مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1202|ئىنكاس: 14

شېرىن چۈشلەر مىسرانىمدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113622
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1074
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2015-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 02:52:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان شېرىن چۈش پىروگىراممىسى مېنى ھەم ھاياجانغا سالدى ،ھەم خۇشال قىلدى.بۇ پىروگىرامما خەلىقىمىزنى كۆڭلىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر سەھنە بېلەن تەمىنلەپ،تۇرمۇشنىڭ كۈلپەتلىرىدە تاۋلىنىۋاتقان مېھنەتكەشلەرنىڭ دەردىگە دەرمان ،قېيىنچىلىقىغا ئاسانچىلىق،مىھرى-مۇھەببەتكە تەشنا بولۇپ چاڭقىغان قەلىبلەرگە ئۇسسۇزلۇق  ئېلىپ كەلدى.

مەن مەزكۇر پىروگىراممىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن بىرنەچچە تۈرلۈك پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتسەم.

1.مەزكۇر پىروگىرامما نوقۇل ھالدا باشقا پىروگىراممىلارغا ئوخشاش نوقۇل ھالدا سەنئەتنىلا ئاساس قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىپ،ھەقىقى قىيىنچىلىقى بارلار،كۆڭلىگە بۆيۈك ئارزۇ ئارمانلارنى پۈككەن قىيىنچىلىقى بار ئىختىساسلىقلارنى ئاساس قىلسا.

2.خەلىقىمىزنىڭ ،مەنىۋى جەھەتتىكى ئۇسسۇزلىقلىرىنى بايقاپ ۋاختىدا سۇغىرىدىغان ئېسىل ئارزۇلار بېلەن تويۇنسا.

3.يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى تولدۇرالايدىغان ئىقتىساسلىق ئارزۇ ئېگىللىرنى يېتىشتۈرىدىغان سەھنە بولسا4.مېھرى -مۇھەببەتتىن،ئەدەپ-ئەخلاپ،ئېلىم-پەندىن دەرىس بېرىدىغان سورۇن بولسا.

يۇقارقىلار مېنىڭ شەخسەن ئويلىغان كۆز قاراشلىرىم.ئەمدى ئۆز گېپىمگە كەلسەم،مەن شېرىن چۈش پىروگىراممىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مۇنبەرلەردىمۇ مۇشىنىڭغا ئوخشاش بىر سەھىپە يولغا قويۇلۇپ،يۈكسەك غايىگە ئېگە ياشلىرىمىزنى ،كۆڭلىگە خەيىرلىك ئىشلارنى پۈككەن ئوغلانلىرىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېيتىدىغان سورۇن بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئارزۇ قىلىپ مەزكۇر تېمىنى يوللىدۇم قوللايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىكىر قاتناشتۇرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

1-شېرىن چۈش ئېگىسى-تاھىرجان يۈسۈپ،يەنى(مەن)شىنجاڭ ئاتۇشتىن

.ئاۋال ئۆزۈمنىڭ ئارزۇيۇمغا مۇناسىۋەتلىك قىسقا بىر ھېكايىنى ھوزۇرىڭلارغا سۇنۇپ ئۆتەي.

بىمار

دوختۇرخانا ياتىقىنىڭ ئىچىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئېدى.35 ياشلار ئېپچۆرىسىدكى دېھقان سۈپەت چىرايىدىن ساددىلىقى ،ئامالسىزلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئەر ئەمدىلا 30 ياشتىن ھالقىغان كېسەل كارىۋېتىدا ھالسىز كۆزلىرىنى ئۆزىگە تىكىپ ياتقان ئايالىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ زوڭزايغىنىچە ئولتۇراتتى،ئىككىيلەن بىر-بىرىگە كۆزلىرى ئارقىلىق تەسەللىي ھەم رىغبەت بېرىۋاتقاندەك مېھىرلىك كۆزلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىمايتتى.ھەر ئىككىلىسىنىڭ قەلبىدە چەكسىز ئىزتىراپ،قېيىنچىلىق،ئەنسىزلىك ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بولسىمۇ،چىرايىدا يەنىلا ئىللىق تەبەسسۇم ھەم كۈلۈمسىرەش مەۋىج ئۇراتتى.

-ئەپەندىم سىزنى دوختۇر چاقىرىۋاتىدۇ-سېستىرا قىزنىڭ كىرىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار قوللىرىنى ئىتتىك تارتىۋېلىشتى.ھەر ئىككىلىسىنىڭ چىرايى خىجىلچانلىقتىن قىزىرىشقا باشلىدى.

-ماقۇل ،مەن ھازىر چىقاي-ئەر سىستىرا قىزغا قاراپ تەبەسسۇم قىلدى،ئاندىن ئايالىغا -قانداق قىلاي دېگەندەك قاراپ قويدى.

-سىز چىقىپ كىرىڭ-ئايال بوشقىنە ئاۋازدا شۇنداق دەپ يېنىڭ كۈلۈمسىرىدى.سېستىرا قىز ئۇلارغا ھەم ئىچ ئاغرىتقاندەك،ھەم مەسىتلىكى كەلگەندەك بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.ئەرمۇ سىستىراغا ئەگىشىپ ياتاقتىن چىقتى،ئەرنىڭ چىقىپ كېتىشىگە ئايالنىڭ كۆزىدە يوشۇرۇپ قالغان ياشلىرى سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى ،ئۇ سانجىپ ،سانجىپ ئاغرىۋاتقان مەيدىسىنى قولى بىلەن چىڭ تۇتىۋالدى.

-ئايالىڭىزنىڭ ئەھۋالى بەك خەتەرلىك كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ،ئەمدى بىزدىمۇ باشقا ئامال قالمىدى ،يۈرەك بارغانسىرى يوغىناپ كېتىۋاتىدۇ،قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلدۇق...........

-دوختۇر ،سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،ئايالىمنى قۇتۇلدۇرىۋالغان بولسىڭىز،بىزنىڭ ئۇششاق باللىرىمىز بار،ئۇ ئۆلۈپ كەتسە ئۇلار قانداق قىلىدۇ-ئەر دوختۇرنىڭ بېلىكىگە چىڭ ئېسىلغىنىچە يېلىنىشقا باشلىدى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىخىتيارسىز ياش قويۇلدى-ئەمدى زادىلا باشقا ئامال يوقمۇ؟

-ئامال يوق ئەمەس،بار،چوڭ دوختۇرخانىلاردىن مۇتەخەسىس تەكلىپ قىلساق ،ياكى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرساڭلار بىمارنىڭ ھايات قېلىشىدا ئۈمۈت بار، بىراق  پۇل بەك جىق كېتىدۇ،سىلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىڭلا بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ،ھېلىمۇ قەرىز ئالىدىغانلاردىن قەرىز ئېلىپ ،ئۆي ماكانىڭىزنى سېتىپ بولدىڭىز

،ئەمدى ئايالىڭىزنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىپ ياخشىراق بېقىۋېلىڭ-ئەر دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى ،ھەم يەنە چاچىراپ ئورنىدىن تۇردى.

-دوختۇر ،قانچە پۇل كەتسە مەيلى ئۇنى داۋالاپ ساقايتىڭلار ،مەن پۇل تېپىپ كېلىمەن ،نەچچە پۇل كەتسە مەيلى ،قېنىمنى جېنىمنى ساتساممۇ مەيلى.

-نەدىن تاپىسىز قانداق قىلىپ تاپىسىز ،مېنىڭچە ئەمدى بولدى قېلىڭ ،ھېلىمۇ كۆپ تىرىشتىڭىز.

-ياق دوختۇر بىزگە ئۇ بولمىسا بولمايدۇ،جان بولسا جاھان ،ئاش بولسا قازان دەپتىكەن ،دەڭە مەن زادى قانچە پۇل تاپسام يېتىدۇ.[p=30, 2, left-ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ يۇەن كېتەر ئەمىسە تىرىشىپ بېقىڭ.

100 مىڭ يۈەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئەرنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ پۈتۈن بەدىنى بوشۇشۇپ كەتتى،ئۇ جانسىز پۇتلىرىنى ئاستا يۆتكىگىنىچە ھېچنىمە دېمەستىن چىقىپ كەتتى،ئۇ ئايالىنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىك ئالدىدا بىردەپ تۇرۇپ ياش يۇقى كۆزلىرىنى پاكىز ئېيتىۋېتىپ ،چىرايىغا زورلاپ كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئاندىن ئىشىكنى ئاچتى.

دوختۇر سېنى كېسىلى بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ،يەنە بىر ئاز داۋالىساق سەللىمازا ساقىيىدۇ دەيدۇ-ئەر ئايالىنىڭ دوختۇر نېمە دەيدۇ دېگەندەك تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.

-بولدى ،دادىسى ئۆيگە كېتەيلى ،مۇشۇنچىلىك ساقايغاندىكىن ،قالغىنىغا ئاللاھ شىپالىق بەرسە ئۆيدە ياخشىلىنىپ قالارمەن -دېدى ئايال ئېرىنىڭ كۆزلىرىدىكى چوڭقۇر غەمنى ھېس قىلغاندەك بولۇپ.

ياق ئانىسى ،ئۆتكەن قېتىممۇ سەن ئاشۇنداق دەپ چىقىپ كېتىپ كېسىلىڭلار ئېغىرلاپ كەتتى ،ئەمدى سەن ساقايمىغۇچە ھەرگىز كەتمەيمىز،بۈگۈن سىڭلىڭ كەلمەكچى ،ئۇ كەلسە مەن يۇرتقا بېرىپ بالىلارنىڭ ھالى قانداق يوقلاپ كېلەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن.

-ھە بوپتۇ ،بېرىڭلار ،ئۇلارمۇ بىزنى سېغنىپ كەتكەندۇ ھەقىچان،بولسا بالىلارنىمۇ ئالغاچ كەلگەن بولساڭلار بەك ياخشى بولاتتى.

-قېنى ئەھۋالغا قاراپ باقايلى-ئەر شۇنداق دەپ بولۇپ ئايالىنىڭ قولىنى چىڭ بىر سىقىمداپ قويدى.

ئايالنىڭ سىڭلىسى كەلگەندىن كېيىن ئەر ئايالىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ قويۇپ ،پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقىپ كەتتى،ئۇ ئاۋال يۇرتىغا بېرىپ ئۇرۇق تۇغقانلاردىن تونۇش بىلىشلەردىن قەرىز سورىدى ،بىراق ئۇلارنىڭمۇ بېرىدىغانلىرى ئالدىنقى قېتىمدىلا بېرىپ بولغان،ھال كۈنى ئاران كېتىۋاتقان بولغاچقا ،ھېچنىمە بېرەلمىدى،ئۇ قۇرۇق قول قايتىپ كېلىشكە كۆڭلى ئۇنىماي،شەھەرگە كېلىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بارماي،تىجارەتچىلەردىن ،دۇكاندارلاردىن ،ياردەم سورىماقچى بولدى،بىراق ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى،ھەممە ئادەم ئۆز غىمى بېلەن،ياردەم قىلغۇسى بارلارمۇ ،ئالدامچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى ،ئۇنىڭ ئېرىشكىنى پارچە پۇرات پۇللار،-ياپياش تۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلغۇچە نومۇس قىلساڭ  بولمامدۇ -دېگەندەك قاتتۇق -قۇرۇق گەپلەردىن ئېبارەت بولدى.ئۇ بۇرۇن باشقىلاردىن ئادەم بۆرىكىنى يۇقۇرى باھادا ساتقىلى بولدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى ،لېكىن شۇنچە ئىزدەپمۇ بۆرەك سېتىۋالىدىغان ئورۇننى تاپالمىدى.

-دادىسى ئۆيگە كېتەيلى -ئەرنىڭ روھسىز قىياپەتتە قايتىپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن ئايالنىڭ كۆڭلى بىر ئىشلارنى تۇيىغاندەك بولۇپ شۇنداق دېدى.

ئەر ھېچنىمە دېمەي بىردەم جىمجىتقىنە ئولتۇرۋەتكەندىن كېيىن-مەن دوختۇر بېلەن سۆزلىشىپ كىرەي دەپ چىقىپ كەتتى.

-دوختۇر ياتاقتىن چىقساڭلار بولىدۇ،ئايالىڭىز ساقىيىپ بولدى دەيدۇ-دېدى ئەر قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنى روھلۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىپ.

-ئەمىسە ئۆيگە كېتەيلى،ئۆينى بالىلارنى بەكمۇ سېغىندىم-ئايالنىڭ چېھرىدە مەمنۇنلۇق ئىپادىسى ئەكىس ئەتتى.

شۇ كۈنى كېچە پانۇس بايرىمى كېچىسى ئېدى ،ئەر ئايالىنى چاقلىق ئورۇنداققا سېلىپ،رەڭگارەڭ پانۇسلارنى،ساليوتلارنى،تاماشا قىلدۇردى،ئۇلار شۇ قەدەر بەخىتلىك ،شۇ قەدەر خۇشال -خۇرام ئېدى.ئايال دۇنياغا كۆزى قىيمىغاندەك ،ئەمدى بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيىغاندەك ھەممە نەرسىگە تويماي قارايتتى.

ئەتىسى ئەر ئايالىنى ئېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ،قەشقەردىن ئەڭ يىراق ناھىيە قاغىلىققا قايتىپ كەلدى،ئايالنىڭ ھېچنەرسىدىن خەۋىرى يوق ئېدى،ئۆينىڭ سېتىلغانلىقىنى ھەم باشقىلارغا شۇنچە كۆپ قەرىزدار ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئېدى.ئەر ئايالغا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن،ئايالىنى بالىلار بار يەرگە بارايلى دەپ،ئۇدۇل ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى.ئايال بالىلىرىغا تويماي قارىدى ،ھىدلىرىنى پۇرىدى ،نارىسىدە بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېچىندى ،لېكىن كۆز يېشى قىلىپ ئۇلارنى بىسەرەمجان قىلىشنى خالىماي چىداپ تۇردى.

ئۇنىڭ ئۆز ئۆيىگە شۇ قەدەر قايتقۇسى بار ئىدى،ئۆز ئۆيىدە كۆز يۇمۇشنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلاتتى .بىراق ئۇ بۇ ئارزۇيىغا يېتەلمەي ،بىر كۈنى سەھەردە ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە ئېرىنىڭ قوللىرىنىڭ چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ-بالىلارغا ياخشى قاراڭ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ-دېگەن ئىككى ئېغىز گەپنى قىلىپ بولۇپلا دۇنياغا كۆزى قىيمىغان ھالدى ۋىدالاشتى.ئۇنىڭ كۆزى يۇمىلىشى بىلەن تەڭ كۆز ئاستىدا ساقلىنىپ قالغان ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.بۇ ئۇنىڭ كېسەل بولغاندىن كېيىن  ئەرنىڭ بالىلىرىنىڭ  ئالدىدا تۇنجى قېتىم ياش تۆكىشى ئىدى.

ئەمدى مەن ئۆز ئارزۇيۇمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتەي.يۇرتىمىز بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنىدىكى كۆپ قىسىم دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش بېسىمى يەنىلار ئېغىر بولماقتا،يېقىندىن بۇيان پارتىيە-ھۆكۈمەت،ئاقىلانىلىك بېلەن ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى  يولغا قويۇپ ،دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى زور دەرىجىدە يىنىكلەتكەن بولسىمۇ،يېزا ۋە شەھەرلەردىكى ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتا بولغان ئاممىنىڭ چوڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىپ ساقىيىش مەسلىسى يەنىلا ئىقتىسادى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.مەن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم ئائىلىمىزدىكىلەر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇلارغا قاراش جەريانىدا ،ئەتراپىمىزدىكى ،ھەرقايسى ناھىيەلەردىن كەلگەن نامرات بىمارلارغا قاراپ بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم، يۇقۇرىدا ھېكايەمدە سۆزلەنگىنى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قەشقەردىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ئىشلاردۇر،شۇ چاغدا بۇ بىرجۈپ ئەرخوتۇنغا قاراپ شۇ قەدەر ئىچىم سىيرىلگەن بولسىمۇ ،بىزنىڭمۇ تۇرمىشىمىز تايىنلىق بولغاچقا ھېچقانداق ياردەم قىلالمىدىم،ئۇلار كېتىدىغان كۈنگە بىر كۈن قالغاندا ،پانۇس بايرىمى بولغاچقا ئانام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ،ئۇ ئىككىيلەننى ئېلىپ چىقىپ ساليوت كۆرسىتىپ ئەكەلمەكچى بولدۇق،شۇ كۈننى ،،،شۇ ۋاقىتلارنى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقىرالمايمەن ،ئۇ ئاچىمىزنىڭ شۇ چاغدىكى چىرايى قىياپىتى ،مېنىڭ يۈرىكىمنى ھازىرغىچە ئېزىپ كەلمەكتە.

شۇنىڭدىن كېيىن مەندە بىر ئارزۇ-ئىستەك تۇغۇلدى.پارتىيە -ھۆكۈمەتتىن ئۈمۈد قىلدىغىنىم،يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى،راك تۈرىدىكى كېسەللىكلەر ھەم ئاققان كېسىلى قاتارلىق،پۇقرالارنى نامراتلاشتۇرىۋېتىدىغان ئىغىر كېسەللىكلەرنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى يوقۇرى كۆتۈرسە ياكى ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويسا.بۇ ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ،ئاشماسلىقىنى بىلمەيمەن،لېكىن يەنە بىر ئارزۇيۇم كۆپچىلىك قوللىسا ،كۈچ چىقارسا چوقۇپ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچىم زور.

مەن مۇنداق بىر ئىشنى خىيال قىلدىم،پۈتۈن جەمىيەتنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ،بىر يۇەن ئېغىر كېسەللىكلەرگە ياردەم بېرىش فوندىنى قۇرۇپ چىقساق،بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ دەپ ئويلۇدۇم.چۈنكى 1 يۈەن ھازىر بىز ئۈچۈن ھېچقانچە پۇل ئەمەس ،بىر يۈەننى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ چىقىرالايدۇ دەپ ئويلايمەن.بىر يۈەن پۇل چىقىرىپ بىر ھاياتلىقنى قۇتۇلدىرىدىغان بۇنداق ئىش چوقۇم جەمىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا .ئىشەنچىم زور.

فونىدنىڭ قۇرلىش ،پۇل يىغىش ھەم ياردەم ئوبىكىتلىرى تۆۋەندىكىدەك بولسا مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن،فونىدنى ئايرىم جەمىيەت تەشكىلاتى شەكلىدە قۇرساقمۇ ياكى مەلۇم خەيىر ساخاۋەت جەمىيتىنىڭ بايرىقى ئاستىغا قۇرساقمۇ بولىدۇ،بۇنىڭدا چىقىم نىسبىتى ئاز بولىدۇ دەپ ئويلۇدۇم.مەسىلەن ساخاۋەتچى ئاتىلار-ئانىلار جەمىيەتلىرىدەك پۈتۈن ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە تارماقلىرى بار ئورۇنلار بولسا ياخشى بولىدۇ .دەپ ئويلىدۇم.

2.ھەربىر ناھىيە،شەھەرلەردە بىردىن تارمىقىمىز بولسا،دەپ ئويلايمەن ،چۈنكى بىر يۈەننى بانكا ،ياكى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ئاۋارىچىلىق ھەم چىقىم ئېلىپ كېلىدۇ،شۇڭلاشقا ھەرقايسى ناھىيەلەردە بىردىن تارماق ئورۇن بولسا،ھەرقايسى مەكتەپ ،يېزا رايونلاردىكى ،قاتنىشىنى خالايدىغان ئامما ۋەكىل ئېۋەتىپ ،شۇ ناھىيەدىكى تارماق ئارقىلىق فونىدقا يەتكۈزۈلسە.

فونىد ئارقىلىق ھەقىقى قىيىنچىلىقى بار ياردەمگە مۇھتاج ئاممىغا يەتكۈزۈلسە.

فونىدقا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ئامما ھەپتىدە،ئايدا ،ياكى يىلدا تاپشۇرسىمۇ بولىۋېردۇ.ئاز بولسىمۇ كۆپ بولسىمۇ ،بولۇۋېردۇ.فونىدنىڭ مەخسىدى ئىئانە توپلاش،مىھرى -مۇھەببەتنى يەتكۈزۈش ئاساس قىلىنىدۇ.ئەسلىدە ،بۇ ئارزۇيۇم تېلىۋېزىيەدە تەشۋىق قىلىنغان  بولسا توردىكىگە قارىغاندا ئۈنىمى بەكەرەك تىز بولشى ،سەپەرۋەرلىك كۈچى يۇقىرىراق بولىشى مۇمكىن ئىدى،لىكىن ئاۋال تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ باقماقچى بولدۇم.

بىر يۈەن ئارقىلىق بىر ھاياتلىقنى قۇتۇلدۇرۇشنى بەلكىم خالىمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك،دوستۇم قېرىندىشىم ،ھەممىمىز سەپەرۋەرلىككە كېلەيلى،بىزنىڭ ياردىمىمىزگە مۇھتاج نۇرغۇن بىمارلار دوختۇرخانىلاردا جان تالاشماقتا.

تاما ،تاما كۆل بولار دەپتىكەن،ھەر بىرىمىز بىر ئايدا ،بىر يۈەندىن ئاتايدىغان 100مىڭ ئادەم قاتناشسا 100 مىڭ يۇەن بولىدۇ دىگەن گەپ بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەم قاتنىشى مۇمكىن.

مېنىڭ چۈشۈمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى قوللايدىغان دوسىتلارنىڭ ماڭا ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oghuz8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 02:53 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1347
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 240 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 04:36:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەن كېپەن ئوغرىسىنىڭ شىرىن چۈشى. بىرلىكتە شىرىن چۈشلەرنى ئەمىليەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشايلى!
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-136224-1-1.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 05:10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشى بىر چۈشكەن ، بۇ چۈشىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداشمەن...

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97252
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 05:59:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشى پىكىر بولۇپتۇ، ھەممىمىز قوللايمىز،ھەم داۋامىغا قىزىقىمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:56:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېرىن چۈشىڭىز ئەمەلگە ئاشقاي...

يىگانەم سىز~~~

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65045
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3879
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:32:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل چۇشلەرنى كۆرىدىكەنسىزتەشەككۈر

يالغۇزۇم سىز دىسەم يالغۇز قويدىڭىز.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113622
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1074
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2015-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 01:26:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
EZDANGUQI[[[[ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 05:59 PM
بۇ بەك ياخشى پىكىر بولۇپتۇ، ھەممىمىز قوللايمىز،ھەم دا ...

رەھمەت ،مېنىڭ بۇ چۈشۈم ،پۈتۈن جەمىيەتنى سەپەرۋەر قىلغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ،بولمىسا يەنىلا بىر شېرىن چۈش بولۇپ قالىدۇ خالاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111451
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 03:35:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمىز قىرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20924
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4777
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 04:12:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئاددى كىشىلەرنىڭ ئاددى بولمىغان ئارزۇلىرىنى جەمئىيەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش»- دەل «شېرىن چۈش» پىراگراممىسىنىڭ نىشانى !
سىزنىڭ شېرىن چۈشىڭىزنى مىسرانىم تورىدا ئەمەس، دەل «شېرىن چۈش» پىراگراممىسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ، مەن سىزنىڭ چۈشىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، «نامراتلىق سەۋەبىدىن داۋالىنالماسلىق مەسىلىسى» ئۇيغۇر جەمئىيىدە ئىغىر مەسىلە ھىسابلىنىدۇ، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك ھەربىر ھىجدان ئىگىسىنىڭ ئادىمىيلىكىگە يات، بۇ مەسىلىگە ھەقىقىي رەۋىشتە پۇتۇن جەمئىيەت مىقياسىدا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشتە ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىمىز بار.

تەتۇر ئېقىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113622
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1074
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2015-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 05:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tamqabulak يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 04:12 PM
«ئاددى كىشىلەرنىڭ ئاددى بولمىغان ئارزۇلىرىنى جەمئىيە ...

توغرا ئېيىتتىڭىز ،لېكىن مەن سېرىن چۈش پىروگىراممىسىنىڭ تىزىملىتىش جەدۋىلىدىكى تالانىتىغا گۇۋاھچى كىتىدىغان يىرىنى توشقىزالماي تىزىملىتىشتىن ۋاز كەچتىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش