ۋىسال بەر
ياسىنجان مەمەت
(دىل بىرىپ دىلنى قۇل قىلىش،ئەۋزەلدۇر مىڭ قۇلنى قىلغاندىن ئازاد)
كۆڭلۈم ساڭا تارتىشىدۇ ئىختىيارسىزلا،
كۆيۈش دىگەن شۇنداق بولار ئوخشايدۇ دىدىم.
بەزلىسەممۇ كۆنمەيدىكەن يۈرەك پەقەتلا،
بىلسەڭ گۈلۈم چىن دىلىمدىن راست سۆيگەن ئىدىم.
تۈنلەر قاراپ يۇلتۇزلارغا ئەسلىسەم سىنى،
تاتلىق ئۇيقۇ چۈشلىرىڭگە كىرىمەن بەلكىم.
ۋىسال بەرمەي ئوتلىرىڭدا كۆيدۈرسەڭ مىنى،
مۇھاببەتنىڭ يولى ئۇزۇن ئۆتمەسمۇ قەدىرىم.
سىغىنىشنىڭ ئوتلىرىدا كۆيگەن يۈرەكتىن،
شامال بىلەن سالام يوللاپ كۈتىمەن خەۋەر.
قوبۇل قىلغىن بۇ قەلبىمنى قۇتقۇز پىراقتىن،
چىن سۆيگۈدىن كۈلسۇن دىلىم ماڭا ۋىسال بەر.
(جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئۇچقۇچىلار ئۇنۋىرىستىتى)
2015\3\11
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yasinjan555 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-12 06:38 PM