مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 435|ئىنكاس: 5

تۇز: لەۋزىدە تۇرۇش ۋە پاراسەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44253
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15875 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 12:09:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بىر سودىگەر كۆز يۇمۇش ئالدىدا ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىپتۇ :
____ ئەگەر سەن تىجارەتتە ئۇتۇق قازىناي دېسەڭ بىرىنچىدىن لەۋزىڭدە تۇرۇشۇڭ ، ئىككىنچىدىن پاراسەتلىك بولۇشۇڭ كېرەك ،______ دەپتۇ . ئوغلى چۈشۈنەلمەي :
_____ لەۋزىدە تۇرۇش دېگەن نېمە ؟ _____ دەپ سوراپتۇ . سودىگەر :
_______ لەۋزىدە تۇرۇش دىگەن ، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش ، مەيلى زىيان تارت مەيلى پايدا ئال ، توختام تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن سىنى ۋەيران قىلىۋىتىدىغان ئىش بولسىمۇ لەۋزىڭدە تۇرۇپ توختامغا ئەمەل قىلىشىڭ كېرەك ، ___ دەپتۇ .
____ ئۇنداقتا پاراسەت دېگەن نېمە ؟ ___ دەپ سوراپتۇ ئوغلى .
____ پاراسەت دېگەن ، زىيان تارتىدىغان توختامنى ئىمزالىماسلىق ، تەپسىلى ھەر تەرەپلىمىدىن ئويلىنىپ ھۇشيار بولۇش ھەم تەدبىركار بولۇش ،_______ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .

بۇ تېمىدىكى ھېكمەت :
بۇ سودىگەر ئېيتقان قائىدە پەقەت سودا ساھاسىگىلا قارتىلغان ئەمەس . سىز باشقىلارغا ۋەدە بارگەن ئىكەنسىز ، مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن چوقۇم ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك . ناۋادا ئالاھىدە ئەھۋال بولسا ، ئۈن - تۈنسىز يوقاپ كەتمەي ياكى قىچىپ كەتمەي ئەھۋالنى سەمىمىلىك راستچىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قالغان ئىشلار ئۈستىدە يول ئىزدەش لازىم . ۋەدىنى قەسەم بىلەن ئوخشاش دەپ قاراپ قەتتى ئورۇنلاش كېرەك !


        بەختنى ھېس قىلالايدىغان قەلبىڭىز بولسۇن

باي ۋە كەمبەغەلگە ئائىت مۇنداق بىر ھېكايە بار :
باينىڭ يۈزمىڭ يۈئەن پۇلى بار ئىكەن . كەمبەغەلنىڭ مىڭ يۈئەن پۇلى بار ئىكەن . باي بىلەن كەمبەغەلنىڭ ھەر بىرى بىر دانە ئوخشاش سوممىدىكى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋاپتۇ ھەم ئىككىسى ئوخشاشلا مىڭ يۈئەندىن مۇكاپاتقا ئېرشىپتۇ . ئەمما ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى : كەمبەغەل خۇشاللىقتىن سەكرەپ كېتىپتۇ . چۈنكى ئۇنىڭ پۇلى بىر ھەسسە كۆپىيىپتۇ . لېكىن باي ئىسىل پىكاپ ياكى نەچچە ئونمىڭ يۈئەن پۇل چىقمىغىندىن ئەپسۇسلۇنۇپ ئېغىر ئۇھسىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ .

بۇ تېمىدىكى ھېكمەت :
ئاۋۇ سودىگەرگە ئېسىل پىكاپ ياكى نەچچە ئونمىڭ يۈئەن چىققان بولسا خۈش بولاتتى ، شۇنداقمۇ ؟! بەختتىن ھوزۇر ئىلىپ خۇشال بولۇشنىڭ ئاساسى بەختنى ھېس قىلالايدىغان قەلىبنىڭ بولۇش - بولماسلىقىدا . ماددى خۇشاللىق ئارقىلىق مەنىۋى خۇشاللىقنى قانائەتلەندۈرۈش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس . بولسىمۇ ۋاقىتلىقلا ! شۇڭا سىزنىڭ قوغلىشىدىغىنىڭىز مەڭگۈ جەۋلان قىلىدىغان مەنىۋى بايلىق بولسۇن . شۇندىلا كۆڭلىڭىزنىڭ توقلىقىنى ، بايلىققا لىق تولغانلىقىنى ھېس قىلىسىز .
ئاچ كۆزلۈكتىن خۇشاللىق نەچچە كۈنلۈك يىراقلىققا قاچىدۇ .....


مەنبە : ساغلام تەپەككۇر شىپاسى
مۇنبەرگە ئاكتىپلاشتۇرۇپ يوللىغۇچى : تۇز
2015- يىلى 3- ئاينىڭ 16 - كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 12:30 PM  


سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44253
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15875 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 12:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

مۇشۇ مۇنبەردىمۇ لەۋزىدە تۇرمايدىغان بىر قىسىم مۇنبەرداشلىرمىز يوق ئەمەس ، با ! ئۇلار مۇنبەردە سەت - ھاقارەت بىلەن تىللىشىپ چەكلىنىپ كېتىدۇ . كېيىن چەكلەشتىن بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ  ، بۇندىن كېيىن مۇنبەردە جىدەل قىلمايمەن ، باشغقىلارنى ھاقارەت قىلمايمەن .... دەپ لەۋزى قىلىپ ، ۋەدە قىلىپ ، بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپلا لەۋزىدىن ، ۋەدىسىدىن يېنىۋىلىپ يەنى جىدەل قىلىدۇ .
ھەممىمىز ۋەدىمىزدە تۇردىغان ئىسىل پەزىلەتلىك ئىنسانلاردىن بولايلى !

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2086
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 12:50:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەۋزىدە تۇرالماسلىق بەزىدە ئادەت بولسىمۇ  بەزىدە مەلۇم ئىشلار سەۋەپلىك لەۋزىدە تۇرالماسلىققا  سەۋەپ بولۇپ قالدى ، بىزدىكى بىر مەسىلە ۋاختىدا چۇشەنچە بەرمەسلىك                لىكىن بۇمەسلىگە سەل قارساق بولدىغان مەسلە ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 697 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 01:04:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەۋھە ھەم ۋەدە قىلىدىڭىز دىگەن گەپ باشقىلارغا قەرىز بولدىڭىز دىگەنلىك،قەرىزنى تۈگەتمىسىڭىز ھەر ئىككى دۇنيادا ياخشى ئەمەس.

ئەھمىيەتلىك تىمىڭىزنى ئوقۇپ سۈيۈندۇم،رەھمەت سىزگە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111451
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 01:58:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:02:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېيىنكى ھېكايەتنى بەك ياقتۇردۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش