مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 319|ئىنكاس: 7

شۈكران -رەنانىڭ تويى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2631
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84715
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9923 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەنانىڭ تويى

گۈللەرنىڭ ھىدىنى پۇرىغان كىمۇ؟
تاغلارنىڭ چاكى-چاك يېرىلدى باغرى.
تېنىمنىڭ قەسىرىدە بىرمۇ مېھمان يوق،
بۇ ئالەم كىمگە تار، كىملەرگە كەڭرى.

تاراملاپ ئاققىنى ياش ئەمەس، ئۇ قان!
مۇزلىغان بەدەندە ئۇھسىرار پىغان.
‹گۈل› دېدىم ياپرىغى چىققان غۇنچىنى،
نەشتىرى سانجىلدى، ئۇ ئىكەن جىغان.

بەزلىدىم قانسىراپ قالغان يۈرەكنى،
تەنلىرىم كۆيمەكتە بىر ئوتسىز تۈتۈن.
يارلىرىم ساقايماس، تىتىلدى بەدەن،
ئۆزۈمنىڭ ئىچىگە پاتمىدىم پۈتۈن.


رەنانىڭ لەۋ ئىزى

لىۋىمدىن ئۆچمىدى لىۋىنىڭ ئىزى،
ھەسرەتنىڭ بورنىغا سېلىندى چۈلۈك.
باغلىرىم قۇزغۇنغا توشتى لىپمۇ-لىق،
بۇ ماڭا ھاياتتا نىمە كۆرگۈلۈك.

بىر قېتىم، ئۇ مېنى سۆيمىگەن بولسا،
بىر ئۈمۈر ھەسرەتكە باغلانماس ئىدىم.
قۇرىغان قازاننىڭ تۇۋىقى يېپىق،
بىر بوردا گۆشنى دەپ ياغلانماس ئىدىم.

ئۇ مىنىڭ باغرىمغا ئۇردى بىر پىچاق،
ئادەمسىز قاپقارا كېچە قوينىدا.
نەپىسىم توختىدى كۆزۈم كۆزىدە،
جۈپ قولۇم قېپقالدى ئۇنىڭ بوينىدا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YuqunAdam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 06:35 PM  


شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1619
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىرىك  چىقىپتۇ ، تېخىمۇ تىرىشقايسىز …

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4112
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ياختۇردۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113005
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1018
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

زۇلمەتتىن مىڭ يىل قاقشىغىنىڭدىن،بىرتال شام ياققىنىڭ ئەۋزەل !

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2631
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84715
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9923 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 9 سائەت ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەنانىڭ كېچىسى

رەنانىڭ كېچىسى مۇدىھىش شۇ قەدەر،
ئ‍اسمىنى يۇلتۇزسىز بۇران غۇرقىرار.
بۇلۇتلار يۇپۇرلۇپ كەلگەنچە دەھشەت،
تاغلاردىن باغلارغا قىيان شارقىرار.

قىياندا تاشلارغا سوقىلار جىسمىم،
كېچىنىڭ تارايغان قىيناقلىرىدا.
ئ‍وتسىراپ ياتىمەن ھېرىق ئ‍ايغىردەك،
يېشىللىق قۇرىغان يايلاقلىرىدا.

زەڭگەر كۆز باھارنىڭ كېچىسى قارا،
دىۋانە كۆڭلۈمدە ئ‍ۇخلار ھاياجان.
ئ‍ۇ ماڭا ياش تۆكۈپ ئ‍ۇزاتقان بولسا،
ئ‍ۆچۈرىلگەن سىمايى قالار خىرامان.

ئ‍ۆچلىگىم كېچىنىڭ ماڭغان ۋاقتىغا،
شالپاقلاپ تۈگەتمەك بولۇنغىنى مەن.
شىللەمدە ئ‍ولتۇرغان ئ‍ازاپ ئ‍ىگىسى،
سۆيۈملۈك قاتىلىم مىھرىبانىم سەن.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 9 سائەت ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا   ئىسىل   ھە     ما   شېئىر   ،   شۇ   تاپتا   ھىس  -تۇيغۇلىرىمنى  پىچاق   بىلەن   تىلۋەتتىغۇ   ؟  
يېزىڭ    شۈكران   ئەپەندى   توختىماي   يېزىڭ   ،   چۈنكى  دۇنيادا   ئېيتىلمىغان   ناخشىلار   بەك   كۆپ  .

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2631
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84715
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9923 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەنانىڭ سەھىرى

رەنانىڭ سەھىرى سوغاقتۇر سوغاق،
ئ‍اخشامقى ئ‍ۆردەكنىڭ بىرى تۇتۇلغان.
سوغاننىڭ يىپىدا پالاقلاپ ياتقان،
بىر ئ‍ۆردەك مەقسەتسىز تاشلىنىپ قالغان.

جۈپتىنى تاشلىغان ئ‍ەركەك ئ‍ۆردەكنىڭ،
نالىسى بولسا گەر كۈتەتتى ئ‍ۇنى.
بىرلىرى  بوينىدا سىرتماق بىلەن،
بىرلىرى پەرۋاسىز قورقىغان ئ‍ىدى.

مەن بولسام شۇ ئ‍ۆردەك سەھەر قوينىدا،
باقىگە ئ‍ۇزۇتۇپ ياتاتتىم بىرگە.
سوغانكەش پىچاقنى گېلىمغا ئ‍ۇرسا،
مۇرادنى سەن بىلەن تاپاتتىم بىرگە.

سەھىرىڭ سوغاقكەن ئ‍وت باغرىمدا قان،
جۇش ئ‍ۇرۇپ ئ‍ەزۋەيلەپ سوقماقتا تومۇر.
ئ‍ەپسۇسكى تۆشەكتە قالغىنىم يالغۇز،
كۆز يېشىم قۇرىماستا تاڭ ئ‍اتار بالدۇر.

كېچەلمەي سېنىڭدىن ئ‍ۆتسەم بىر ئ‍ۈمۈر،
يىپىڭنى تۇتقۇزۇپ ئ‍ۇچساڭ لەگلەكتەك.
ھاياتنىڭ ئ‍اتلىماي بوسۇغىسىدىن،
قولۇڭدا تاسقالدىم بولۇپ ئ‍ەگلەكتەك.

ئ‍ەزاننىڭ ئ‍اۋازى ئ‍اڭلاندى مانا،
سەھىرىڭ كۆزۈمدىن ئ‍ۇچۇدۇ يىراق.
بىر گۈلنىڭ سۇلاشقان تۇرقىنى كۆرۈپ،
بېغىڭدا نىمجاندەك ياتىمەن، بىراق …

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2631
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84715
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9923 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى يېرىم سائەت ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەنانىڭ ئ‍ەتتىگىنى

باغلاردا قاغجىراپ ياتقان بۇلبۇلنىڭ،
يۈرىكى قان زىدە، قانىتى سۇنۇق.
ئ‍ېچىلماي قۇرىغان گۈلنىڭ شېخىدا،
ياتىدۇ بىر پاتمان ئ‍ازاپ، قورققۇلۇق.

ئ‍ىنتىزار كائىىنات قوياشقا شۇتاپ،
مۇزلىغان كېچىنىڭ ئ‍ىرىسۇن تىنى.
گاچچىدە ئ‍ۆلتۈردىم شەيتاننى بوغۇپ،
نەملەنسۇن قۇرىغان ئ‍ېرىقنىڭ لىۋى.

بوراننىڭ ئ‍ەپتىدىن قالمىدى ئ‍ەسەر،
دوقمۇشقا تۆت ئ‍ايال راسلىسا ئ‍ورۇن.
مەن دېدىم رەنانى چۇۋۇيدۇ بۇلار،
غەيۋەتتىن ئ‍ەمدىلە قىزىيدۇ سورۇن.

يىقىلدى بۇلبۇلنىڭ يېرىلىپ پوكىنى،
قۇرىغان گۈل كۆكلەپ چىققان چېغىدا.
ئ‍ازاپنىڭ يۈرىكى تاشتۇر بەك قاتتىق،
ھەسرەت بار كىرسىڭىز خەقنىڭ بېغىدا.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش