پۇل دىگەن
ئاڭلاشقىمۇ يېقىملىق ئىنتىلدۈرەر ھەممىنى ،
قۇدرىتىمۇ ئۆزگىچە مىھرى ئىسسىق پۇل دىگەن.
غايە نىشان ئارمانمۇ باي گاداي ھەم دىھقانمۇ،
يەتتە ياشتىن يەتمىشكە ھەمىسى شۇ پۇل دىگەن.
نىشان قىلىپ بەزىمىز قىسىپ ھەتتا گالنىمۇ،
سالاركەنغۇ ھەر كويغا ئەشۇ شەيتان پۇل دىگەن.
تىرىشساقمۇ بىر ئۆمۈر قاناەت يوق يۈرەكتە،
جەۋرە تارتىپ بىر ئۆمۈر يىغاركەنمىز پۇل دىگەن.
بەزىلەرنى شات قىلىپ ئۇچۇراركەن ئاسماندا ،
ئاجىزلارنى يىغلىتىپ زار قىلاركەن پۇل دىگەن.
پۇلى بارنىڭ سۆزى ئوڭ پۇلى يوقنىڭ سۆزى توڭ،
نام ئاتاقسىز قوياركەن كەم بولسا گەر پۇل دىگەن.
ھەر كىم ھەر خىل دىيىشەر پۇلى بارلار يىيىشەر ،
پۇلى يوققا زاغرا يوق قۇدرىتى زور پۇل دىگەن.
پۇنىڭ قۇلى بوپ قالماڭ سېتۋەتمەڭ ۋىجداننى،
پۇشايمانغا قويۇدۇ ۋاختى كەلسە پۇل دىگەن.
پۇل تاپايلى تەر بىلەن ۋاقىت بىكار ئۆتمىسۇن،
ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىكەن پۇل دىگەن .
پۇلدىن قىممەت دىيانەت جۈپ قوشمىقى ئەخلاقتۇر،
دەڭسەپ بېقىڭ ۋىجداننى قېنى ئەمدى پۇل دىگەن.
مەنبە قەلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sehi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-14 02:30 PM