مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 850|ئىنكاس: 12

ئابدۇكېرىم ئاكامنى كۆرگۈم كەلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110934
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-11-16
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئابدۇكېرىم ئاكام بەك قالتىس جۇمۇ! نېمىشقا دەپ سورامسىلەر؟ ھە، ماقۇل دەپ بېرەي. لېكىن ئابدۇكېرىم ئاكامغا دەپ قويماڭلار جۇمۇ. بولمىسا ‹‹ھەي گۇي! نىمىشقا مېنىڭ ئۈستۈمدىن مېنىڭ ئىجازىتىمسىز گەپ قىلدىڭ›› دەپ ئىپىزوت يېزىپ، مېنى سەھنىدە تىللىۋەتمىسۇن. ئۇ چاغدا ماۋۇ تورنى جىق ئادەم كۆرۈپ كەتمىگەنتىكىن مېنىڭ يازغىنىم ئۇياقتا قېلىپ، ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ ئىپىزوتىنى بۈشۈكتىكىلەردىن تارتىپ ھاسا تايانغانلارغىچە تالىشىپ كۆرگەچكە، مەن گەپنىڭ ئارىسىدا قېلىپ تىنالماي ئۆلۈپ كەتمەي يەنە. ئەمەلىيەتتىغۇ مەن ئابدۇكېرىم ئاكامنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىدىغان گەپلەرنى قىلمايمەن. بەلكى ئۇ ئاكامنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئاشۇرىۋەتمەي ئۆز ئەينى سۆزلەيمەن. چۈنكى ئابدۇكېرىم ئاكام يالغانچىغا، گۇپپاڭچىغا، تەخسىكەشكە، خۇشامەتچىگە بەكمۇ ئۆچ. راستچىلغا، ھەقنى سۆزلىگەنلەرگە بەكمۇ ئامراق. ئەمىسە ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ قالتىسلىقى قەيەردە؟ سىزنىڭ بەلكىم يادىڭىزدا بولىشىڭىز مۇمكىن، قايسى بىر يىلى ئابدۇكېرىم ئاكام ئىتوتچىلىقتا باش كۆتۈرۈپ چىقىمەن دەپ بىلىنى باغلىغان ۋاقىتلىرىدا ئايالى بىلەن ‹‹تۇماق  سېتىش›› دېگەن ئىتوتنى ئورۇنلاپ چىقتى. بۇ ئىتوتنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر كۆلۈپ تېلىقىپ كىتىدۇ. بۇ ئىتوت مەيلى ئورۈنداش سەنئىتى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈش جەھەتتە بولسۇن ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك  چىققان ئىتوت ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا (ئىھتىمال 2008-يىلىمىكىن دەيمەن) توردا بۇ ئىتوتنى ئامرىكىدىمۇ ئورۇنلانغانلىقىنى، ئامرىكىلىق كىشىلەرنىڭ بېشىغا تۇماق (ئەمەلىيەتتە خوتەن تەرەپتە ئۇنى تەلپەك دەيدۇ) كىيىپ تۇرۇپ كۆرگەنلىكىدىن ئىبارەت كۆرۈنۈشمۇ بىرىلدى. مەن شۇ قاتاردا بۇ ئىتوتنى ھازىرغىچە بەكمۇ قاقتۇرۇپ كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن. بۇ ئىتوتنىڭ مېنى قاتتىق جەلب قىلغان ھەم ئالاھىدە قايىل قىلغان تەرىپى بولسا ئېلان تەشۋىقاتىدىكى كۆپتۈرمىچىلىك،  تېلىۋىزىيە ئېكرانىدا فىلىملەرنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۈزۈپلا ئېلاننى بىرىپ كۆرگۈچىلەرنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇش، ئېلاننى زورلاپ بىرىش، ئېلاننىڭ كۆپ بىرىلىشى سەۋەپلىك كىشىلەرنى زىرىكتۈرۈش ۋاھاكازالار ئىدى. ھازىرغا كەلگەندە ئابدۇكېرىم ئاكام ئېلانغا ئۆزىلا چىقىۋالدى. راست، مەن ئابدۇكېرىم ئاكامنى  بىردەم كۆرمىسەم كۆزۈمدىن ئۇچۇپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالاتتىم. خۇددى مېنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىمنى بىلگەندەك قايسى بىر شىركەت بولمىسۇن ماللىرىنى داڭلىماقچى بولسا ئابدۇكېرىم ئاكامنى ئېلانغا چىقرىدىغان بولدى. ھەر قانداق ۋاقىتتا تېلىۋىزورنى ئاچسام ئابدۇكېرىم ئاكام ئىشقىلىپ بىرەر نەرسىنى داڭلاپ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ. قىزىقارلىق فىلىملەرنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۈزۈپلا چىقسا ، ھەرگىزمۇ ئاچچىقىم كەلمەيدۇ، چۈنكى ھەر قانچە قىزىقارلىق فىلىملەرمۇ ئابدۇكېرىم ئاكامنى كۆرۈۋېلىشتىن ئىبارەت تەشنالىقىمنى باسالمايدۇ ئەمەسمۇ. رادىيونى ئاچساممۇ شۇنداق. ئەگەر ئۆيدىن تالاغا چىقىپ قالساممۇ ئابدۇكېرىم ئاكامنى كۆرەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىمەيمەن. مەھەللە تاملىرىغا ئۇنىڭ قوللىرىدا مەلۇم بىر مالنى تۇتۇپ تۇرۇپ داڭلىغان سۈرىتى چاپلاغلىق. تېخى ناھىيە بازىرىغا كىتىۋاتسام ئالدىمىزدىكى بىر كىچىك كۇزۇپلۇق ماشىنىنىڭ كۇزۇپىنىڭ ئۈچ تەرىپىگە بىر ئېلان تەشۋىقاتى چاپلاغلىق تۇرىدۇ، قارىسام ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ مەلۇم بىر سۇ يېغىنى داڭلاپ تۇرغاندىكى سۈرىتى تۇرمامدۇ، بەك خۇش بولۇپ كەتتىم. بازارغا كىرگۈچىمۇ ئابدۇكېرىم ئاكامنى كۆرۈپ ماڭدىم. ناھىيە بازىرىغىمۇ كىردۇق. ۋاھ! بۇ يەردىكى كارامەتنى بىر دېمەڭ، ناھىيە ئىچىدىكى دۇكانلارنىڭ ئالدىدىمۇ ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ سۈرىتى، قۇلىمىزغا بەرگەن تەشۋىقات ئېلانىدىمۇ ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ سۈرىتى، كوچىدا مېڭىۋاتقان ئاقما سۈرەتلىك ئېلان تەشۋىقاتى ماشىنىسىدىمۇ ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ سۈرىتى، دوقمۇش دوقمۇشقا ئورناتقان كىنو ئىكرانىدەك چوڭ  ئاقما سۈرەتلىك ئېلان تەشۋىقاتى دوسكىسىدىمۇ ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ سۈرىتى چىقىۋاتىدۇ. بۇنى كۆرۈپ كۆزۈم ئالاچەكمەن بولۇپ كەتتى. مەن خۇددى بىر ئويلىسام گۈللۈكنى سەيلە قىلىۋاتقاندەك، بىر ئويلىسام كىنوخانىنى ئايلانغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن مەن بازاردىن زىرىكىپ قالمىدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 K% v. F, E! W         ئابدۇكېرىم ئاكامنى نېمىلەرنى داڭلاۋېتىپتۇ؟ دەپ سورامسىز. نېمىلەرنى بولاتتى، كىچىك بالىلارنىڭ يەيدىغان شاكىلاتلىرىدىن تارتىپ، ياشلارنىڭ ئىچىدىغان قۇۋۋەت ئىچىملىكىگىچە؛ چوڭلاردىن باشلاپ ھەممەيلەنگە ماس كېلىدىغان سۇ يېغىغىچە؛ ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىدىن تارتىپ دۇكاندىكى ھەرخىل ماللارغىچە ھەممىنى داڭلايدىكەن. ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ ئېلاندىكى سۆزىنىڭ ماڭا يارىغان يېرى شۇ بولدىكى، ھەر داڭلىغان مەھسۇلاتنى ئالدى بىلەن ئۆزى ئىستىمال قىلىپ بېقىپ، ئۆزىگە يارغاندىن كېيىن ئاندىن بىزگە تەۋسىيە قىلىدىكەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. [0 g2 i. S$ G& C5 p0 ^
        لېكىن ئابدۇكېرىم ئاكا، سىز ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا تونۇلغان بىر كۈلدۈرگە ئارتىسى، شۇنداقلا ‹‹بۇ ئائىلىگە قاراڭ›› قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق فىلىملەردە ئاساسلىق رول ئېلىپ تونۇلغان كىنو ئارتىسى. شۇنداق بولغاندىكىن ئېلانغا ئازراق چىقسىڭىز ياخشى بولاتتى. كونىلاردا چەتنەپ كىتىش دېگەن بىر گەپ بار، سىزنىڭ ئۇنىڭ-بۇنىڭغا تولا چىقىۋېرىپ چەتنەپ كىتىشىڭىزدىن بەكمۇ ئەنسىرەپ كىتىۋاتىمەن. ئەگەر(ئاغزىمنى ئۈششۈتكىنىمگە ئاغزىمغا ئون شاپىلاق سېلىۋەتتىم) شۇنداق بولۇپ قالسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن. يەنە بىر گەپنى سىزگە ئەسكەرتىپ قۇياي، ئۇكىڭىز سالاھىيىتىم بىلەن ئويلىنىپ كۆرەرسىز. داڭلىماقچى بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىستىمال قىلىۋەرمەڭ، شاكىلاتنى تولا يىسە بولمايدىكەن، ئۇ ئادەمنىڭ ئىشتىيىنى تۇتۇۋالارمىش. مالايسىيانىڭ قۇۋۋەت ئىچىملىكىنى تولا ئىچمەڭ، سىزنى قۇۋۋەتتىن قالدى دېگەنگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن(چاقچاق). راستىنى دېسەم قۇۋۋەت ئىچىملىكىنى تولا ئىچسە ئاشقازاننى بۇزىدۇ دەپ ئاڭلىدىم. ئىشقىلىپ سالامەتلىكىڭىزنى بەكمۇ ئاسرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. سالامەت بولسىڭىزلا ھەر خىل مەزمۇندىكى ئىتوتلىرىڭىز ھەم نادىر كىنولاردىكى ئوبرازىڭىز مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 S4 U0 [( d1 a* t7 o
      ئەمدى نىمىشقا ئابدۇكېرىم ئاكامنى كۆرگۈم كەلدى دەپ يازدىڭىز؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.  بۇنىڭغىمۇ جاۋاب بىرىۋىتەي، مەن بىر ھەپتە ئىلگىرى مەلۇم سەۋەپ بىلەن ئابدۇكېرىم ئاكام دائىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدىغان يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ پايتەخت بېيجىڭغا كىلىپ قالدىم. بۇ يەردىكى ئېلان تەشۋىقاتىدىن ئابدۇكېرىم ئاكامنىڭ سۈرىتىنى تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە كىلىپ بىر كۈن ئۆتمەستىلا ئابدۇكېرىم ئاكامنى كۆرگۈم كېلىپ بۇ ئەرزىمەس خەتنى يېزىپ سالدىم. كۆڭلۈمنىڭ تۈزلىكىدىن بەزى سۆزلەر تاققۇ-تۇققۇ ياكى قاملاشمىغان يېزىلىپ قالغان بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) r7 D1 D' `$ N3 L

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكىڭىزنى بەك كۆرگىڭىز كەلسە تېلىۋىزۇرنى شۇنداقلا ئاچسىڭىز رەت-رېتى بىلەن چىقىدىغۇ،شۇنداق كۆپقۇ...

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14043
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك كۆرگىڭىز كەلسە شەنبە ياكى يەكشەمبە  كەچقۇرۇن ئەتراپتا  يەنئەنلۇ يولىغا جايلاشقان بودۇن تاماقخانىسىنىڭ ئالدىدا  بىردەم تۇرسىڭىز  كەپ قالىدۇ ،( چاقچاق ھە).
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 h8 k5 Q& i) {9 U9 a" tماشىنىسى ئاق رەڭلىك يۆيۆ تويۇتا، نۇمۇرى  -新ئا.ر.*****  تىلفۇن نۇمۇرى13779*******،رۇقىيەمخاننىڭ بولسا  مىرسىدىز  ئاق رەڭلىك پاكار بىنىز،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 V, `1 e! ^4 H5 Y$ Z* k& T

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 881
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چولپانلارنىڭ ئىلانغا چقىشى نۇرمال ھادىسە، بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 S- C6 W$ I1 w7 b& E
ئىەگەر ئىلانلارغا ئۆچ بولسا ئىلانغا چىققۇچىنى ئەمەس ئىلان بەرگۈچىلەرنى تىللاش كىرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113411
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 70
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2015-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم. كارىخانلار بۇلۇپمۇ مىللى كارىخانلار تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىغا ئەلۋەتتە ئېلان بېرىدۇ. بولمىسا كۆپىنچىلەر خەۋەرسىز قالىدۇ. كۆرۈرمەنلەرنىڭ دېققەت- ئېتىبارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە جامائەتچىلىككە تۇنۇشلۇق بولغان شەخسىنى تاللايدۇ- دە، ئېلان دېگەنگە كوچىدا ئۇچراپ ئۆتۈپ كېتىدىغان شەھەر پۇقرالىرى ئىچىدىن بىرەرىنى چىقىرىپ قويسا كىم دىققەت قىلىدۇ. ئەگەر سىزمۇ داڭ چىقىرپ نام قازىنالىغان بولسىڭىز سىزمۇ بىرەر ئېلانغا تەكلىپ قىلىنىپ قالغان بولاتتىڭىز. ئېھتىمال ئۇ چاغدا ئابدۇكېرەم ئابىلىزنىڭ نەگە قارىسىڭز كۆز ئالدىڭىزدا تۇرىۋالدىغان ئېلانلىرىدىن بىرەرسى ئازىيىپ قالاتتى- دە، ئەمما داڭ قازىنالمىغان ئىكەنسىز ئۇنداق پۇرسىتىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا، شىركەتلەر يەنىلا چولپانلارنى تاللايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107962
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلېۋىزورنى ئاچسىلا چىقىدىغۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ بەكرەك تۇنۇلغان كىشىلىرىمىز يەنىلا ئارتىسلار ئىكەن، باشقا خېلى-خېلى تۆھپىكارلارنى بىز بەك تۇنۇپ كەتمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، كەڭ دېھقان چارۋىچى، ئوتتۇرا قاتلام تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى كىشىلىرىمىز تېخىمۇ تۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن توڭۇلاتقۇ، كىرئالغۇ...لارغا فىزىكا، ئىلىكتىرون ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان داڭلىق ئونۋىرسىتىتلىرىمىزدىكى تۆھپىكار فىراپپىسور....دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن كىشىلىرىمىزنى ئەمەس يەنىلا ئابدۇكېرىم ئابلىزنى چىقىرىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ...باشقا تۈردىكى مەھسۇلاتنىڭ ئېلانىغىمۇ يەنىلا ئارتىسلىرىمىز كۆپرەك چىقىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا شۇ تەنتەربىيە ساھەسىدە، تەبىئىي پەن ساھەسىدە، تارخ ھەم جەمىيەتشۇناسلىق ساھەلىرىدە ....(ھەر ساھەدە ئۇتۇق قازانغانلار ناھايىتى كۆپ) نەتىنجە قازانغانلارنى كۆپ قىسىم خەلقىمىزنىڭ تۇنىماسلىقىغا سەۋەپكار ئامىل زادى نىمە؟ سەنئەتكارلارنى خەلقىمىزنىڭ ئۇمۇمىي يۈزلۈك تۇنۇپ كىتىشىدىكى تۆھپىكار يەنە نىمە؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 p! _' Z, z1 M/ |' kئۇنداقتا شۇ تۆھپىكار نىمىشقا يەنە بىرىنىڭمۇ تۇنۇلىشىدا تۆھپىكارلىق رولىنى ئوينىمايدۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# d" c7 }, g" t1 _ شۇ تەتقىقاتچىلىرىمىز، ئالىم دوكتۇرلىرىمىز خەلقىمىزگە تۇنۇلۇش كېرەكمۇ ياكى يەنىلا ئۈن تۈنسىز  ئۈتىۋېرىش كېرەكمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* L$ s* o% O% j! q$ [3 K ئەگەر يەنىلا شۇ مۇتخەسىس، ئالىم، دوكتۇر، تەتقىقاتچىلىرىمىزنى بىز تەشۋىق قىلمىساق، كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەشۋىقات ۋاستىسىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ تۇنۇتمىساق ئۇنداقتا ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز نىمىدىن پەخىرلىنىشىنى، كىملەردىن ئىپتىخارلىنىشنى  تۇلۇقى بىلەن  بىلمەي قالامدۇ قانداق؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 ?. j1 [. c* p; x7 j2 W; J
يەنىلا شۇ باللىرىمىزگە تازا تۇنۇش بولمىغان باللىرىمىزغا نىسبەتەن قاراڭغۇ زاماندا ياشىغان ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىز مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلاردىن باشقىنى دىيەلمىسەك كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ مەن دىگەن ئەدىبىيات- سەنئەتتىنمۇ باشقا ساھەلەرگە قىزىقىشىنى قانداق قوزغىتىمىز؟  ھەممىسى سەنئەتكارلارغا قىزىقىپ پەقەت شۇلارنىلا بىزنىڭ مەشھۇر كىشىلىرىمىز دەپ ئۈتۈپ كىتىشى كېرەكمۇ؟  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 t; J3 Z1 C0 g, u+ z* x: {نۇرغۇن- نۇرغۇن قارا دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىقىپ ھەر كۆرمىگەننى كۈرۈپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئوقۇپ بىلىم ئېلىپ ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئالەمشۇمۇل ئۇتۇق قازانغان تۆھپىكارلىرىمىزنى زادى ئەۋلاتلىرىمىز تۇلۇقى بىلەن بىلەمدۇ يوق؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# R1 B4 ]5 j4 s7 {! T" G) C' `
سىز باللادىن سورىسىڭىز  بەلكىم چوڭ بولغاندا دوختۇر بولىمەن دىيىشى مۇمكىن، ئەمما كىمدەك، قايسى دوختۇردەك بولماقچى؟ نىمىشقا شۇ دوختۇردەك بولماقچى...ئۇ دوختۇر كىچىكىدىن قانداق قانداق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ قانداق تىرمىشىپ ئوقۇپ ئاخىرىدا ھازىرقىدەك بولالاپتىكەن....دىسىڭىز ئۇلار ئىپتىخار بىلەن كىمنى تىلغا ئالىدۇ، ئالالمدۇ؟  بۇ بىرلا مىسالغۇ ئەمدى....ھەي....مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسى بولمىغان ئەۋلاتلاردا ئۆزىنى تۆۋەن كۈرىدىغان ، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان پاسسىپ روھىي ھالەت شەكىللىنىپ قالامدۇ قانداق؟   بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) g; h+ m8 I  L: p
شۇڭا دىمەكچى بولغىنىپ شۇ ھەر ساھەدىكى تۆھپىكار ئۇتۇق قازانغان كىشىلىرىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىمىز، سەنئەت تىپىدىكى پىرۇگىراممىلارنىلا ئىشلەۋەرمەي تارىخ تەتقىقاتى، ئىلىكتىرون ساھەسى، ماتىماتىكا....مىدىسسىنا، مالىيە....دىگەندەك ساھەلەردىكى  تۈرلۈك پىرۇگىراممىلارنى تەسىس قىلىپ ئۇ دوكتۇر، مۇتخەسىسلەرنى كۆپلەپ قاتناشتۇرىشىمىز، ئىچكىرىدىكىگە ئوخشاش ھەر كەسىپلەردە مەخسۇس باسقۇچ خارەكتىرلىك زېھىن سىنايدىغان تىلۋىزىيە مۇسابىقە پىرۇگىراممىلىرىنى ئىشلەپ  مۇتخەسلىرىمىزنى باھالىغۇچى قىلىپ ئۇلارنى ئەلگە تۇنىتىشىمىز...ئەل تۇنىغاندا ئۇلارنى ئۆز ساھەسىگە ماس كىلىدىغان ئېلانلارغا تەكلىپ قىلىپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىپ بىرىشىمىز لازىممىكىن دەيمەن. (ئاخىرقى سۆزۈممنى توغرا چۈشۈنۈپ كىتەرسىلەر)  تۇرۇپلا تىمىغا قاراپ كاللامغا كەچكەننى ئۇدۇللا بۆجەپ باقتىم....نىمە دىمەكچى سەن دەپكەتمەڭلار ھە؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108441
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-7-14
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋە بىر يەرلەرنىڭ باشلىقىدەك، خۇددى تۆۋەندە ئولتاغان نۇرغۇنلىغان باشلىقلارغا يوليۇرۇق بىرىۋاتقاندەك، ئۇلار يىغىندىن تارقاپلا ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتىپ تىزدىن مەن دىگەن " تۇنۇتۇش"  پائالىيىتىگە، ئاتلىنىدىغاندەكلا سۆزلەپلا كەتكىنىمنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kepanogrisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 08:08 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. j, M: d* o: |) Q! A! [; Qبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 @( d% u9 k, e2 [2 g( G

ۋېلى زىرەككەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 751 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hadrat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 03:35 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ b2 m, k0 s' l/ aئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكىڭىزنى بەك كۆرگىڭىز كەلسە تېلىۋ ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 r$ n; j/ D5 `$ f6 a

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103800
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈزۈڭزنىڭ بيجڭغا بارغانلقنې ديۋالدىڭز ھە چاخچاق ھە

ئوۋچنڭ    مىلتغى    بولسا،    كيكنڭ    خۇداسى    يۇقمۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش