى تەڭ سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە pal تۈزۈمىدىكى تىلۋىزىيە سىگنالى تارقىتىلاتتى. شۇڭا كونا تۈزۈمدە تىلۋىزىيە پىرۇگگىراممىلېرىنى قوللايدىغان نۇرغۇن تىلۋىزورلارنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ خەلىققە زىيان بۇلىشىدىن ساقلانغان ئاساستا ھازىرغىچە شۇ تۈزۈمنى ساقلاپ قالغان.
   تىلۋىزىيەدىكى سۈرەت كۆرسىتىش لامپىسى 766250 دانە يورۇتۇلىدىغان چىكىتتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، مەيدەن تەكرارلىقى(تۇغرىسىغا) 50 گىرتىس، قۇر تەكرارلىقى سىكونتىغا 16325 گىرتىس (تىك) بۇلىدۇ، يەنى ھەر-بىر چىكىت نۇقتىنىڭ رەت بۇيىچە كۈچلۈك ياكى ئاجىز يورىشى ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىنىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى سۈرەت لامپىسى ئىلىكتىرون مىلتىقىدىن ئىتىلىپ چىقىدىغان ئىلىكتىرونلارنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى يۇقىرى سۈرئەتتە تىزگىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قايسى ئىلىكتىروننىڭ قايسى چىكىت نۇقتىغا سۇقۇلىشىنى مەيدان ۋە قۇر ئېغىتقۇچى ئورامىدا ھاسىل بولغان ماگىنىت مەيدانى بەلگىلەيدۇ.
   تۇلۇقسىزدا ئۇقۇغاندا كىنو لېنتىسىدىكى سۈرەتنىڭ سىكونتىغا 24 پارچە يۈتكىلىش ئارقىلىق بىزگە ھەركەتلىنىۋاتقان سۈرەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلگەنتۇق، تىلۋىزىيەدە بولسا سىكونتىغا 25لىك سۈرئەتتە ئالمىشىدۇ، يەنى 50 گىرتىسلىق مەيدان ۋە 16325 گىرتىسلىق قۇر تەۋرىنىشىدىن ئىبارەت. كىنو لېنتىلېرىنى تىلۋىزىيە سىگنالىغا ئايلاندۇرۇشتا شۇنداق سىكونتىغا 25 قىتىم ئالمىشىدىغان قىلىپ تەڭشەيدۇ، بۇنىڭدا سۈرەتنىڭ ئازغىنا ئىتتىكلىشى كۆزىمىزگە بەك بىلىنىپ كەتمەيدۇ.

ئىلىكتىرون لامپىلىق تىلۋىزورنى كۆرگىنىم ئىسىمدە يوق، بىر غۇۋا ئىسخىمىسى؛

بۇ يېرىم ئۈتكۈزگۈچلۈك كىرىستال لامپىلاردىن ئىشلەنگەن تىلۋىزور ئىسخىمىسىنىڭ بىر قىسمى

بۇ يېرىم ئۈتكۈزگۈچلۈك توپلاشتۇرۇلغان  توك يوللۇق رەڭسىز تىلۋىزورنىڭ ئىسخىمىسى؛

  تۈۋەندىكىسى رەڭلىك تىلۋىزور توك يۇلى ئىسخىمىسى؛

1-تىلۋىزور يۇقىرى تەكرارلىق بىشى؛ 高频头

  ئالدى بىلەن رەڭسىز تىلۋىزورلارنىڭ يۇقىرى تەكرارلىق سازلاش قىسمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى، ئادەتتە كۈپىنچە تىلۋىزىيە تارقىتىش چاستوتىسىVHF  تەكرارلىق دائىرىسى 30 دىن 300 مىگا گىرتىسقىچە ۋە UHF تەكرارلىق دائىرىسى 300دىن 3000مىگا گىرتىسقىچە بۇلۇپ ئالدىنقىسىدا 1دىن 12 گىچە قانالدا كىيىنكىسىدە بولسا 13 تىن 56 گىچە قاناللارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
  دەسلەپتە رەڭسىز تىلۋىزورلارنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق قۇبۇللاش بىشى مىخاينىكىلىق ئۇسولدا ئۆزىدىكى تەۋرىنىش ئوراملېرى ۋە سازلاش تەكرارلىقىغا ماس كىلىدىغان ئۆلچەمدە ئورالغان سىم ئوراملارنى مۇناسىپ ئورۇنغا ئۇلاپ ئۈزۈش ئارقىلىق قانال تاللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان بۇلۇپ ، يۇقارقى رەسىمدىكى چوڭ رەڭسىز رەسىم شۇنىڭ قۇرۇلمىسى، ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى بىر رەسىمدىن باشقىلېرى شۇنىڭ مىتال قاپلىق سۈرىتى. رادىئودا يىقىن ئەتراپتىكى تىلۋىزىيە قاناللېرىنى بىۋاستە كۈچەيتىشچان رادىئو قۇبۇللىغۇچ ئارقىلىق قۇبۇللىغىلى بولسىمۇ تىلۋىزىيەدە ئاۋاز، سۈرەت، ۋە قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللار بار بولغاچقا كۆپلىگەن قاناللارنى بىر بىۋاستە كۈچەيتىشلىك توك يۇلى ئارقىلىق نورمال قۇبۇللاپ كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا يەنىلا يۇقىرى تەكرارلىق سىگنالغا ئەسلى سىگنالدىن 38 مىگا گىرتىس يۇقىرى تەكرارلىق سىگنالنى قۇشۇپ ئارىدا يەنە بىر 38 مىگا گىرتىسلىق ئارا چاستوتا ھاسىل قىلىپ شۇنى نەچچە بۇغۇملۇق كۈچەيتىپ ئاندىن شۇنىڭدىن يەنە 6.5 مىگا گىرتىسلىق ئارا چاستوتا ھاسىل قىلىپ ئاۋاز چاستوتىسىنى ئايرىۋالىدۇ، يەنە 10.5 مىگا گىرتىسلىق ئايرىم ئارا چاستوتا سىگنالى ھاسىل قىلىپ ئۇنىڭدىن سۈرەت سىگنالى ، قۇر-مەيدان قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللارنى ئايرىۋىلىپ قۇر ۋە مەيدان تەۋرەنەۈچلېرىنى سۈرەت مەنبەسىدىكى ئەسلى سىگنالدىكى قۇر-مەيدان سىگناللېرىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاندىن سۈرەت كۆرسىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇرۇنقى رەڭسىز تىلۋىزور كۆرگەنلەر ئىكراندا قىيپاش ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سىزىقلار چىقىۋالغاندا قانال يۈتكىگۈچنىڭ سىرتىدىكى ھالقىسىنى بىسىپ تۇرۇپ بۇراپ سۈرەت نورمال چىققاندا ئاندىن كۆرەتتۇق، شۇنىڭدا 38 مىگا گىرتىسلىق ئۆزىدىكى تەۋرىنىش سىگنالىنى تەڭشىگەن بۇلۇپ، ئارا چاستوتىلىق 38 مىگا گىرتىسلىق سىگنالنى مۇقىملاشتۇرۇغاندىن كىيىن قەدەملاشتۇرغۇچى سىگناللار يىتەرلىك كۈچىيىپ قۇر تەۋرىنىشىنى 16325 گىرتىس ياكى ئەسلى سىگنالدىكى تەۋرىنىشكە ماسلاشتۇرغان بۇلىدۇ. قۇر-مەيدان ئېغىتقۇچى ئوراملېرىدىكى ماگىنىت لاش كۈچىمۇ بىر ۋاقىتتا ماسلىشىپ ئىلىكتىرونلارنى سۇقۇلۇش ئورنىمۇ تەڭ ماسلاشتۇرۇلغان بۇلىدۇ.


سىگنالنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى تىلۋىزور كۆرۈشىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ سىگنال ئاجىز بولسا بىر بولسا سۈرەت يوق ئاۋازى ئاران چىقىدۇ، بىر بولسا چىمىرلاپ نۇرغۇن قار ئۇچقۇنلېرى پەيدا بۇلىدۇ. يۇقىرى تەكرارلىق باش نورمال دائىرە ئىچىدە سەل ئاجىزراق سىگنالنىمۇ كۈچەيتەلەيدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن بۇلۇپ، سىگنال كۈچلۈك يەردە بىرىنچى لامپا يەنى سىگنال كۈچەيتىش لامپىسىنىڭ ئاساس قۇتۇپ تۇكى كۈچەيتىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا تەڭشەلگەن بۇلىدۇ، ئەگەر 38 مىگا گىرتىسلىق ئارا تەكرارلىق كۈچەيتكۈچتىن كۈچەيتىلىپ چىققان سىگنال بەك كۈچلۈك بولسا ئاساسى قۇتۇپ توك بىسىمىنىمۇ ماس تۈۋەنلىتىپ سىگنالنىڭ كۈچەيتىلىشىنى تىزگىنلەيدۇ. بۇ تەرپى رادىئودىكىدەك سىگنال كۈچەيتىشنى ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىسىمۇ ئۇخشىمايدىغىنى تىلۋىزوردا يەنە ئارا تەكرارلىق سىگنال كۈچەيتىش بۇغۇمى ئارسىدىمۇ بىر كۈچەيتىشنى ئاپتۇماتىك كونتۇرول قىلىش توك يۇلى بار. كەسپى ئاتالغۇدا ئا گ س توك يۇلى دەپ قىسقارتىپ ئاتايمىز، ئىسخىمىلاردا AGC ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
  بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۈتۈشكە تىگىشلىك بىر ئىش بولسا  تىلۋىزور 1883-يىلى كەشىپ قىلىنغان بولسىمۇ 1951-يىللېرىغا كەلگەندە ئاندىن رەڭلىك تىلۋىزور بارلىققا كەلگەن، رەڭ ئايرىش توك يوللېرى تۇلىمۇ مۇرەككەپ بولغاچقا كۈپىنچە رەڭلىك تىلۋىزور زاۋۇتلېرى رەڭ ئايرىش توك يۇلىدا ساناقلىق نەچچە دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتىغا تاينىپ كەلگەن. دۆلىتىمىز 2005- يىلغا كەلگەندە ئۆز ئالدىغا رەڭلىك تىلۋىزور ياساپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، خېلى نۇرغۇن دۆلەتلەر رەڭلىك تىلۋىزور ئىشلەپچىقىرالىسىمۇ پۈتۈنلەي ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن زاپچاسلاردا ئىشلەپچىقىرالايدىغىنى كۆپ ئەمەس.
رىمونتچىلىقنى تاشلاپ قويغىلى 15 يىلدىن ئاشقان بولغاچ بىر قىسىم يەرلېرىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىمەن، شۇڭا باشقا تورداشلارنى ئىنكاس ئارقىلىق تۇلۇقلاشقا تەكلىپ قىلىمەن.
مەزمون كۆپ بولسا سىغىم چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقتىن داۋامى ئايرىم تىما قىلىپ يوللىنىدۇ. رەسىملەرنى چۈشۈرۈپ كۆرسە چوڭراق چىقىدۇ.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5651
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:54:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم، رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25938
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8324
تۆھپە نۇمۇرى: 561
توردا: 6515 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:21:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئازراق خاتالىق بار ئىكەن ،  رەڭ دۇنياسىدىكى ئۈچ چوڭ ئانارەڭ قىزىل، كۆك، سېرىق، ئۈچ قوشۇمچە رەڭ بولسا كاۋا چىچىكى، سۆسۈن ۋە يشىل. يەنە ئۈچ چوڭ ئانا رەڭنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۈچ  ئاساسى رەڭ پەيدا بولغان، مەسلەن، قىزىل+سېرىق=كاۋا چىچىكى رەڭ، سېرىق+كۆك=يىشل، قىزىل +كۆك=سۆسۈن، يۇقىردا قىزىل بىلەن يىشىل قوشۇلۇپ سېرىق رەڭ ھاسىل بولغان دەپسىز، يشىل رەڭ بىلەن قىزىل قوشۇلسا ئالما ئۇرۇقى رەڭ ھاسىل بولىدۇ،ئۈچ چوڭ ئانا رەڭ يەنى قىزل ،سېىرىق، كۆك رەڭنى تەڭشەپ قوشۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saroman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 12:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3071 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 02:42:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saroman يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 12:21 PM
ئازراق خاتالىق بار ئىكەن ،  رەڭ دۇنياسىدىكى ئۈچ چوڭ ئان ...


   كۈك بىلەن يىشىل قۇشۇلۇپ سېرىق ھاسىل بۇلارمۇ-يا؟...
   تۇلۇقلىمىڭىزغا رەھمەت، ئەمما تىلۋىزوردا قىزىل، يىشىل، كۈك ئۈچلا رەڭ بار، شۇنى مۇۋاپىق بىرلەشۈرۈپ باشقا رەڭ ھاسىل قىلىدۇ.

ئەسلى مەن ۋاقىت چىققانچە ئاز-ئازدىن يىزىپ تەييارلاۋاتقاندىمۇ شۇ مۇنبەردە 40تىن ئارتۇق ئادەم كۆرگەنتى ، سىزمۇ بولسا http://www.xjefan.com/ بۇ مۇنبەرگە كىرىپ يىڭى يىزىۋاتقان تىمىلارغا دىققەت قىلىپ قويسىڭىز، خاتالىق بولسا ۋاختىدا تۈزىتىلسە باشقا مۇنبەرلەرگە خاتا پېتى كىتىپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 02:48 PM  


ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110089
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2014-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 02:55:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 11:18:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە  ئۈچۈن  شۇنچە نەرسە  ئۈگەندىڭىز  كىيىن تاشلىۋەتتىڭىز ،  ئەمدى ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى چۈشۈنۋاتسام  تاشلىۋەتتىم دىگەن  سۈزىڭىز  بىر كۈنلەردىكى  مىنىڭ  ھالىمنى  شۇنىڭغا ئوخشىتۋاتىدۇ ،  سوغوق  سۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3071 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 11:30:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.0102 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 11:18 AM
نىمە  ئۈچۈن  شۇنچە نەرسە  ئۈگەندىڭىز  كىيىن تاشلىۋەتتىڭ ...

  بۇرۇن ياللۇغۇم بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغلاردا دۆلىتىمىزدە تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك بوشلۇق كۆپ بولغاچقا تىخىمۇ يۇقىرى كىرىم قىلىش پۇرسىتى بولغاچقا رىمونتچىلىقنى تاشلاپ تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتتىم. ماڭا پۇرسەت كىلىپلا تۇردى، ئۆزەم چىڭ تۇتۇپ بۇلالمىدىم.
  ھىلىمۇ بوشلۇقلار كۆپ، بەزى نەرسىلەرنىڭ تېخنىكىسى ئاددى، ئەمما باھاسى بەك قىممەت.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش