كۆچەت تىك
ھەسەنجان ئۆمەر
قىش-زىمىستان كەتتى ئۇزاپ،كەلدى باھار كۆچەت تىك،
ئاقتى ئەگىز،ئىللىدى يەر،قىلىپ قاتار كۆچەت تىك.
سايىداپ كەلدىڭ بوۋاڭنىڭ دەرىخىنىڭ سايىسىن،
قىل ئۇدۇم خىسلەتلىرىنى روھى ياشنار كۆچەت تىك.
سۆيمىسەڭ مېھنەتنى دىلدىن ئەلمۇ ھەم ئوغلۇم دېمەس،
مېھنىتىڭ بىرلە دىيارىڭ بولسۇن گۈلزار كۆچەت تىك.
بەلنى باغلاپ ،پەيتنى ئۇشلا،ھەر باھار ئەييامىدا،
ئىستىكىڭنىڭ لەۋلىرىدىن شەربەت تامار كۆچەت تىك.
خۇش كۈلۈپ تۇپراقمۇ قوينىن كەڭ ئاچار يۇمساڭمۇ كۆز،
سېغىنىپ ئەۋلات دىلىدىن،ئەسكە ئالار كۆچەت تىك.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم