ياپونىيە 2قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سىمسىز توك يوللاشنى سىناق قىلدى (سانلىڭ ئېغىر سانائىتى سىمسىز توك يللاشنى سىناق قىلىش ئۇسكىنىسى) لامپىسى مۇۋاپىقىيەتلىك يورۇتىلدى.(قوبۇل قىلىش ئۇسكۇنىسى)LED (بوشلۇقتا قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن توك چىقىرىش كۆرسەتمە ئىسخىمىسى) ئەسلى تېمىسى:ياپونىيە 2قېتىم مىكرو دولقۇن ئارقىلىق توك يوللاشنى مۇۋاپىقىيەتلىك سىناق قىلىپ،بوشلۇقتا قۇياش ئېنىگەيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشنى رىياللىققا ئايلاندۇرماقچى. نۆۋەتتە،ياپونىيە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا مىكرو دولقۇن تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سىمىسىز توك يوللاش سىناق تەجىبىربىسىنى 2قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاپ،بۇ تېخنىكىنى بوشلۇقتا قۇياش ئېنىرگەسىدىن توك چىقىرىش ساھەسىدە ئىشلەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.
ياپونىيە كائىنات ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى تەتقىقات ئورنىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،3-ئاينىڭ 11-كۇنى تەتقىقاتچى خادىملار مىكرو دولقۇن تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 1.8كىلوۋات(توك چەينىگىنى ئىشلتىشكە يېتىدۇ)ئېلىكتىر ئېنىگىيەسىنى سىمسىز ھالدا 55مىتىر يىراقلىقتىكى قوبۇل قىلىش ئۇسكۇنىسىگە توغرا يوللاپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان. 3-ئاينىڭ 12-كۇنى،ياپونىيە سانلىڭ ئېغىر سانائىتى بايانات ئېلان قىلىپ،تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ 10كىلوۋات ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىنى مىكرو دولقۇنغا ئايلاندۇرۇپ يوللاش ئارقىلىق،بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىنىڭ 500مىتىر يىراقلىقتىكى قوبۇل قىلىش ئۇسكۇنىسىگە ئونۇتۇلغان لامپىنى يورۇتقانلىغىنى جاكارلىغان.بۇ تەجىبە ھازىرغىچە ياپونىيە دۆلەت تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان سىمسىز توك يوللاش ئارىلىغى ئەڭ ئۇزۇن،يوللانغان ئېلىكتىر قۇۋىتى ئەڭ كۆپ بولغان، مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىمىلق تەجربىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. سانلىڭ ئېغىر سانائىتىنىڭ باياناتىد امۇنداق دىيىلگەن:بىز بۇ قېتىملىق سىناق ئارقىلىق سىمسىز توك يوللاش ساھەسنىڭ سودا باسقۇچىغا قاراپ قەدەم باسقانلىغىغا ئىشىنىمىز. سىمىسىز توك يوللاش تېخنىكىسىدا توك سىمى ياكى توك كابىل ئىشلىتىلمەستىن ،ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىنى توك تارقىتىش ئۇسكۇنىسىدىن پايدىلىنىپ تارقىتىپ توك قوبۇل قىلش ئۇسكۇنىسىگە يوللاشنى كۆرسىتىدۇ.بۇ تېخنىكىدىكى قىيىن نوختا بولسا قانداق قىلىپ سىمىسىز ئېلىكتىر دولقۇنىنى يوللاش جەريانىدا ئېلىكتىر دولقۇنىنىڭ چېچىلىپ كېتىش ۋە ئاجىزلاپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولۇپ ،سىمىسىز خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدا ئېلىكتىر دولقۇنىنىڭ چېچىلىشى بىر ياخشى ئىش،بىراق سىمىسىز توك يوللاش تېخنىكىسىدا دەل ئەكسىچە بولىدۇ. سانلىڭ ئېغىر سانائىتىنىڭ باياناتىدامۇنداق دىيىلگەن:بوشلۇقتىكى قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىنىلىنپ توك چىقىرىش سېستىمىسى تېخنىكىسى 2030-يڭلدىن 2040-يىللارغىچە ھەقىقى ئىشلىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشنى پىلانلانغان بولۇپ،بوشلۇقتىكى قۇياش ئېنىرگىيە توك تارقىتىش ئۇسكۇنىسى يوللىغان ئېنىرگىيە مىكرو دولقۇن ئارقىلىق يەر يۇزىگە يوللىنىلىدۇ.ھىساپلاشقا ئاساسلانغاندا،دىئامىتىرى 2000-3000مىتىر بولغان غايەت زور قۇياش نۇرى ئېلىكتىر تاختىسى چىقارغان توك مىقدارى ئادەتتىكى 1مىليون كىلىۋات سىغىمدىكى يادرو ئېلىكتىر گېنىراتورنىڭ چىقارغان توكغا باراۋەر كېلىشى مۇمكىن.ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تېخنىكا قوللۇنۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن دېڭىز ئىچىگە قۇرۇلغان شامال ئېلىكتىر گېنىراتورلىرىنڭ توكىنى قۇرۇقلۇققا يوللاش،تەبىئى شارائىتى ناچار رويۇنلارغا توك يوللاش،ماشىنىلارغا سىمسىز توك قاچىلاش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىشكە ئىمكانىيەت تۇغۇلۇشى مۇمكىن. ئالىملار مۇنداق دىيىشتى:بۇبىر كىچىك قەدەم بەلكىم ئىنسانلارنىڭ پاكىز ئېنىرگىيەدىن ئۈنۇملىك پايدىلىنىشتىكى زور بىر قەدەم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.مۇنداق بىر مەنزىرىنى خىيال قىلىپ باقساق بولدۇ:بىر تىنىچ تۇرىدىغان سۇنئى ھەمراغا ئارقىلىق قۇياش ئېلىكتىر ئىستانسىسى 35مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى كائنات بوشلۇقتىن ئۇزلىكسىز ھالدا يەر يۇزىدىكى شەھەرلەرگە توك تەمىنلەۋاتقان ھالەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز مۇمكىن.بۇ خىل توك يوللاش شەكلى پاكىز،بىخەتەر بولۇپ، ناچار ھاۋا كېلىماتى ۋە ۋاقىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ،ئەنئەنۋى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدەك يادرو ئېقىپ كېتىش ھادىسلىرىمۇ يۇز بەرمەيدۇ.بىراق بۇ مۇساپىنى بېسىپ بولۇش ئۇچۇن يەنە ئۇزاق جاپالىق يوللارنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. ياپونىيە ئالەم قاتنىشى تەتقىقات ئورگىنىدىكى ئالىملار مۇنداق دىيىشتى:يۇقارقى پىلانلار 2040-يىلى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنرەك ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن،نۇرغۇن قىيىچىلىقلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ،مەسىلەن:غايەت زور بولغان توك چىقىرىش ئۇسكۇنىلىرىنى بوشلۇققا يەتكۇزۇش،قوراشتۇرۇش ھەم ئاسراش قاتارلىقلار. كائىنات بوشلۇغىدا قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش پىلانىنى ئەڭ دەسلەپ ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئامىرىكا ئوتتۇرغا قويغان،2009-يلى ياپونىيە ھۆكۇمىتى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇ تەتقىقات تۇرىنى باشلىغان.2012-يىلى ياپونىيە ئېغىر سانائىتى ھۆكۇمەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ قۇياش ئېنىرگىيەسى سىمسىز توك يوللاش تەرەققىيات پىلانىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان. http://news.ifeng.com/a/20150315/43344247_0.shtml مەنبە: تەرجىمە قىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-21 11:17 PM
|