باللىقىمنى سېغىندىم !
.......*******
ھەزىرەت ئەلى (تېۋىپ )
**********..........***.
خىياللىرىم گۈزەل ھەم چىگىش ،
كۆزۈمدە لىق باللىق كەچمىش .
قارچۇقۇمدا بەڭۋاش ئەسلىمە ،
شۇ گۆدەكلىك يارقىن پاك ئۆتمۈش .
يالۋۇرىمەن…، ئايغا قارايمەن ،
سۆيسەم باللىقنىڭ ماڭلايلىرىنى …؟
پەسىل قۇشتەك كەلسە سەبىيلىك …
غەمسىز قىلسا… ئارمانلىرىمنى !
دەۋر بىلەن چۈشتم بەيگىگە ،
گاھ يېپىشىپ ،گاھى يېتىشىپ .
ئىلىم مەرىپەت بۇلاقلارىدىن ،
ئابى زەمزەم قانماي ئىچىپ .
چاپچىدىم تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ،
شۇ ئۇماق باللىقىنى … ئەللەي ئېتىپ .
ئىچىمدە ئوت يۈرەك غوۋغاسى ،
ئولتۇرمەن بالىلىقنى ياد ئېتپ .
ئوينىغان ئىدىم قۇم ـ بارخانلىرىدا ،
شەھەر ياساپ سېغىز ـ توپىلاردىن .
قىلىقلىرىم ھەر خىل، ساددا بىر ھەۋەس ،
ئاتلاپ ئۆتۈپ ئېرىق ـ ئۆستەڭ قىرلاردىن .
يۈگۈرەيتىم ھەردەم ئەركە شامالدەك ،
توپا يوللارنى باسقان چاڭ ـ توزان .
كۈلكەم چېھرىلىرىمدە ئۈزۈلـمىگەن ،
قۇچاق ئاچقان ماڭا باھار گۈلىستان .
دېرىزە ئالدىدا كۆچەت ،
يىنككىنە تۇرار سىلكىنىپ .
ئويلاپ قالدىم ،ئۇمۇ چوڭ بولۇپ ،
باللىقنى قالار سېغىنىپ .
دەرەخ تۇردۇ مۈرەمدە ئېرىغاڭلاپ ،
كەچمىشنى ھەر ۋاقىت بوينۇمدا ئېسىپ .
چۈشۈمدە تۇيغۇم سائەت ئىككىدە ،
كەلدى باللىقنى قولدىن يېتىلەپ .
بولدى ھەممە چاقماقتەك غايىب ،
شۇ شېرىن تۇيغۇ ئۆتكەن باللىق .
كۆزۈمدىن بۆسۈپ قەلبىمدە قالدى ،
سەبى باللىق شۇ يارقىن پاكلىق .
''...باللىقىم ...ئاھ باللىقىم... !
تۇنجى ئىڭە ئاۋازىنى سېغىندىم .
ئانىجاننىڭ ئوتلۇق باغىرىغا ،
دېدىم يەنەبار قۇياش بولۇپ پاتقۇم .
دېڭز شاۋقۇنى كەلسە يوپۇرلۇپ ،
ئاڭلاتسا ئىدى باللىقنىڭ ئۈنلىرىنى .
باشنى قويۇپ مامۇق ياستۇققا ،
ئۈنلەر بىلەن ئەسلەپ شۇ كۈننى .
ئوينايتىم ئاتامنىڭ ساقىلىنى تاراپ ،
ئەركىلەپ ئۆزۈمنى بوينىغا ئېسىپ .
تۇتاي دېسەم قولدىن يىنمدا يوق ،
كەتكەن ئەسلىدە مېنى يىراققا تاشلاپ .
تاشقا ئوخشاش ئىدىم پاكىز ،
چەكسىز چۆلدە يېيلىپ ياتقان .
بولساممۇ كىچىك ھەم گۆدەك ،
ئۆزۈمنى ئويلايتىم جاھاندا پالىۋان .
كۈتەتتىم تىلەپ يېڭى ـ يىللارنى ،
باھارنى بەزلەپ سۆيگۈنى چىللاپ .
ئەتىراپتا غۇر ـ غۇر باھار شامىلى ،
دىماققا ئورغۇزغان ئۆزىگە پەمىلەپ .
باللىقىم كەتتى كەلـمەسكە ئەبەت ،
مەن چۆمۈلگەن دەرياغا چۆكۈپ .
بۈگۈنىكى كۈن ئەتە ئەسلىمە ،
ئۆمۈر ئۆتەر ياشتەك تۆكۈلۈپ .
ــــ******خەيرى خوش باللىق ،خەيىر شۇ چاغلار ..!
2015 يىل 3 ئاينىڭ 10 كۈنى .