مۇقەددىمە
ئىككىڭلارغا مەڭڭۈلۈك بەخىت تىلەيمەن،
چۈنكى توي ئۆمرىدە پەقەتلا بىردە .
يۇرەكنى قىينايدۇ شۇ ئازاپ ئەپسۇس،
چۇنكى مىھمانمەن يارنىڭ تويىدە.
ئاڭلىسام تويلىرىڭ بولاركەن جىنىم،
ئازاپتىن ئۆرتەندى نازۇك تەنلىرىم.
ھىچكىمنى سىنىڭدەك سۆيەلمەس ئىدىم،
بەخىت تىلەيمەن ساڭا جان يايرىم.
بىز بىللە تارىتمىغان دەرىتلەر بارمىدى ،
بىرىشكەن ۋەدىلەر نەلەردە قالدى .
ۋۇجۇدۇمنى پۈتۈنلەي ئاچچىق دەرىت ئالدى،
تىلەيمەن بەخىت دەپ يۈرۈگۈم قالدى.
توي قىلماقچى دەپ ئاڭلاپ ئىزىلدى قەلبىم،
سىنى دەپلا ياشىغاندەك خۇددى يۇرۇگۈم.
ئاجىزلىق قىلاركەن ئىزھارغا تىلىم،
قانداقمۇ ئۇنتارمەن سىنى مەن جىنىم.
نەمۇھاببەت بولسۇن مەندە ھەممىسى كەتتى،
يۈرۈگۈم گۆش ئىدى مۇزلار قىتىلدى.
بەلكىم بۇ كۈنلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى،
چۈنكى بۇ شۇم خەۋەر قەلبىمگەيەتتى.
ئۇنتىشقا تىرىشىمەن ئامال بار يايرىم،
سىنى سۆيسەممۇ شۇنچىلىك جىنىم.
ھالرەڭ بوياقتا بوياپ مەن سىنى،
كۆرەلمەس قىپ قوياي كۆزۈمنى جىنىم.
ماڭا ۋەدە بەر ئۆتىنەي سەندىن،
چوقۇم ئۇنى بەخىتلىك قىلغىن.
مىنى قانچىلىك سۆيگەن بولساڭ گەر،
ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە مۇھاببەت بەرگىن.
ھالرەڭ بوياقتا بويىدىم سىنى ،
كۆرگىنىم يەنىلا مۇھاببەت كۆزى.
مىنى ئۇنتىغىن ھەم ئۇنتىيسەن جىنىم،
مانا بۇ مۇھاببەت تەقدىرى ئۆزى.
كەچۈرگىن ھىچنىمە قىپ بىرەلمىدىم،
پەقەتلا سەن ئۈچۈن سۆيگۈمدىن كەچتىم.
ئامان بول مەڭگۈگە ئەمدى مەن كەتتىم،
بەختىڭنى تاپقىنسەن تىرىشىپ جانىم.
ئاللاغا ئامانەت تۇنجى مۇھاببەت،
توختىسۇن قەلىمىم يازماي ئەمدى خەت.
ياشىغىن مەڭگۈگە ۋاپادار بولۇپ،
ئۆيۈڭدە چاقنىسۇن ئوتلۇق مۇھاببەت.