رۇسلان ئېلېكتىرون شىركىتىگە تەكلىپ
قەشقەر رۇسلان ئېلېتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى نۆۋەتتىكى دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا داڭلىق ماركا يارىتىپ، كارخانا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئۆز شىركىتى ئۈچۈن مىسرانىم مۇنبىرىدە مۇكاپاتلىق ماركا لايىھەلەش مۇسابىقىسى تەشكىللىدى. پائالىيەت باشلىنىپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە لايىھەلىگۈچى قېرىنداشلار لايىھە بەيگىسىگە ئاتلىنىپ، رۇسلان شىركىتىنىڭ ماركا ھەققىدىكى تەلىپى بويىچە، شەكلى كۆركەم، لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە، جەلىپكارلىقى كۈچلۈك، ئېنىقلىق دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى بولغان رۇسلان نامىدىكى نۇرغۇن ئېسىل ماركىلارنى لايىھەلەپ، مىسرانىم مۇنبىرى ئارقىلىق رۇسلان شىركىتى، جۈملىدىن، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەھلى دىققىتىگە سۇندى. پېقىر كەمىنە- ئەركزات ئىنتېرنېت ئالىمىدە سەيىر قىلىپ يۈرگەن 15 يىلدىن بۇيان، تور ئارقىلىق ئويۇشتۇرۇلغان ماركا لايىھە پائالىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقىدەك قىزغىنلىق بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم دېسەم يالغان بولمايدۇ. بىزدىكى لايىھە ئۇستىلىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئاپىرىن!
مەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قەدىناس ئەزاسى ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولۇش سالاھىتىم بىلەن رۇسلان شىركىتىگە مۇنداق بىر نەچچە تەكلىپنى بېرىمەن:
1.ئېنىقكى، رۇسلان شىركىتى ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇپ، شۇنچە كۆپ لايىھەلەر ئىچىدىن چوقۇم مەلۇم بىرلا لايىھەنى تاللاپ ئىشلىتىدۇ. دېمەك، باشقىلىرى نائىلاج شاللىنىدۇ. مۇبادا، شۇنداق بولغاندا، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق لايىھە پائالىيىتى باشقا لايىھەچىلەر ئۈچۈن ئۆز ماھارىتىنى سىناشنىڭ بىر قېتىملىق پۇرسىتى بولۇپلا قالىدۇ-خالاس.
2. ھەممىمىز بىلىمىز: ھەر قانداق بىر مۇسابىقە پائالىيىتى ئەڭ كەم دېگەندىمۇ خېلى كۆپ ساندىكى ماھىرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئويۇشتۇرۇلۇپ، بىر نەچچە دەرىجە بويىچە خۇلاسىلىنىدۇ ۋە بارلىق پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنى ھېچ بولمىغاندا، كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە بەلگىلىك قىممەتتىكى بويۇملار بىلەن تارتۇقلايدۇ. بۇ-ئادىمىيلىكتىكى ئەڭ ئەقەللىي بىر تەلەپ. شۇنىسى شۈبھىسىزكى، پەللىدىن تەڭ چىقىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى نىشانغا تەڭلا يېتىپ بارالايدىغانلار ئانچە جىق بولمايدۇ. ئەمما نىشانغا ئاتلانغانلارنىڭ پەللىگە يەتكۈچە تارتقان رىيازەتلىرىنى چوقۇم نەزەرگە ئېلىش كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مېنىڭچە، رۇسلان شىركىتى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان بارلىق ئەسەرلەرنى ئۆزى تەلەپتە ئوتتۇرىغا قويغىنى بويىچە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ لىللا باھالىشى ئارقىلىق ئۆزى ئۈچۈن داڭلىق ماركا يارىتىشقا يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان لايىھەچىلەر ئۈچۈن ماددىي بويۇملار ئارقىلىق ئۆز مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىشى زۆرۈر. گەرچە ئازدۇر-كۆپتۇر پۇل شۇ تاپتا ھېچكىم ئۈچۈن ئۇنچە بەك مۇھىم ھېسابلىنىپ كەتمىسىمۇ . يەنە كېلىپ بۇ-رۇسلاندەك بىرەر شىركەت ئۈچۈن مالىيە كىرىزىسى ئېلىپم ۇ كېلەلمەيدىغان بىر قېتىملىق ئاددىي چىقىم ۋە رۇسلاننىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنىڭ نۇرانە ئىپادىسى-خالاس. مۇشۇنداق بولغاندا، لايىھەچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئەمەلىي قوللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، رۇسلان ئوبرازى دىللاردا تېخىمۇ رۇسلىنىدۇ!
3. 3000 يۈۋەن خەجلەپ شىركەت ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەچىلەرگە ماركا لايىھەلىتىشنى رۇسلان شىركىتىمۇ چوقۇم بىلىدۇ. رۇسلان شىركىتىنىڭ 140 مىڭغا يېقىن ئەزاسى بار مىسرانىمدىن ئىبارەت خەلقئارالىق سەھنىنى ماركا لايىھەلىتىشكە تاللىغىنى-ماھىيەتتە، لايىھەلىگۈچىلىرىمىزنى بايقاپ، ئۇلارنى قوللاپ، ئۇلارغا ماھارەت سەيناسى ھازىرلاشقا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا پەقەت بىر كۈنلا قالدى. لايىھەچىلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ لايىھەلىرىنى بەس-بەستە يوللاپ، پائالىيەتتە نۇسرەت قۇچۇشىنى، رۇسلان شىركىتىنىڭمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پائالىيىتىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئەمەلىي، ئادىل، لىللا، ھەققانىي خۇلاسىلىىشنى، تاللانغان ماركىنى پەخىرلىنىپ قوللىنىپ، شۇ ماركا ئاساسىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، كارخانا ساخاۋىتىنى شۇ ساخاۋەتكە ئەڭ ئېھتىياجلىق تېخىمۇ كۆپ دىللارغا يەتكۈزۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز ۋە شۇنداق بولۇشىغا ئىشىنىمىز.
ئەسكەرتىش:
مەن بۇ قېتىمقى ماركا لايىھە پائالىيىتىگە قاتناشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەگەر ئۆزلىرى خالىسا، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ لايىھەلەش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ئىزچىل جارىي قىلدۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىشقا سەل قارىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەنمۇ گېزىت-ژۇرنال ئېلان-ئۇچۇر ۋاكالەتچىلىكى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى بىر خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ماڭا ۋاكالىتەن ماركا زاكاز قىلغۇچى، ماركا لايىھەلەپ رۇيخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى خېرىدارلارغا دەل مانا مۇشۇنداق لايىھەلىگۈچى خادىملارنى ئىزدەپ-تېپىپ ماركا لايىھەلىتىش ئارقىلىق بارلىق لايىھەلىگۈچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئەمەلىي قوللاشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن.
لايىھەلىگۈچى قېرىنداشلىرىمىز، سىلەرگە ئۇتۇق يار بولغاي.
2015-يىل 15-مارت، قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-15 09:45 PM