بىلەمسەن كۆزۈڭدە مىنىڭ يېشىم بار
(ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق) )
بىلەمسەن كۆزۈڭدە مىنىڭ يېشىم بار،
ئۆتۇنەي تۆكمىگىن ئۇنى باغرىڭغا.
بىلمەيسەن يۈرەكتىن تامچىماقتا قان،
بەخىت دەپ بىر
ناخشا ئۆلدى ئالدىڭدا.
بىلەمسەن كۆزۈڭدە مىنىڭ يېشىم بار،
بەلىكىم شۇ كۆزۈڭدە زەھەر ئىچىمەن.
قوغلىما بىركۈنى قوغلىمساڭمۇ،
بەرىبىر ئۇنتۇلۇپ ئۈلۈپ كېتمەن.
بىلەمسەن كۆزۈڭدە مىنىڭ يېشىم بار،
ياشايدۇ يېشىڭغا مىلنىپ تۇرۇپ.
گەر كۈزۈڭ يېشىمنى سىغدۇرالىسا،
ئۆلسەممۇ شۇ يېشىم كەتمەيتى قۇرۇپ.
بىلەمسەن كۆزۈڭدە مىنىڭ يېشىم بار،
بىلگىنكى ھەمرادۇر بىر ئۆمۈر ساڭا.
ئەمدى مەن سىنى دەپ شىئېر يازمايمەن،
گەر ئۆلسەم شۇ يېشىم تۇتىدۇ ھازا.
2011-يىلى 11-ئاۋغۇسىت ئاقسۇساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى