مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 40|ئىنكاس: 0

ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات:« مۇۋەپپىقىيەت بىر خىل پوزىتسىيە » [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109923
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات:« مۇۋەپپىقىيەت بىر خىل پوزىتسىيە »

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, ?& a) k5 v: R+ L+ B9 d8 \

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: K, h/ y6 C  v; X+ n. v

ئىزدىنىشتىن تەسىرات.jpg


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 I5 _4 g; d  e% |7 N

2015-يىل كىتاب يىلىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى دېگەن مەخسەتتە ئىزدىنىش كىتابخانسى،ئىزدىنىش تور كىتابخانسى بۇ بىر يىلدا 15000 (ئون بەش مىڭ)يۈەنلىك كىتابنى ئوقۇرمەنلەرگە سوۋغا قىلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇغان ئىدى. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشتىكى مەخسەت: كىتاب يىلغا ئاۋازقوشۇش،تېخىمۇ كۆپ قېرىندىشىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش،كىتاب سىتىۋالالمايۋاتقانلارغا پۇرسەت يارتىپ بىرىشتۇر.

پائالىيەت تەپسىلاتىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ

ئىزدىنىش كىتابخانىسى شۇنچە كۆپ مەبلەغ ۋە كۈچ چىقىرىپ،كىتاب يىلى ئۈچۈن،خەلقىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا،ئارىفلىققا يىتەكلەشتە ئاۋانگارتلىق بىلەن داغدام قەدەم ئېلىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە پۈتۈن ئۇيغۇر تورچىلىقىدا مەخسۇس كىتاب ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان بىر تور مۇنبىرى بولماسلىق بوشلۇقىنى تولدۇرغان ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرى(www.uykitab.cn)ئىزدىنىشنىڭ مۇشۇ قېتىملىق پائالىيىتىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرىنى 2015كىتاب يىلى تەشەببۇسچىسى،مۇكاپاتلىق تەسىرات باھالىغۇچى  روزىمۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ ئەپەندىمنىڭ ماقۇللىقى ۋە قوللىشى بىلەن«ئىزدىنىشتىن مۇكاپاتلىق تەسىرات»دىگەن تىمىدا ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرىدا ھەركۈنى بىردىن ئېلان قىلىمىز.كىتابخۇماردوستلارنىڭ ھەرۋاقىت نەزىرىنى بىرىپ تۇرۇشىنى،ئىمكان بولسا ياخشى كىتابلاردىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئىزدىنىش كىتابخانىسىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ ئىقتىسادى قىممەت ۋە ئىجدىمائى قىممەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۆۋەندە ئىزدىنىشنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،چەرچەن ناھىيىلىك ئوتتۇرامەكتەپ2-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەنزىرەم راخماننىڭ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمىز.

بىزنىڭ نىمىشقا بىرىنچى بولۇپ مۇشۇ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى سىلەرگە سۇنغانلىقىمىزنى قېرىنداشلىرىمىز ئوبدان ئويلىنىپ باققاي.ئۇ ئاران تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان،ئالى مەكتەپ ئىمتاھان ئالدىراشچىلىقىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچى.«كىتاب ئوقۇي دىسەم ۋاقىت يوق...»دەپ كىتاب ئوقۇماسلىققا باھانە ئىزدەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ بىرئۆتكۈر قامچا بولۇپ قالغۇسى.

161609n7v1s2ipvlga7exh.jpg.thumb.jpg

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; I3 w" t2 o( E

«مۇۋەپپىقىيەت بىر خىل پوزىتسىيە» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  q  Y( g8 \0 |, O$ P" M+ g: n

مەنزىرەم راخمان


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: |1 k1 V4 g) B4 \2 h7 ~+ A% v

كىتاب ئاپتورى: فېرور.كېيىپ(ئامېرىكا)

كىتاب نامى: مۇۋەپپىقىيەت بىرخىل پوزىتسىيە

كىتاب ئوقۇغان ۋاقىت: يېڭى يىللىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى

نەشر قىلىنغان ۋاقىت: 2004-يىل10–ئاي1-نەشرى

كىتاب باھاسى: 12.00 يۈەن

كىتاب نومۇرى: ISBN 7-5372-3840-5


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ H9 k; R4 S6 L4 W6 X, D& v

ئەسەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:

   

كىتابنىڭ يەنە بىر ماۋزۇسى«باھانىنىڭ كېرىكى يوق» بولۇپ، بۇ كىتاب ماۋزۇسىدىنلا چوڭقۇر مۇھاكىمىگە تويۇنغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان، بىر ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان قاراشلىرىنى ، ياشاش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتەلىگۈدەك دەرىجىدە پەلسەپىۋى تېرەنلىككە ئىگە بولۇپ،كىتابنىڭ 1–بېتىدىن باشلاپلا «باھانىنىڭ كېرىكى يوق»لىقىدىن ئىبارەت بۇ«شەپقەتسىز» مىزاننىڭ ھەر بىرەيلەننىڭ ھايات يولىدىكى مۇھىم ئەقىدىسىگە ئايلىنىشى لازىملىقى قايىل قىلارلىق بايان، چۈشىنىشلىك سۆز-ئىبارە، كۈچلۈك مۇھاكىمە ئارقىلىق  تەكىتلەنگەن.

     كىتابتىكى مۇنۇ بايانلارمېنى بەكمۇ قايىل قىلدى:«باھانىگەرلەر مۇتەئەسسىپ كېلىدۇ، ئۇلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئىچىدىن ئۇرغۇشتەك جۇشقۇنلۇق ئۆلگەن بولىدۇ. شۇڭا بۇنداقلاردىن بىرەرئەمەلىي نەتىجە كۈتۈش ئەخمىقانىلىقتۇر.چۈنكى ئۇلار ئىلگىرىكى تەجرىبە، پىرىنسىپ ۋەتەپەككۇر ئادەتلىرىنى ياستۇق قىلىپ بۇخاراغا كەتكەندۇر.»«دۇنيادا ھېچكىم تۇغۇلىشىدىنلا ئاجايىپ ئىقتىدارلىق بولغان ئەمەس . دېمەك، ئاكتىپلىقنى جارىقىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەش ــ مانا بۇ ئەڭ توغرا پوزىتسىيىدۇر»

     يۇقىرىقى بايانلاردىنلا ئاپتورنىڭ باھانە ۋە باھانە كۆرسەتكۈچىلەرگە قانداق پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. بۇلا ئەمەس، ئاپتور يەنە كۈچلۈك قەلىمى ئارقىلىق بىزگە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى باھانىلەردىن يىراق تۇرۇشنىڭ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەپچىل چارىلىرىنى ئۆگىتىدۇ. قايىل قىلارلىق پاكىتلىرى، ئەمەلىي مىساللىرى ئارقىلىق باھانىنىڭ ھەقىقەتەن شەخسنىڭ مۇۋەپپىقىيەت پۇرسەتلىرىنى نابۇت قىلىپ ئاخىرى بىرتىيىنغا يارىماس قىلىۋېتىدىغان پاسسىپلىق، بىزنى بىخۇدلاشتۇرىدىغان ،غاپىللاشتۇرىدىغان مەنبە ، ئاخىرى داۋاملىق باھانە ئىزدىگۈچىلەرنى نۇرغۇن ۋاقتى ۋەزېھنىنى سەرپ قىلىپ باھانە ئىزدەيدىغان ھارامتاماققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان يامان ئىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇتىدۇ.

      ئاپتور بۇ كىتابىدا ئەڭ مۇھىمى، ئامرېكا غەربىي پوينىت ھەربىي مەكتىپىدىن ئىبارەت ئامرىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بۆشۈكىنى تونۇشتۇرۇپ، غەربىي پوينىتنىڭ تۈرلۈك مىزانلىرىدىن بىزنى ۋاقىپ قىلىدۇ. شۇ تەرىقىدە بىزگە يەنە غەربىي پوينىتنىڭ «باھانىگە يول يوق»تىن ئىبارەت ھەركەت مىزانىنىڭ غەربىي پوينىت كۇرسانتلىرىغا قانچىلىك زور تەسىركۆرسەتكەنلىكى، ئۇلاردا ئورۇنلۇق بىلىنمىسىمۇ باھانە كۆرسەتمەستىن ۋەزىپىنى ئامال قىلىپ ئورۇندايدىغان ئىرادىنى، ھەر قانداق بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ مەقسىتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان جاسارەتنى يېتىلدۈرگەنلىكى، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بىلىم بۆشۈكىنىڭ 200يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ئۈچۈن ئۈچ نەپەر پىرىزدېنت، بەش نەپەر بەشيۇلتۇزلۇق مارشال، 3700 نەپەر گېنرال، سودا ساھەسىدە مىڭدىن ئارتۇق لىدىر، ئىككىمىڭدىن ئارتۇق مۇئاۋىن لىدىر، بەش مىڭدىن ئارتۇق باش باشقۇرغۇچى ۋە مەسلىھەتچى يېتىشتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت كىشىنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان مەلۇماتنى سۇنىدۇ. بۇئارقىلىق ھەر بىرەيلەننىڭ باھانىگە يول قويماسلىق، ھەر قانداق توپ، ھەر قانداق تەشكىلدە يۇقىرى مۇھىم مىزاننى ئەڭگۈشتەر قىلىپ، ئومۇملۇق روھى ۋە ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش، مەسئۇلىيەت ۋە كەسىپنى قەدىرلەش روھىغا، بويسۇنۇش ۋەسەمىمىيلىكتىن ئىبارەت پوزىتسىيىگە ، مۇكەممەل ئىجراچىلىققا ئىگە بولۇشلازىملىقىنى، شۇندىلا ھەقىقىي غالىبلاردىن بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور كىتابىدا يەنە «قانداق مۇھىتقا دۇچ كېلىشىڭدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر ھەرىكىتىڭگە مەسئۇل بولۇشۇڭ كېرەك»دېيىش ئارقىلىق «باھانىنىڭ كېرىكى يوق» دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئەقىدىنى شەرھىيلەپ،ھەربىرەيلەندە ئىككىلەنمەس روھ، يىمىرىلمەس جاسارەت، ئىجرادىكى قالتىسلىق،شۇنداقلا ھەربىر مىنۇت، ھەربىر دەقىقىنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەرقانداق ۋەزىپىنى دېگەن قەرەلىدە ئورۇنداشتەك ئىشەنچ ۋە ئىخلاسنىڭ يېتىلىشى دەل «باھانىنىڭ كېرىكى يوق»دېگەندىن ئىبارەت مۇشۇ ئەقىدىدە تاۋلىنىشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، ھەربىرئادەم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئىرادە قىلسا چوقۇم ئۆزىنىڭ باھانىگە بولغان  پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە شىجائىتىنى ئۇرغۇتالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەركىمنىڭ ھەرچاغ باھانىدىن ئىبارەت بۇ «رودۇپاي»دىن يىراق تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

     

ئەسەردىن ئالغان تەسىراتىم:

   

مېنىڭچە بۇ كىتابنى جىسمىدىن ئىتائەت بىلەن سەمىمىيلىكتىن ئىبارەت پوزىتسىيە، مەسئۇلىيەت بىلەن كەسىپكە ئىخلاسقىلىشتىن ئىبارەت روھ، جاسارەت بىلەن پاراسەتتىن ئىبارەت مۇكەممەل ئىجراچىلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى تەربىيلەپ چىقىشتىكى ئەڭ مۇكەممەل ئوقۇشلۇق دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ كىتابتا، كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى باشقىلارغا ئالا كۆڭۈللۈك، ئۆزىمىزگە كەڭچىلىك قىلىشىمىزغا قالقان بولۇۋاتقان،زەئىپلىكنى پەردازلاپ مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىدىغان «ئۇنۋېرسال قورال»غا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ سەۋەبكار ــ باھانە ھەم ئۇنىڭ بىزگە كەلتۈرىدىغان ۋە كەلتۈرگەن زىيىنى ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا چوڭقۇر ۋە چۈشىنىشلىك ھالدا شەرھىلەنگەن.بولۇپمۇ، تۈرلۈك يامان ئىللەتلەرنىڭ ئۇۋىسى بولغان باھانىنىڭ بىر تۈرلۈك ناچارئادەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئادەتنى يۇقتۇرىۋالساق، خىزمىتىمىز ئاقساپ، ئۈنۈم ھاسىلقىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىلا،بۇ كىتابنىڭ بەزىلەرنىڭ ھايات مۇساپىسىدە قانچىلىك زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس.

      چۈنكى، رېئال تۇرمۇشىمىزدادەل بايا ئېيتىلغاندەك مۇنەۋۋەر شەخسلەر كەمچىلدۇر. باھانىدىن ئىبارەت بۇ ئۇنۋېرسال قورالنى ئۆزىگە قالقان قىلىۋالغان، تالاي ۋاقىت، تالاي زېھىنلىرىنى باھانە ئىزدەشكە سەرپ قىلىپ، ئۆز بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇۋاتقانلار بىزدە كۈرمىڭ. ئەمەلىيەتتە باھانە بىزنى قىيىنچىلىق ۋەمەسئۇلىيەتتىن ۋاقىتلىق خالىي قىلىپ، قىسقىغىنە كۆڭۈل ئارامىغا ئېرىشتۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن ئۇنىڭغا تۆلىنىدىغان بەدەل ھېسابسىز بولۇپ، ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنى باشقا ھەرقانداق ناچار ئادەتلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ئېچىنارلىقى،تۇرمۇشىمىز ۋە ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىمىزدە يا ئۇنداق، يا مۇنداق باھانىلەردىن قۇتۇلالمايمىز. قۇتۇلالمايمىزلا ئەمەس، بەلكى «بۇ باھانىلەر شۇنچىلىك بىمالالكى،ئۇلار خۇددى ‹ئىدراكنىڭ ساداسى›دەك، ‹ئەڭ ئاقىل كېڭەشچى›دەك، ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇ ئىشنى قىلساڭ بىر باشقا چىقمايدۇ، دەپ ھەرقاچان قۇلاق تۈۋىمىزدە شىۋىرلىغىنى شىۋىرلىغان». ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا يا ئۈزلۈكسىز تىرىشىش، يا ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك پوزىتسىيىلا مەۋجۇت. ھە دېسىلا ئۆزىنى ئاقلايدىغانلار ، بىر ئىشنىڭ گېپىچىقا ـ چىقمايلا، «مېنىڭچە، ئەگەر، ناۋادا» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تەييار تۇرىدىغانلار بىلەن ھېچكىمنىڭ خۇشى يوق. ئويلاپ باقايلى، بىزبۇنداق گەپلەردىن نېمىگىمۇ ئېرىشەرمىز؟

     بۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەن شۇ نەرسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇ بولسىمۇ، باھانىگە يول قويماسلىق ۋە شۇنىڭغا يانداشقان مەسئۇلىيەت قەلبىمىزگە يىلتىز تارتىپ، بىر تۈرلۈك كۈچلۈك ئاڭغا ئايلىنالىسا ، ئۇ كۈندىلىك ھەركەت ۋە تۇرمۇشىمىزدا بىزنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرىدۇ.

     شۇڭا دوستۇم، ئەگەر سىزئېرىنچەكلىكنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا پايدىسىز بولمىسىلا ئۇدۇل كەلگەن بىر ئىشنى قول سېلىپ قىلىڭ. ئىشنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى سىزنىڭ بىكارچىلىق، باھانىگەرچىلىكتىن ئىبارەت بۇ «رودۇپاي»لاردىن قۇتۇلغانلىقىڭىزدۇر. شۇ نەرسە مەڭگۈ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى: كىشىلىك تۇرمۇش ھەرگىزباھانىگە يول قويمايدۇ!


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Y6 ?& P3 ]/ U( d+ s


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 U0 `5 V5 i( B* C! w! @


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) s* R% A+ j3 t0 K% `9 `* h

مەنبە:ئۇيغۇر كىتاب مۇنبىرى(www.uykitab.cn


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 ?% z9 ~: T$ w
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش