نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇنبەر پائالىيتى
(ئىنتىلگۈچى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھازىر نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بىلىم ئىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە تۇلۇق كۇرس، ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلار بار. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەي گۈزەل ئەتە ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ، ھەم شۇنداقلا ئۆزنىڭ كەسپى دەرسلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا خەلقىمىزگە ھەقىقى نەپ بىرەلەيدىغان ئىسىمى-جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر ئاۋانگارتلىرىدىن بۇلۇپ چىقىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدەنمەكتە. ئەلۋەتتە ئاز بولمىغان سۆيۈملۈك ساۋاقداشلارىمىز ئۆز كەسىپىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىلەرگە چىقىپ خەلقارالىق بەيگىلەردە زەپەر قۇچۇش يولى ئارقىلىق خەلىقىمىز ۋە يۇرت-ماكانلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بىرىشنى ئۆزىگە قىبلىگاھ قىلغان بولسا، يەنە بەزى گۆھەركەبى ساۋاقداشلىرىمىز ئىقتىساد ۋە يېزىقچىلىق قاتارلىق باشقا نۇرغۇن يوللاردا ئۆزنىڭ ھالال تەرى ئارقىلىق قىممەت ۋە نەتىجە يارىتىپ ئۆز خەلقى ۋە ماكانى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشنى، ئۆزنىڭ بىركىشىلىك ھەسسىنى ئۆزيولىدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداشنى ئۆزىگە مۇقەددەس بۇرۇچ قىلغان ئىدى. شۇڭا بۇ مەكتەپتە بىرنەچچە يىللار مابەينىدە كىشىنى سۆيۈندۈردىغان ئىشلار، كۈرەشلەر بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. 2013-يىلى مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىتاب ئىشكابى قۇيۇلۇپ ئۇيغۇرچە كىتابلار تىزىلغاندىن تارتىپ، لېكسىيە سۆزلەش، ئېنگلىزچە كورنىر ۋە كۇرۇس پائالىيتى، دوپپا بايرىمى يىغىلىشى، تەجرىبە-ساۋاق ئالماشتۇرۇش پائالىيتى، ئوقۇرمەنلەر يىغىلىشى قاتارلىق بىرقاتار پائالىيەتلەر ئانا تىلىمىزدا ئۇيۇشتۇرلىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن سىرىت دۆلىتىمىزنىڭ ۋە مەكتىپىمىزنىڭ بىزگە يارتىپ بېرىۋاتقان ئەۋزەل شارائىتلىرىدىن ياخشى ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ ھەق ئۆزىمىزگە يەنى ئۇيغۇرغا خاس يولدا مېڭىپ 56 گۈل ئىچىدىكى خۇشپۇراق بىر گۈلگە ئايلىنىش ھەققىدە ئاز بولمىغان تالاش-تارتىش، جىدەللەرمۇ بولدى، بىز شەخسەن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئەقىل ئىگىسى بولغان بىز بۇ ئىشلارنى توغرا ئۆز يولىدا بىرتەرەپ قىلىپ كېتەلەيمىز، مەيلى قىينچىلىق قانچە چوڭ بولىشىدىن قەتئىينەزەر داۋاملىق تىرىشىمىز.
ئۇشبۇ يېڭى ئوقۇش پەسلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئېلىكتىر پەن-تېخنىكىسى، ئۇچۇر باشقۇرۇش، ئىقتىساد، مېدىتسىنا، تارىخ، جۇغراپىيە، كومپىيۇتىر، ئاخبارات، ماتېرىيال، ئاتموسفېرا، بىئولوگىيىلىك، قانۇن، مۇھىت ۋە ئاستورونومىيە قاتارلىق كەسپلەردە ئوقۇيدىغان 20 ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا كىشنى مەمنۇن قىلىدىغان ‹نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى› يىپيېڭى ھالەت ۋە قىياپەتتە مەيدانغا كەلدى. بۇ مۇنبەر پائالىيتى 'ئۇيغۇر كىتاب ئوقۇش يىلى'غا ئاۋاز قۇشۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش تەسىراتى سۆزلەش، ئۇنىڭدىن سىرىت ئوقۇشتا يوللۇققان مەسىللەر ھەققىدە، ئۆزنىڭ كەسپى بىلىملىرى ۋە بۇ ھەققىدىكى دۇنيادا بولىۋاتقان يېڭى ئۈچۈرلار توغۇرلۇق دوكىلات بېرىش، ئۇيغۇر تارىخى ۋەقەلىرى ۋە شەخىسلىرى ھەققىدە، ھازىرقى مەكتەپ ھاياتى ياكى ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە دوكىلات، ئىشقىلىپ ئۆزى ئىزدىنىشكە ئەرزىيدۇ ھەم كۆپچىلىكە ئاز-تولا مەنپەت بېرەلەيدۇ دەپ قارىغان تېمىدا دوكىلات بېرىشنى بىر شەكىل قىلغان، بۇ شەكىلدىن سىرت يەنە 'كەسپىم ھەققىدە ئەھمىيەتلىك بىر نوقتا'، 'مەن ھازىرقى كەسپىمنى قانداق ئۆگنىشىم كېرەك'، 'ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە'، 'ئالىي مەكتەپ بىزدىن، بىز ئالىي مەكتەپتىن نىمىنى كۈتىمىز' قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە يېزىقىچىلىق پائالىيتى تەشكىللەش، ياخشى چىققانلىرىنى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىش، لاگىر پائالىيتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، زېھىن سىناش مۇسابىقىللىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كوپ خىل شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋە ھەرجەھەتتىكى بىلىمىنى موللاشتۇرۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلغان بىر پائالىيەت. بۇنىڭ بىرىنجى سانى 2015-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 14-كۈنى ئېلىپ بېرلدى. بۇ ساندا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ 'يارقىن ئەسلىمىلەر-مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم' توغرىسىدا ، ئاستورونومىيلىك بىلىملەر ھەققىدە ۋە پائالىيتىنىڭ كەلگۈسى پىلانى ھەققىدە دوكلات ھەم مۇلاھىزىلەر بولدى. تۆۋەندە بىر مىسال سۇپىتىدە كىتاب توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ مەزمۇننى سۇنىمەن.
مەن 2015- يىلى ھۇد ئېيىنىڭ 15-كۈنىدىن نورۇزنىڭ 1- كۈنىگىچە « يارقىن ئەسلىمىلەر-مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم »دىگەن كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم، تۆۋەندە مەن سىلەر بىلەن بۇ كىتاب ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمنى ئورتاقلاشماقچى.
كىتاب نامى:يارقىن ئەسلىمىلەر-مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم
ئاپتورى:ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
نەشىر قىلىنغان ئورۇن: شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى
نەشىرى ۋە بېسىلىشى: 2013-يىلى 11-ئاي 1-نەشىرى 1-بېسىلىشى
كىتاب نۇمۇر:4-1216-5466-7-978N ISB
مەن بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ 'ئەزگۈلۈك مالائىكىسى' دېگەن بۆلىكى باشلانغانغىچە يەنى ئاپتور، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ ھايات مەزگىلىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ۋە شۇ مەزگىلدىكى خەلقىمىزنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرى سۆزلەنگەن قىسمىنى ھاياجان بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ئەزگۈلۈك مالائىكىسى قىسىمىنى ئوقۇغاندا بولسا ئالىمغا، ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئايالىغا قىسقىسى
بۇ بىر ئائىلە كىشلەرگە ھۆرمىتىم ئاشتى.
كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئاپتورنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بارلىقى ئىزاھلانغان. ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانىيەتنى سۆيىدىغان ئەقىل بار ئادەمدە ھەقىقىتىنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە مەقسىتىنى چۈشەنگەن ئەقىل بۇلىدۇ، بۇ مۇھەببەت ۋە ئەقىل بار ئادەم ئۈچۈن ئىنساننىڭ يېتى بولمايدۇ، پەقەت ئۆز خەلقىنىڭ بىرىنجى نۆۋەتتىكى ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىلا مەۋجۇت بۇلىدۇ. ئاپتور دەل مۇشۇ ئەقىل ۋە مۇھەببەت ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن شىمال-جەنۇب، شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالامەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئۆز ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدە ئىزدىنىپ قەلەم تەۋرەتكەن.
ئاپتور جەنۇبى شىنجاڭنى مەنچىڭ خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى ۋاقتىدىكى غەپلەت ۋە ئويغىنىش، كونا دۇنيا ۋە يېڭى دۇنيانىڭ ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشىنىڭ بىر ئىپادىسى گەۋدىلىنىۋاتقان، ھەمدە ئۇرۇش ئوت-تۈتەكلىرى، قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋاقىتتا يەنى 1933-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر يېزىسى، كېيىنچە بىر ناھىيەسى ۋە ئاخىرى ئوبلاستنىڭ شەھەرىگە ئايلانغان ئاتۇشتا دۇنيا كەلگەن. ئاپتورنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئىلىم ئەھلى بۇلۇپ، ئاز بولمىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئاپتور تۇغۇلغان مەزگىللەردە قەشقەر بىرنەچچە قىتىم تۇنگانلار تەرىپىدىن، تۇپىلاڭچىلار تەرىپىدىن بۇلانغان، قىرغىنچىلىق بولغان.
ئاپتور ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاتۇش، غۇلجا، بورتالا قاتارلىق جايلاردا ياشاپ باققان. باشلانغۇچ مائارىپىنى دەسلىپىدە ئۈرۈمچىدە، كېيىن دادىسى شېڭ دوبەن تۈرمىسىدىن خاتا قۇيۇپ بېرىلگەنلىكى سەۋەبلىك ئائىلە بۇيىچە قەشقەرگە كۆچۈپ قەشقەردە ئوقۇغان. ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە بولغان 95 كۈنلۈك ئات ھارۋىسىلىق سەپەر ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئاپتورنىڭ قەلبىگە چۇڭقۇر تەسىر قىلغان. ئاپتور توقسۇن، كۈمۈش، قارا شەھەر، باشئەگىم، كورلا—باغراش كۆلى ۋە ھېكايىلەر، قايدۇ دەرياسى، باشئەگىم دەرياسى بويىدىكى ‘تاھىر-زەھرە بېغى’ ۋە تاغدىكى قەبرە، كۇچا، ئاقسۇ قاتارلىق يۇرتلارنى،'سۆڭەك يولى'، ياقۇپبەگ قەلئە-گازارمىسىنىڭ قالدۇقى، ئۇيغۇر بازارلىرىنى كۆرىدۇ ۋە بۇ ھەققىدىكى بۇلىنغان پاراڭلارنى، شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى ۋە جەنۇبتا ئىككى خىل كۈچ كۈرىشىنىڭ ئەۋج ئېلىش مۇقەررەرلىكى، ياشلىق، بىلىم، ئېتىقاد، ۋىجدان ئۈستىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلايدۇ. قىسقىسى ئاپتور بۇ سەپەر ئارقىلق ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ گۈزەلكىنى ۋە شۇ جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى، ئېڭىنى ۋە باشتىن كەچۈرگەن بەزى قانلىق قىسمەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بۇلىدۇ.
قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ دادىسى يەنە تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، ئاپتور بولسا دەسلىپىدە دىنىدا ئاندىن پەنى مەكتەپتە بىلىم ئالىدۇ. ئوقۇۋاتقان بۇ مەزگىللەردە خەلقىمىز ئارىسىدا پېرىخون، باخشىلارغا ئىشىنىدىغان خۇراپاتلىق بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، قەشقەرنى سىياسىي كۈرەش قاينىمى قاپلىغان. شىنجاڭدا جاڭ جىجۇڭ، مەسئۇت سەبىر، ئەخمەتجان قاسىمىنى قىلغان ھاكىمىيەت باش بولغان، ئىلىدىن قەشقەرگە كەلگەن ئىنقىلابچىلار ھوقۇق تالىشىش كويىدا بۇلۇپ كەتكەن. ئاپتور قەشقەردىكى ئوقۇش جەريانىدا تاشقورغان، تاشمىلىقتىكى قوراللىق پارتىزانلىق جەڭ بولغان، 11 ماددىلىق بىتىم يۈرگۈزىلگەن، مەدەنىيەت جەھەتتە يارباغدىكى تۇنجى كىنوخانا بارلىققا كىلىپ روسىيە كىنولىرى قويۇلغان. ئەڭ مۇھىمى قەشقەردىكى پۈتكۈل شىنجاڭنى لەرزىگە سالغان نامايىشە(68-بەت) بۇلۇپ، ئاپتورمۇ بۇنامايىشىگە قاتناشقان، بۇ نامايىشە قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن ئاياغلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتور پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى قىرغىنچىلىقنىمۇ(72-بەت) بېشىدىن كەچۈرگەن، بۇچاغلاردا سوپىبەگ ھاجىدەك مۇناپىقلار گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىغا كۈچۈكلىنىپ خوشامەت قىلىش، سولامچىلىق قىلىش، ئۆز خەلقنىڭ قىنىنى شوراش ئارقىلق راھەت سۈرگەن. 1945-يىللىرىدىن كېيىنكى نەچچە يىللاردىكى قەشقەردە ئوردىخېنىم سەيلىسى، ھەزرەت سەيلىسى، چىرىكلىشىش ئەۋج ئالغان، ئانچە-مۇنچە رەزىللىككە قارشى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما ھەركەتلىرىمۇ بولغان، ئاپتور دەل مۇشۇ ھەركەتلەرگە قاتناشقان ۋە مەسئولمۇ بولغان.
1949-يىلىدىكى قوغۇن پىششىقى مەزگىللىرىدە گومىنداڭ قالدۇق قۇشۇنلىرى بايلىق بۇلاش، ئوت قۇيۇش قاتارلىق رەزىل ئىشلارنى قىلغان(103-بەت). ئازادلىق ئارمىيە كىرگەندىن كېيىن مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف باشچىلقىدىكى 13-دىۋىزىيە مىللىي ئارمىيە چاقنىغان.
1950-يىلى ئاپتور شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا يەنى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلىنىپ، پۇتتۇرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان. تاكى 1978-يىلغىچە ئۆز كىشلىرىمىز ۋە باشقىلار تەرپىدىن ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن قارلىنىپ نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چەككەن. ھەسەتخورلارنىڭ نۇرغۇن سۇيىقەستىگە ئۇچۇرىغان بولسىمۇ ئەمما ھەقىقەتتىن، ئىلىم-تەتقىقاتتىن ۋە خەلقمىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمىگەن. بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى 12 مۇقام تەتقىقات يىغىنىدا باشقىلار 12 مۇقامغا سىياسىي مەزمۇنلارنى قۇشۇشنى ئوتتۇرغا قويغاندا، ئاپتور يىگانە مەيدە كىرىپ چىقىپ 12 مۇقامنىڭ خاسلىقى ۋە ساپلىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرغان(182-بەت). ئاپتور يەنى ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ يازغان 40 نەچچە پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ.
كىتابنىڭ ئىككىنجى بۆلىكى ئەزگۈلۈك مالائىكىسىدە ئاپتورنىڭ ئايالى رەنا بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر نەچچە دۆلەتتە بىرگە بولغان سەپىرى سۆزلەنگەن. رەنانىڭ تاشقى ۋە ئىچكى دۇنياسىدىكى گۈزەللىكى، ۋاپادار، كۆيۈمچانلىقى ئەكىس ئەتتۈرلگەن.
ئايالى رەنانىڭ ئاپتورنى چەكسىز قولىغان، تۈرمىدە ياكى نەدە بولسۇن ساداقەتمەن بولغان. ئاپتورنى دەپ يىراقلارغا ھەيدەلگەن، بالىلارنى يالغۇز قارىغان، لىكىن ئاپتورغا بولغان ئەقىدىسى، ۋاپاسى تەۋرەنمىگەن. ئاپتورنىڭ ئانىسىمۇ ئىنتايىن ئىسىل ئانا بۇلۇپ، بىر ياخشى شائىرە ئىدى، ئوغلىنى ۋە ئايالىنى قولىغان. بۇ بىر ئائىلە كىشلىرى ‹ ئەزگۈلۈك › دېگەن بىر سۆزگە سىڭدۈرۈلگەن سولماس روھ، ئالىيجاناب خىسلەتلەرگە ئىگە ئىكەن. ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنتايىن قارشى ئىلىنغان، ھۆرمەتلەنگەن، ئېتىراپ قىلىنغان. بىزمۇ بۇنداق كىشلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن چەكسىز مەمنۇن بۇلىمىز. بۇلارنى ئۈلگە قىلىپ توختامسىز تىرىشىمىز.
نەنجىڭ
2015.3.16