ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
بۇ ئالەمنىڭ قۇياشى نىجاتكارى ئاتىلار ،
مەۋجۇتلۇقنىڭ يىلتىزى نەۋ باھارى ئاتىلار ،
ھاياتلىقنىڭ تۈۋرۈگى ئىپتىخارى ئاتىلار ،
قۇتلۇق ئۆمۈر مەنزىلىنىڭ تۆھپىكارى ئاتىلار ،
ھەق-ئادالەت غۇرۇرنىڭ زۇلپىقارى ئاتىلار .
مىھنىتىدىن ياشنىغان گۈللەپ دەشتى باياۋان ،
مۈشكۈل سەپەر مەنزىلدە مەردۇ-مەردان ھەرقاچان ،
ئىزلىنىدۇ ھارماستىن تەلپۈنۈپ نۇسرەت تامان ،
ھالاللىقتىن كۆكلىگەن ئانا دىيار پاراۋان ،
پاك دىيانەت سەردارى پىداكارى ئاتىلار .
مىرى-شەپقەت ياغدۇرۇپ ئەۋلاتلارنىڭ كويىدا ،
تاغدەك جاپا-مۇشەققەت يېڭىلگەن جۈپ قولىدا ،
پاك ھالاللىق مىزاندۇر تىرىكچىلىك يولىدا ،
ئەل-يۇرت ئۈچۈن پەرۋانە نىيەت-ئىقبال ئويىدا ،
ئىنسانلىقنىڭ يار-يۆلەك مەدەتكارى ئاتىلار .
ئورغۇپ تۇرغان روھىدا ئۈمىتۋارلق شىجائەت ،
جان دىلىدىن كۈيۈنۈش ئەل-ۋەتەنگە ساداقەت ،
يورۇق قىلغان ئىزىنى غۇرۇر ئەقىل-پاراسەت ،
سۈزۈك تاڭدەك پارلىغان ئالەمچە نۇر مۇھەببەت ،
قۇت ئىناقلىق بېغىنىڭ پەرۋىشكارى ئاتىلار .
ياخشىلىقلار يولىدا خىزىر سۈپەت خىسلىتى ،
ئامەتلىك ھەم بەركەتلىك ئەلگە بەرگەن نىممىتى ،
جەننەت ھۇزۇر راھەتلىك بى مىننەتسىز ھىممىتى ،
دۇنيادا ئەڭ بۈيۈكتۇر ئادىمىيلىك قىممىتى ،
ھاياتلىقنىڭ خورىماس كۈچ-مادارى ئاتىلار .
مەنبە ؛ ئىجادىيىتىم