قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر
قاراخان
‹‹يەردە قاپقان ،ئاسماندا تور›› قۇرۇلمىسا قويمىچى،
يەنە قانداق ھۈنىرىڭنى چىقىراتتىڭ ھاياتتا.
تەقدىر شۇنداق ئارقاننى ئۇزۇن قىلىپ قويغۇچى،
قۇۋ تۈلكىمۇ تۇمشۇقىدىن ئىلىنىدۇ ھەرباپتا.
نومۇس قىلماي تالايلارنى دادىخاھقا ئىتتەردىڭ،
داغدا قويدۇڭ كىملەرنى سوت ھۆكۈمنى ئاقسىتىپ.
قېلىنلىقتا ئادىمىلىك غورۇرۇڭنى يۈتتەردىڭ،
ھەقدارلارنى يالغان لەۋزى بىلەن ھەردەم قاقشىتىپ.
لەنەت ساڭا ئالدامچىلىق چىقتى بۈگۈن بېشىڭغا،
ئۇچالمايسەن ،خاتىرجەم ،يۈرۈەلمەيسەن يەر-كۆكتە.
خىجالەتنى تارتىپ كۆرگىن ‹‹قانۇن››تەگدى چىشىڭغا،
يانالمايسەن ھېچكىمگە، قوپالمايسەن يا ئۆكتە.
قانچە مۇھتاج ،قانچە يىتىم،قانچە يوقسۇل قاقشىدى،
ساڭا بەرگەن پۇل-مېلىغا ھەقلىق ئىگە بولالماي.
مۇتتىھەملىك پەيمانىڭغا توشسىمۇ بىر تاشمىدى،
ئەسلى قاپقان تورنى ساقلاپ تۇرغانكەنسەن ئۇيالماي.
لەنەت ساڭا مىڭ لەنەت !ئۆلدى سۆزۈڭ ،ئۆزۈڭمۇ،
مۇناپىققا قوشكىزەك دەپ ئاتىساقمۇ خوپ سېنى.
قەسەم پۇراپ تىللىرىڭ ،يالغان كۈلەر كۆزۈڭمۇ،
يالغانچىنىڭ بىر قېتىم قاينار ياغاچ قازىنى.
ئەندى ئۆيدىن چىقالماي بولدى يۈزۈڭ شەرمەندە،
ئېلىم –بېرىم قىلغاندا قىلماي ئەمەل لەۋزىگە.
قاقتى سوقتى قىلىپ قېچىپ بولغان ئىدىڭ رەۋەندە،
بوغۇلدۇڭغۇ بۈگۈن ئەجەپ جاۋاپ بەرگىن قەرزگە.
باشقىلارنىڭ ھەققىدە ھەققى بارمۇ ئاناڭنىڭ،
قانۇن نىمە ئەخلاقنىمۇ قىلىپ بولدۇڭ دەپسەندە.
كىشى ھەققى خۇدا ھەققى ،ھەققى بارمۇ داداڭنىڭ،
پۇلنى قايتۇر،مالنى قايتۇر ئادەم سۈپەت پىسەندە!
2015-يىلى 12-مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-12 07:26 PM