تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار
ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق)
سەن مەندىن يامانلاپ كەتكەن ئاشۇ كەچ،
بىلىمەن قەبرەمگە بارمىدىڭ زىنھار.
گەرچە سەن مىنىڭدىن كېچىپ كەتسەڭمۇ،
تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار.
ئاجايىپ بىر
ھېكمەت تۆرىلىش دىگەن،
دۇنيانىڭ خوشلىقى سەندە نامايان.
نەزەر سال قەلبىڭگە گۈلگە تۇلۇپتۇ،
بىر تاتلىق بەخىت بار !!!
قالغىنى يالغان......
كۈلكەڭگە تائەبەد ئۇلاشسۇن كۈلكە ،
چۈنكى شۇ جىسمىڭدا يوقتۇر ئاسىيلىق.
تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلىگۈم بار،
سۈيۈملۇك ئايالسەن سۈيۈشكە لايىق.
ئاشۇ كۈن ئۇزايدۇ دۇنيادىن ئازاپ،
ئەڭ پاكىز قەلىبنى قىلىپ تەۋەللۇت.
ياكى مەن شۇ كۈنى ئۈلۈپ كېتىمەن،
دىلىمدىن ئۈن-تىنسىز تېلەپ ساڭا قۇت.......
2015-يىلى 18-فېۋرال ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى.