ئېلاننىڭ تەرىپى ۋە غەيۋىتى (فېليەتون)
مەمتىمىن ئابلىزپەيلىمۇچ
تېلۋىزورنىڭ جەلىپكارلىقى ئېشىپ ئوتى يامان بولۇپ كەتتى. ئىچىنىباشقۇرالمىساقمۇ تېشىدىن سۆيۈپ كۆرىمىز. ئېلان ئۇنىڭ ئىچىنى قوچۇپ بازارغا ئايلاندۇرىۋەتسىمۇ ئۇنىڭدىن ئاشقانۋاقىتتا ھۇشىغا كىلىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن بايامقى فىلىمنىڭ داۋامىنى ئېزىپ كەتمەيبىرىدۇ. شۈكرى!. بۇرۇن كەچتە چوڭلاردىن ھىكايە چۆچەك ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالاتتۇق. ئاشۇئىشچانلىق، چىچەنلىق، چىداملىق، كارتىنىلىرى تاشقا مور باسقاندەك ئىسىمىزدە. ھازىرتەرەققىي قىلىپ ئۆيىمىزنىڭ مېھمانئولتۇرىدىغان تۆرىدە تىلۋىزورنى ئولتۇرغۇزدۇق. ئۇ بىزگە ئارتىسلار تىلىدىندۇنيانىڭ پارىڭىنى قىلىپ بىرىدۇ. ئۇنىڭ گىپىنى يېنىمىزدىكى يۇقۇرىدا يىغىنغاقاتنىشىپ كەلگەن نەمۇنىچى ئاكام،ياكى ھەرەمدە ھەج قىلىپ كەلگەن سۆزمەن تاغاممۇبۆلەلمەيدۇ. پەقەت ئېلان بۆلەلەيدۇ. ئۇنىڭ خاسىيىتىنىمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەشكەبولمايدۇ. ئېلان باشلانغاندا ئاۋازنى تاقاپ نەمۇنىچى ئاكام، ھاجىم تاغام بىلەنمۇڭدىشىۋالىمىز. بالىلارمۇ ئېلاندىكى نەرسىنى ئېلىپ بەر دەپ تۇرىۋالماي ئېلانغاتەڭكەش قىلىپ يۇمۇرىستىك پاراڭلارنى قىلىدۇ:
-ئاكا ماۋۇ مەن ئەتكەن ياغمۇچ بەك ئاچچىق ئەزراق يىگىن جۇمۇ!
- كۆپ يىسە نىمە بولىدا؟
- ئوت كىتىدا!.
- سىڭلىم بۇگۈن ئەتكەن ئومىچىڭ بەك ئوخشاپتۇ جۇمۇ!
- ۋاي ئانچىلا ئەمەسقۇ!
-ئاكا پويىز بېلىتىنى توردىن ئالاسەن؟
-شۇنداق، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ!
- بىلىۋاپتۇ!
ئېلان يەنە سورۇنداشلارنى ئىىتىپاقلاشتۇرۇپ قىزىق پاراڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىشىاسىيىتىگە ئىگە:
- چوكانلار گىرىمچى بوكەتتى
- چولپانلار سوپۇنچى بوپكەتتى.
-چولپان بولۇشتىكى مەخسەت ئېلانغا چىقىش،
-ئېلانغا چىقىشتىكى مەخسەت پۇل تېپىش.
- ئېلان شىركەتنىڭ نامىنىچىقىرىدۇ، چولپاننىڭ نامىنى چۈشىرىدۇ
- ئېلان نەدە يوق، خالادىكىداڭگالدا، ياكى يىراقتىكى جاڭگادا!
- قۇرۇق گەپ! قايسى كۈنىجاڭگالدا يانتاق چېپىۋىتىپ يىلانغا ئۇچراپ قالدىم، ئۇنىڭدىن قېچىپ دوسكىدىكىئېلانغا ئۈسسۈپ سالدىم.
بۇنداق سورۇنمۇ ھەر كۈنى يوق. ئاكام،تاغاملار كەلمىگەنچاغدا سۆيۈملۈك تىلۋىزورىمىزنى ئېلاننىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قوغدىيالماي قاراپتۇرۇپ قالدۇق. نوپۇزلۇق رىياسەتچى نەچچە مىليۇن ئادەم كۆز تىكىپ تۇرغانفىروگىراممىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلاي دەپ تەمشىلىۋاتقاندا زوراۋان ئېلانلاريانار تاغ پارتلىغاندەك ئەلپازى بىلەن توپلۇشۇپ تەكرار،تاكرار،تەكرار كىلىپۋالاقلىشىپ رىياسەتچىنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنى بېسىۋالدىى:
-«پاخپاق»ماركىلىك قۇم يالىتىلغان تازلىق قەغىزىنى ئىشلەتسىڭىز بىراقلا ئۈچ خىل ئۈنۈمگەئىرىشىسىز!: ھېچنىمە ئۆستۈرمەيدۇ تىغ ئىشلەتمەيسىز! نەمئۆتكۈزمەيدۇ ئىشتان يۇمايسىز، قىچىشمايدۇ قاشلاڭ دېمەيسىز!
-بېشىڭىزنى«ئالتە يىل»دا يۇسىڭىز 60 يىلغىچە تەرىتىڭىز بۇزۇلمايدۇ!
چېچىڭىز چاتاقلاپ،چىڭىپ ئارقان قىلسىڭىزمۇ ئۈزىلمەيدۇ.شۇنچە يىل ئۆيگە كىرمىسىڭىزمۇئايالىڭىز سىزنى ئىزلىمەيدۇ!
- «مۆتىدىل» نى كەيسىڭىز، مەرىگۇلنى قوشۇپ بىرىمىز!مېھمانسارايغا ماڭسىڭىز كەينىڭىزگە قاراپ قۇياسىز! ئىگىسى تۇتىۋالسا يالىڭاچقالىسىز.
- «ئابىسى»نى ئىچسىڭىز، پۇلغا تۇشار قوينىمىز. پۇل دېگەن يامان نەرسە، ئويناقشىيدۇبوينىمىز!
-«رودىپاي» ماركىلىق لەۋ چاپلىمىسى لەۋ سۇرىقىنىڭئورنىنى بېسىپ ۋاقىتنى تىجەيدۇ. شوخلا، سەۋزە، تۇرۇپ پىگمىنتىدىن قىزىلسېرىق،يىشىل ئۈچ خىل رەڭدە ئىشلەنگەن بولۇپ ئاستىن-ئۈستۈن ھەر خىل لەۋلەرگە ماسكىلىدۇ. قاتناش چىرىقىنىڭ رولىغا تەقلىت قىلىنغان بولۇپ قارشى تەرەپكەكىلىش،توختاش بۇيرىقى بىرىدۇ. ئۇ يەنە نازۇك لىۋىڭىزنى بوران چاپقۇننىڭ زەربىسىدىنساخلاپ 18ياشلىق جالۇپكار ھالەتتە ساقلايدۇ.
-ئىنىرگىيە دېگەن كېلىمەن دېمەيدۇ!، پۇلىڭىز بىزگە كەلسە كىتىمەن دېمەيدۇ.
- «قۇتبارقۇتبار!» ، بۆرىكىمدە قۇرۇت بار! سىز ئىچسىڭىز ماڭا پۇل باررر!
دولقۇنيۆتكىسەك مۇھەممە يەردە شۇ پاتىپاراقچىلىق. ئاقمىسىمۇ غەيۋەت قىلغاچ ئولتۇرايلى.ئادەتتە بەدىئىي فىىلىمبەرگەندە ئوتتۇرىسىغا ئېلان قىستۇرماسلىق توغرىسىدا بەلگىلىمە باركەن دەپ ئاڭلىغانئىدۇق. لىكىن بەزى جەلىپكار يېڭى فىلىمگە كەلگەندە ئۇ بەلگىلىمە خاسىيىتىنى يوقۇتۇپئېلانغا سېتىلىپ كىتىپتۇ. ئېلان كارخانىچىلارنىڭ ئىتىۋار بىرىدىغان كوزۇرىئىكەنلىكى راست. شۇنداقتىمۇ ئىنساپ بىلەن بىر ئىش قىلسا بولمامدۇ. تېلىۋىزىيەئىستانسىسىنىڭ دۆلەت بەرگەن راخوتى بار. ئېلانغا سېتىلىپ كەتمەي خەلق تەرەپتە تۇرسا بۇلاتتى. دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا مەدەتبىرىش سىياسىتى بولسا، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى جانلاندۇرۇشساپلاشتۇرۇش سىياسىتىمۇ ئويلاش كېرەك. مەمىلكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرگەئېلان قىستۇرلۇپ قالمىسىلا ھۆكىمەتمۇ بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەن.بىز قاخشىساقئۆز ئۆيىمىزدە بىر دەم تىللاپ توختاپ قالىمىز. جانغا ياكى نانغا تاقاشمايدىغان ئىشقا يىغىلىپتىلۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ يۈرەمتۇق؟ ئۇنداق قىلساق مەسىلىنىڭ خاراكتىرىئۆزگىرىپ كىتىشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم رەھبەرلەر كەچتە تىلۋىزور كۆرمەي سورۇنلارغا،ساڭناغا بېرىپ«ئىش بىجىرىپ» ئۆيىگە كەچ قايتىپ ياكى قونۇپ قېلىپ ئېلاننىڭكاساپىتىگە ئۇچرىمايدۇ. پۇقرالارنىڭ قاخشاشلىرى بوۋاقنىڭ يىغلىشى، كالىنىڭمۆرىشىچىلىكمۇ قۇلىقىغا كىرمەيدۇ. « بۇ ئائىلىگە قاراڭ» دەپ قويۇپ ئەمەلىيەتتە « بۇ ئېلانغاقاراڭ» دېسىمۇ بىز تىللاپ قاخشاپ ئولتۇرىۋىرىمىز. تىللاپ قاخشىغانغا ئېلاننىڭزۇۋانى پەسلەپ قالمايدۇ. يۈزتۇرانە تىللىسا چىدىيالماي يۈرىكى سىقىلىپ ئۆلۈپقالغانلارنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. لىكىنبىز ئېلان چولپانلىرىنى ۋە ئېلان باشقۇرغۇچىلارنى يىراقتىن تىللىغاچقا ئۇلارنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتمەيدۇ. خەقمۇ «چولپان بولۇشتىكىمەخسەت ئېلانغا چىقىش»دەپ قائىدىلەشتۈرۈپ بولدى. دىلنۇر ئابدۇللا، ئابدۇرېھىم ھېيت،زاھىر بۇرھان، ئىززەت ئىلياس...قاتارلىقلار بۇ قائىدىگە ئىزچىل خىلاپلىق كەلدى. ئۇلارغا پۇل لازىم ئەمەسمىكىنە! كىشىلەرئۇلارنىڭ ئوبرازىنى ساپ ھاۋادىكى يىشىل قارىغايدەك مەڭگۈ سولمايدۇ دىيىشىۋاتىدۇ.
ئېلانغا كەڭ قۇچاق ئاچقان سەھنە ئېلان ھەققىدىكى پىكىرگە ئۇنچە قۇچاقئاچمايدۇ. غەيۋىتىمىز ئۆز ئۆيىمىزدىكىگىلەم كىگىزلەرگە سىڭىپ كىتىدۇ خالاس. بىزەڭ ئېلانلار يەنە ياڭراۋىرىدۇ. بىز يەنەپۇل تۆلەپ كۆرىۋىرىمىز. بىزگە پۇل لازىم بولمايدۇ! بولسىمۇ بىز پۇلغا ئۇنچىلائامراق ئەمەس. ئېلانغا چىقىش ئۇنچىلا نۇمۇس ئىشمۇ ئەمەس. سەنئەت پۇرىقى قويۇق، بەدىئىيلىككە،چىنلىققا ئىگە قىسقا ئېلانلار كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ.كىشىلەرنى ئەڭ بىزار قىلىۋاتقىنى زىيادە تەكرارلىق، زىيادە كۆپتۇرمىچىلىك ۋە سەئەتپۇرىقى كەمچىلىك مەسىلىسى. زاۋۇتتىن چىققانلىقىنى دەپ تۇرۇپ يەنە «تەبىئىي» دېيىش بەكمۇبىمەنىلىك. ئادەم بەدىنى غۇرۇر ۋىژدانمۇجەسسەملەشكەن بىباھا ئۇلۇغ مۆجىزە. سەنئەت پۇرىقى يوق قىلىقلار بىلەن ئويناقلاپ تىكىستنىناخشا قىلىپ كۈچەپ ئىنجىقلاپ داۋراڭ قىلىش مەھسۇلاتنىڭ كورىسىنى كۆتۇرگەندەكقىلسىمۇ ئارتىسنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ. ئۇلارنى سەكلەتكەن پۇل ئاتلىق شەيتاندەمسىز! راست، پۇل يانجۇقتا نەچچەقاتلىنىپ تۇرسا ئارتىسنىڭ ئوبرازىمۇ كىشىلەر ئالدىدا شۇنچە قاتلىشىپ پۇرلىشىپ كىتىۋاتىدۇ. مەدەنىيەتنىتاۋارغا ئايلاندۇرساق بولىدۇ. سەنئەتنى ئېلانغا بىزەك قىلساق بولىدۇ. ئېلاننىڭ سەنئەتپۇرىقى قويۇق،قىسقا بولسا زىيادەتەكرارلانمىسىمۇ بىز ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلۇنۇپ تۇرۇپ شۇ مەھسۇلاتنى تەبىئي ھالدا تونىۋالىمىز.بۇنىڭدىن نەچچە تەرەپ تەڭ مەنپەت ئالىدۇ ئەلۋەتتە. خام ئەشيا زاۋۇتقا كىرگەندىنباشلاپ مەھسۇلات خېرىدارنىڭ ئاغزىغا كىرگىچە بولغان جەرياننى مەدەنىيەتئىنقىلاۋىدا شۇئار توۋلىغاندەك قۇلاققا ئۇرۇپ جاكالايدىغان قىلچە سەنئەت پۇرىقىيوق ئاخپارات تىپىدىكى ئېلانلار يۇقارقى ئەقەللىي تەلەپتىن يىراق بولسىمۇتىلۋىزىيە دولقۇنىغا ئايلىنىپ قالغىنىدىن ھەيرانبىز. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدائالاھىدە توختام ياكى قانداشلىق بولسا بۇنى بىلمىدۇق.
« بۇ ئائىلىگە قاراڭ» دېسە مەن«بۇ ئېلانغا قاراڭ» دېگەندەڭ ئېلانغا بىرىلىپ كىتىپتىمەن . ئامراقلىقىمنى ئىچىمگەسىغدۇرالماي بۇ تېمىنى يېزىپ سالدىم .پۇقرادېگەن نادان بولىدىكەنمىز. ئېلاننىڭئەھمىيىتىگە بولغان تونىشىمىز ئاجىزكەن. قانداق قىلىتۇق. بۇرۇندىنلا ئاقمىسىمۇ مۇشۇنداق ئالا-جوقا سۆزلەپ قويىتۇق! ئالاقىدارلاريۇمشاق يىرىنى ھەزىم قىلىپ قاتتىق يىرىنى قايتتۇرۇپ بىرەرسىلەر. تالقان، پارشۇك،ئىچىملىك، سۇيۇق سوپۇن ياكى پىرەنىككە ئايلاندۇرۇپ بەرسەم سىڭىدۇ سىلەرگە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: r# J) Q! i' ~. G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. [: X3 ?" Y. f' M7 @1 g
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 m- g O/ X1 a$ h4 Y بۇ يازمىنى ئاخىرىدا goldiway تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-13 01:14 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) n+ _# N' v# N, m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 M( a5 T1 G* k) l- U4 m