بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 Y* K+ K* o& U
ئۈندۈرمە چىش پىشىپ يىتىلدىمۇ؟ ئەگەردە ئون يىلنىڭ ئالدىدا بۇ سوئالنى بىر بىمار سورىغان بولسا ئۇنى چۈشىنىشكە بولاتتى،ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بىماردا خۇددى شۇنداق غەم بولسا،ئۇنداقتا بۇ بىز چىش دوختۇرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسرىتى بۇلۇپ قالىدۇ. قەدىمقىي زامانىدا ياۋرۇپا،ئوتتۇر شەرىق،لاتىن ئامىركىسىدا كىشىلەر ھەر خىل سۈنئىي بۇيۇملارنى،سۈنئىي ئەزالارنى ئىشلەتكەن.مەسىلەن:ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ چىشى،ئۇيۇلغان سۆڭەك ۋە قۇلۇلە قېپى قاتارلىقلار ،بۇلارنى جاغ سۆڭىكىگە كۆچۈرۈپ چىش كەمتۈكلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن،ئەڭ بۇرۇن كۆچۈرگەن ماتىريالنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە ياشىغان مايا ئادەملىرىدە بايقالغان.ئۇنۇڭدا قۇلۇلە قىپىنى ئىڭەك سۆڭىكىگە كۆچۈرۈپ تۈۋەنكى ئېزىق چىش كەمتۈكلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چىش دوختۇرلىرى ئىزچىل سۈنئىي ماتىرياللاردا ھەر خىل شەكىلدىكى ئۈندۈرمە تەنچىنى ئىشلەتتى.بۇ ئارقىلىق شۆڭەك ئىچى ۋە سۆڭەك سىرتىدا چىش كەمتۈكلۈككە چىش ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى تەنچىنى ئورۇنلاشتۇردى،ئىشلەتكەن ماتىرياللار بولسا.ئالتۇن بىرىكمىلىك مىتال،كۈمۈش بىرىكمىلىك مىتال.كوبالىت-خىروم بىرىكمىلىك مىتال،فارفۇر قاتارلىقلار،ئەمما بۇ ئۈندۈرمە چىش ماتىرياللىرىنىڭ بىئو؛وگىيىلىك بىرىكىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن،قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان ئېغىز بوشلۇقى مۇھىتىدا تەلەپنى قاندۇرالمىدى ۋە مەغلۇپ بولدى.بۇ مەزگىل ئېغىز بوشلۇقى ئۈندۈرمە چىش ئىلمى ئىزچىل تۈۋەن سەۋىيەدە تۇردى. ئېغىز بوشلىقى ئۈندۈرمە چىش ساھەسىدە ھەقىقى ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك ئىلگىرلەش 1952-يىلى يۈز بەردى.پنتسىللىن،رىنتىگىن نۇرىنىڭ تاساددىبىي بايقالغانغا ئوخشاش،بۇ ئىشمۇ تاساددىبىي بايقالدى.شىۋىتسىيە ھۆسۈن تۈزەش تاشقى كىسەللىكلەر دوختۇرىBranemark سۆڭەك تۇقۇلمىلىرىنىڭ ئەسلىگە كىلىش ئىنكاسىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىر ساپ تىتاندىن ياسالغان خاتىرلەش قۇرۇلمىسىنى توشقاننىڭ پاقالچاق سۆڭىكىگە پاتۇرۇپ قويغان،نەچچە ئايدىن كىيىن ئۇ بۇ قىممەتلىك تىتان قۇرۇلمىنى ئېلىپ باشقا تەتقىقات ئىلىپ بارماقچى بولغاندا ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەرگەن.يەنى تىتان بىلەن ئەتراپىدىكى سۆڭەك تۇقۇلمىلىرى ئالىقاچان زىچ مۇستەھكەم بىرىكىپ كەتكەن بۇلۇپ ئايرىش مۇمكىن بولمىغان. پىرافىسور Branemarkتىتاننىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئۇستىلىق بىلەن تۇتىۋىلىپ سۆڭەك ئىچىگە ئۈندۈرمە تەنچە قىلىشقا ئويلىشىدۇ.ئۇ ئالدى بىلەن يانپاش بوغۇمىنى ئالماشتۇرۇش تەتقىقاتىغا ئىشلەتمەكچى بولىدۇ.ئارقىدىن ئۇ ياۋرۇپادا نۇرغۇنلىغان پۈتۈن چىشى يوق نۇرغۇنلىغان بىمارلارنى بايقايدۇ،بۇ خىل مۇھىت پىرافىسورنى تەتقىقات ۋە تەجىربە پۇرسىتىنى ھازىرلاپ بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈندۈرمە چىش تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كېتىدۇ ۋە نۇرغۇن ئاساس ۋە ھايۋانات تەجىربىسى تەتقىقاتىغا ئېرىشىدۇ.1965-يىلى ئۇ پۈتۈن ئېغىز چىشسىز بىر پىدائىي بىمارغا بىرىنچى قىتىملىق ئۈندۈرمە چىش ئوپراتسىيەسىنى ئېلىپ بارىدۇ. 1969-يىلى ئۇ كىلىنكا تەتقىقات ۋە تەجىربىلىرىنى يىغىنچاقلاپ پۈتۈن سۆڭەك بىرلەشمە نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ،ساپ تىتاندىن ياسالغان سۈنئىي چىش يىلتىزىنىڭ جاغ سۆڭىكى بىلەن زىچ بىرىكىپ قىلچىلىك ئاراش قالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ.بۇ نەزىرىيە ھازىرقى زامان ئېغىز بوشلىقى ئۈندۈرمە ئىلمىنىڭ ئاساسى ئابىدە تىشىنى تىكلەپ بېرىدۇ.1978-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن شىۋىتسىيە ھەربىي كارخانىسى Bofors بىلەن ھەمكارلىشىدۇ ۋە كىيىن ساپ تىتان ئۈندۈرمە چىشقا پاتىنت ئېلىپ دۇنيادىكى بىرىنچى ئۈندۈرمە چىش ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. رەسىمدىكى
1952-يىلى پىرافىسورBranemark توشقاننىڭ يانپاش سۆڭىكىگە ئورۇنلاشتۇرغان ساپ تىتانلىق قۇرۇلمىنىڭ رىنتىگىن رەسىمى.نەچچە ئايدىن كىيىن ئېلىۋىتىشكە مۇمكىن بولمىغان.ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك مەغلۇبىيەت تارىخى تۈپەيلى،ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ساپ تىتانلىق ئۈندۈرمە چىشنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمانىي نەزىرىدە قارىدى.شۇڭا ياۋرۇپادا كەڭ كۆلەملىك ئىشلىتىلمىدى.ئامىرىكىدا تىخىمۇ شۇنداق بولدى.بۇ ئەھۋال تاكى 1982-يىلى Branemark پىرافىسور سۆڭەك بىرىكىش نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ 30يىلدىن كىيىن ئاندىن ياخشىلىنشقا قاراپ ماڭدى. 1982-يىلى كانادا تورۇنتو ئۇنۋىرستىتىنىڭ پىرافىسورى Zarbتەشكىللىگەن ئۈندۈرمە چىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر مەخسۇس تىما قىلىنغان ئىلمىي يىغىندا،پىرافىسور Branemarkسۆڭەك بىرىكىش نەزىرىيىسىدىكى ئاساسى تەتقىقات نەتىجىسىنى ۋە 17يىلغا داۋاملاشقان كىلىنكىدا مۇۋەپىقىيەتلىك بولغان كىسەللىك مىسالىنى ئوتتۇرغا قويغان.دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن،بۇلۇپمۇ شىمالى ئامىرىكىدىن كەلگەن ئالىملار ھاڭ-تاڭ قالغان.ئاخىرى ساپ تىتان ئۈندۈرمە چىش ۋە سۆڭەك بىرىكىش نەزىرىيىسىگە ئەھمىيەت بەرگەن.بۇ ھازىرقى زامان ئېغىز بوشلىقى ئۈندۈرمە چىش تەرەقىيات تارىخىدىكى بىرىنچى قىتىملىق ئىنقىلاپ بولدى. 1982-يىلىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر 30يىل بولدى.ھازىر ھازىرقى زامان ئېغىز بوشلىقى ئۈندۈرمە چىش ئىلمى تېز تەرەققى قىلىپ ئالتۇن دەۋىرگە كىردى.ھەر قايسى دۆلەتلەردىك ئالىملار سۆڭەك بىرىكىش نەزىرىيسى ئاساسىدا زور كۈچ بىلەن ھەر تەرەپلىمە تەتقىقات بىلەن شوغۇللانماقتا.ئۈندۈرمە چىش بولسا ئېغىز بوشلىقى مىدىتسىناسىدا تەتقىقاتى ئەڭ قىززىق ۋە يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.كۆپ تۈركۈمدە كارخانلاشقان شىركەتلەر ئۈندۈرمە چىش سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 200دىن ئارتۇق ئۈندۈرمە چىش كارخانا سېستىمىسى بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتە،ئېلىمىزدە يىلدا ئۈندۈرمە چىش سالدۇرىدىغانلار 200مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.ئەمما 1مىلىيارد 300مىلىيون نوپوسقا ئىگە بۇ چوڭ دۆلەتتە بۇ سان يەنىلا تۈۋەن نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. 2012-يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل جۇڭخۇا ئېغىز بوشلىقى مىدىتسىنا جەمىيئىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ ئېغىز بوشلىقى ئۈندۈرمە چىش يىلى قىلىپ مەخسۇس تىما ئىشلىدى.دۆلەت ئىچىدىكى ئۈندۈرمە چىش دوختۇرى بۇرۇنقى يۈزنەچچىدىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ نەچچە ئونمىڭغا يەتتى. قسقىسى،يېرىم ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئۈندۈرمە چىش تېخنىكىسى خىلى زور دەرىجىدە پىشىپ يېتىلدى.ھەم تەجىربىسى مول بولغان كەسىپلەشكەن ئۈندۈرمە چىش مەشغۇلات سىستىمىسى بارلىققا كەلتۈردى.كىلىنكىدا 20يىلدىن ئاشقان ئىمپورت قىلغان ئۈندۈرمە ماركىسى بارلىققا كەلدى.ئۈندۈرمە چىش چىنلىق جەھەتتە،چايناش ئۈنۈمى ۋە چىشنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغانلىقتىن ئىنسانلارنىڭ (ئۈچۈنچى قىتىملىق چىشى)دەپ ئاتالدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 u4 X* D9 X" X- [& ?) e9 c, [بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& b1 Z4 E7 P4 x& d
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* o# @: H" v* z3 m# D: P
مەنبە:يىپىك يولى شىنجاڭ چىش دوختۇرلىرى كۇلۇبىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 K$ }$ C% d! I) y
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turukyar219 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-15 09:14 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 g8 D4 S9 Z+ ~/ C* ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" @4 o Y# b3 ~5 b3 h: ]& b4 W
|