مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 6

ئەتە بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96725
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2013-8-4
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 03:21:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتە بار

ساتېرا

ئوينىۋالغىن بۈگۈن تاپساڭ ئۇيۇننى،
ئۆگۈننى دەپ تەر تۆكۈشكە ئەتە بار.
يۈرىۋەرگىن كۆرۈپ پەقەت بۇرۇننى،
مەنزىل ئىزدەپ كۆز تىكىشكە ئەتە بار.

《ئارتۇق ئىش》قا بۆلۈپ يۈرمە،زېھىننى،
ئىشى يوقلار گۈللەندۈرسۇن زىمىننى،
سەن ئېچىۋەر شەيتان بىلەن يىغىننى،
خاتالاشساڭ تۈزىتىشكە ئەتە بار.

كىم قويۇپتۇ جاپا تارتىپ ياشاشنى،
خۇدا بەرگەن جاننى ئەلگە ئاتاشنى؟
تاپقىنىڭنى بىل ئۆزگىدىن ئاياشنى،
يىغىپ قويساڭ،يەپ ئىچىشكە ئەتە بار.

بىلىم بىلەن ئۇچراشتۇرما دىلىڭنى،
غەيۋەتتىن ھە تارتمىغىن ھىېچ تىلىڭنى،
نادانلىقتىن ئايرىما پاسىلىڭنى،
زېرىكسەڭ گەر،ۋازكېچىشكە ئەتە بار.

بىلسەڭ شۇنداق ئەتىسى جىق جاھان بۇ،
《قايتىلانماس ئاتقان تاڭ ۋە ئاققان سۇ》
قىلىپ قويساڭ دىلىڭنى گەر قاراڭغۇ
پۇشايماندا ياش تۆكۈشكە ئەتە بار.

ئۆز ئىجادىيىتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2042
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 05:14:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ، لېكىن ھۇرۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس دېگەن گەپ بار جۇمۇ .........


ھەقىقەتەن ساتىرىك شېئىر ئىكەن ، ئەتە دەيدىغان بىغەملەرنى راسا قامچىلاپسىز ........

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 601
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 05:43:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ياخشى يېزىپسىز  . ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97252
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 05:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تىرىشىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 06:46:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، ھارمىغايسىز ....

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:55:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،  « ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس » دەيدۇ كونىلار، ۋاقىتنى چىڭ تۇتقان ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113005
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 12:29:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارتۇق گەپ قىلىپ يۈرمەي  ، ماڭا يارىدى !

زۇلمەتتىن مىڭ يىل قاقشىغىنىڭدىن،بىرتال شام ياققىنىڭ ئەۋزەل !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش