مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 292|ئىنكاس: 12

يىڭى يىل كەلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106974
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،تۈنۈگۈن كۈندىلىك خاتىرەمنى ۋاراقلاۋىتىپ بۇرۇن يېزىپ ساقلاپ قويغان شىئىرلىرىم قولۇمغا چىقىپ قالدى،سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ مۇنبەرگە يوللىدىم،ياخشى بولمىغان يەرلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن.


يىڭى يىل كەلدى
چېلىندى قوڭغۇراق.
يىڭى يىلغا مۇبارەك،
ۋارقىراشتى
ئوغۇللار
قىزلار
كونا يىلنى ئۇزاتقانلار.

يىڭى يىل كەلدى
تەبىرىكلەشتى ھەممە.
كونا يىل خوشلاشتى تىنىچقىنە.
بىراق ئۇنى ئۇنتۇشقان ھەممە.

يىڭى يىل كەلدى
دىللاردا قوزغالدى ئارمانلار.
يىڭىچە ئۈن جار سالار،
بىراق كونا يىلنىڭ كۆتۈرۋالغىنى
ئەمەلگە ئاشمىغان بۈيۈك ئارمانلار.

يىڭى يىل كەلدى
شادلىققا چۆمدى ھەر ياق،
ئېگىزلىك تۈزلەڭلىك ئويمانلىق ياكى يايلاق.
ئايرىلدى بىزدىن ئاقباش بوۋاي،
چىرقىراپ يىغلار يىڭى بوۋاق.

يىڭى يىل كەلدى
يىڭىلنار سىياق،
ھاۋا
سۇ
ھەتتاكى تۇپراق.
بىراق يىراقلاردا جار سالار بىر ئۈن
كونىلىققا بولۇپ مۇشتاق.

يىڭى يىل كەلدى
قوغلار كونىنى،
چۈنكى ئۇ يىڭى،
كونىغا ئورۇن يوق ئەمدى.

يىڭى يىل كەلدى
قوغلىشارمىز يىڭىنى،
ياخشىسىنى مودىنى ئىلغارىنى.
قوغلىشارمىز يىڭى بىلەن بىللە،
ئاشۇ غىرىپسىنغان قەبىرىنى.

2012-يىلى12-ئاينىڭ-31-كۈنى   شاڭخەي

ئۆتمۈشنىڭ سايىسى سىنىڭ كىلەچەك دەرىخىڭنى قۇرۇتۇپ قويمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106974
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ئىزدىگەن روھ

جاھان گۈلزارى ئىچرە ئىنتىلەرمەن بىر روھقا،
بەلكى ئۇ مەۋجۇت ئەمەس،يەتكىلى بولماس چوققا.

دىلى پاكتۇر ،ئەقلى چەكسىز ،ئەقىدىسى ئاندىن كۈچلۈك،
يۈرىكى ھەم ئىمان ئۈچۈن يالقۇنجىغان ۋولقان گويا.

ئىزىپ قالسام ئەگى -توقاي ھايات داۋانلىرىدا مەن،
ماياك بولۇپ ئۇ باشلار مىنى توغىرا يولغا.

ھېرىپ قالسام ،ئازاپلانسام ئۇ ياندا ماڭا ھەمراھ،
ھەراھ بولسا ئۇ ياندا ،ئازاپ كەلمەس غىرىب باشقا.

تەلەي كىلىپ مەغرۇرلانسام ھايات سەھنىلىرىدە مەن،
يىقىملىق بىر بىقىش بىلەن ئەسلىتەر ئەسلىمنى ماڭا.

قوغلىشارمەن ئۇنى مەڭگۈ ئارلىق يىقىن مەيلى يىراق،
ئۇ مەن ئۈچۈن ئالىي غايە، ھاياتىمدا بۈيۈك چوققا.

2013-5-15  شاڭخەي

ئۆتمۈشنىڭ سايىسى سىنىڭ كىلەچەك دەرىخىڭنى قۇرۇتۇپ قويمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4958
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1775 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قەلەم ئېگىسىگە !
كەڭ مىسرانىم خەلقىنىڭ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر يىڭى يىلى نەۋرۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن .بۇ ئۇلۇغ بايرامنىڭ خاسىيەتلىك ،بەرىكەتلىك بولىشىنى تېلەيمەن .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1619
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ، شەھلا كۆزلۈك شەھلا قىز ، ئەجرىڭىزگە رەھمەتلەر بولسۇن …

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106974
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 02:12 PM
رەھمەت قەلەم ئېگىسىگە !
كەڭ مىسرانىم خەلقىنىڭ كىلىۋاتق ...

يازغانلىرىمنىڭ سىلەرگە يارىغانلىقىدىن مەمنۇن بولدۇم

ئۆتمۈشنىڭ سايىسى سىنىڭ كىلەچەك دەرىخىڭنى قۇرۇتۇپ قويمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106974
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tumaris01 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 03:33 PM
بەك ياخشى يېزىپسىز ، شەھلا كۆزلۈك شەھلا قىز ، ئەجرىڭىز ...

ماختىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت،ياخشى تىلەكلىرىڭىز ھەممىمىزگە تەڭ بولسۇن

ئۆتمۈشنىڭ سايىسى سىنىڭ كىلەچەك دەرىخىڭنى قۇرۇتۇپ قويمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرنىڭ   بەزى   مىسرالىرى  ھەقىقەتەن  ئىسىل   چىقىپتۇ   ،   ياقتۇرۇپ    ئۇقۇپ   چىقتىم   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 851
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت داۋاملىق تىرشىڭ.بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ،خاتىرە كۈنلەر ۋەبايراملارنىڭ كىلشنى دەپ ئۆمرىمىزنىڭ ئاز قىلۋاتقانلقىنى بىلەلمەيدىكەنمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106974
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىبا. يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 04:39 PM
شېئىرنىڭ   بەزى   مىسرالىرى  ھەقىقەتەن  ئىسىل   چىقىپتۇ    ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت

ئۆتمۈشنىڭ سايىسى سىنىڭ كىلەچەك دەرىخىڭنى قۇرۇتۇپ قويمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106974
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 05:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akula1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 04:50 PM
رەھمەت داۋاملىق تىرشىڭ.بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ،خاتىرە  ...

شۇنداق،شۇڭا ئۆمۈرنىڭ كۆپ قىسمى بىھۇدە ئېسراپ بولىدۇ

ئۆتمۈشنىڭ سايىسى سىنىڭ كىلەچەك دەرىخىڭنى قۇرۇتۇپ قويمىسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش