دەرەخلەر ياپراق تاشلاۋاتقان،كەچكۈزنىڭ سوغوق شامىلى تىنىمنى تىترىتىۋاتقان ،ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن روھسىز كەيپىياتتا ،كونا جايغا سەن بىلەن ئۇچرىشىش مەقسىتىدە كېتىۋاتقان ئاشۇ ھالىتىم مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ،شۇ تاپتا پۈتۈن بەدىنىم تىترىمەكتە ئىدى،سېنىڭ كېلىشىڭنى ،قوللىرىڭ بىلەن مۇزلاۋاتقان قوللىرىمنى چىڭ تۇتىشىڭنى،ئىللىق باغرىڭ بىلەن مۇزلىغان تېنىمنى ئىللىتىشىڭنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلماقتىمەن.بۇرۇنقى بەخىتلىك كۈنلىرىمىزنى ئەسلەپ ياش تۆكمەكتىمەن،بىزگە زادى نىمە بولغاندۇ ؟-دەپ ،بوشقىنە شىۋېرلىماقتىمەن.
سەن بىلەن تونۇشقان ئاشۇ كۈن ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ،مەن تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن كۇرۇسقا قاتنىشىپ ،سىنىپقا كىرگەن بىرىنچى كۈنى ،سەن ماڭا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتىڭ،چىرايىڭدىكى ئاشۇ تەبەسسۇمىڭ بېلەن مېنى ئۆزۈڭگە پۈتۈنلەي مەپتۇن قىلۋالغان ئىدىڭ،سېنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ئاشۇ كۆزلىرىڭ،چىھرىڭدىكى ئاشۇ تەبەسسۇم مېنىڭ يۈرەك قېتىمغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئىدى.شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سېنى ئۆزۈمنىڭ چۈشۈمدىكى مەلىكەم ،مەڭگۈلۈك ھەمراھىم ،ھاياتىمنىڭ سۆيگۈسى دەپ ئويلاپ ،بارلىقىمنى ساڭا تاپشۇرۇشقا بەل باغلىغان ئىدىم.
مىڭ تەسلىكتە ساڭا تەلەپ قويدۇم،كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىڭ ھەم خىجىللىقتىن قىزارغان يۈزلىرىڭ بىلەن ماڭا تەستىق سالدىڭ،شۈ كۈندىن باشلاپ ،مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ،ئەڭ شېرىن ،ئەڭ بەخىتلىك كۈنلەر باشلاندى.سېنىڭ ماڭا كۆينۈشلىرىڭ ،سېغنىشلىرىڭ ،قەلبىمگە بىر خىل لەززەتنى ھىس قىلدۇردى،سەنمۇ ماڭا خۇددى مەن ساڭا ئامراق بولغاندەكلا ئامراق بولۇشقا باشلىدىڭ،مەن سېنىڭ ماڭا بولغان سۆيگۈڭگە ،مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭغا چوڭقۇر ئىشەندىم .سېنى ئاللاھ ماڭا ئاتا قىلغان پەرىشتەم دەپ ئويلاپ پۈتۈن ھاياتىمنى ساڭا تاپشۇردۇم.
سېنىڭ قوينۇڭدا شۇقەدەر بەخىتلىك ئىدىم.سەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلىشنى خالىمايتتىم،سەنسىز دۇنيا مەن ئۈچۈن زۇلمەت ئىدى،سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇت مەن ئۈچۈن پانى دۇنيانىڭ جەننىتىنى ھىس قىلدۇراتتى.
سېنى ھېلىقى ناتۇنۇش ئەر بېلەن بىللە كۆرگەن ئاشۇ كۈنگە قەدەر ،مەن سېنىڭمۇ ھېس تۇيغۇلىرىڭنىڭ خۇددى ماڭا ئوخشاش ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم.گەرچە سېنىڭ باھانە كۆرسىتىپ
،مەندىن قېچىۋاتقانلىقىڭنى يىراقلىشىۋاتقانلىقىڭنى كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى تۇيىۋاتقان بولسىمۇ،يۈرىكىمدە ساڭا يەنىلا زور ئىشەنىچ بار ئىدى،بۇرۇنقىدەك بەخىتلىك كۈنلىرىمىزنىڭ يەنە قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ،كۆزلىرىڭنىڭ يەنە ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىپ،قەلبىمنى ئىللىتىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتىم.
بىراق ئاشۇ كۈندىن باشلاپ،سېنىڭ ماڭا كۈلۈپ قارايدىغان كۆزلىرىڭنى،تەبەسسۇمى بىلەن قەلبىمنى ئىللىتىدىغان ئاي چېھرىڭنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالدىم.شۇ كۈندىن باشلاپ دۇنيا ماڭا دوزاخقا ئايلاندى،كۈنلىرىم مەنىسىز ،ھاياتىم بەخىتسىز بولۇپ ھېجىران قەلبىمدىن ئورۇن ئېلىپ،سېغىنىش ئوتى يۈرىكىمنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى.تۈنلىرىم خىيال بىلەن ئۇيقۇسىز ،كۆزلىرىم قان ياش بىلەن ئارامسىز بولدى،بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىر چۈش بولىشىنى،ئۇيقۇدىن ئويغانساملا يېنىمدا سېنى كۆرۈشنى ،چاچلىرىمنى سېلىشىڭنى ،مەڭزىمگە سۆيۈشۈڭنى ،ئىزىلگەن ،زەرداپ بولغان قەلبىمگە -بۇ سېنىڭ چۈشۈڭ جىنىم -دەپ تەسەللى بىرشىىڭنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلدىم.ئەپسۇس................................
خىيال بىلەن ئېلىنغان قەدەملىرىم مېنى كونا جايغا ئىلىپ كەلگەن چاغدا ،تاش ئورۇندۇقتا خۇددى ياپراق ئۈستىدە ئېچىلغان گۈلدەك قىياپىتىڭنى كۆرۈپ ،ۋۇجۇدۇم ھاياجاندىن تىترىدى،سېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلگەنلىكىڭگە ئىشىنىپ،قەلبىمدە بىر تەنتەنە مەۋۇج ئۇرۇشقا باشلىدى.ئوقتەك يۈگىرەپ بارغىنىمچە يېنىڭغا كېلىپ ئولتۇرۇپ قوللىرىڭغا ئېسىلدىم.
-جېنىم كەلدىڭمۇ،سېنى بەكلا سېغىندىم-يۈزلىرىم كۈلدى ،كۆزلىرىم خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى.
-كەلدىم-سەن شۇنداق دېگىنىڭچە قوللىرىڭنى تارتىۋالدىڭ،ئەمدىلا ئىللشقا باشلىغان تىنىم ،قايتىدىن كىرگەن بىر سوغاق ئېقىمنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.
-مەن نېمىنى خاتا قىلدىم ،ئېيىتساڭچۇ؟ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويساڭچۇ،مەن چوقۇم تۈزتىمەن،ۋەدە بېرەي جېنىم-ساڭا يالۋۇرغىنىمچە قايتىدىن قوللىرىڭغا ئېسىلدىم
-ماقۇل ئەمىسە ،بىلگىڭ بولسا چۈشەندۈرۈپ قوياي سەندە پۇل بارمۇ؟سەن پۇل تاپالامسەن؟ماشىنا ئالالامسەن،مېنى داچىلاردا ئولتۇرغۇزالامسەن؟سەن شۇنداق قىلالىساڭ مەن يېنىڭغا قايتىمەن-سەن شۇنداق دېگىنىڭچە قولۇڭنى يەنە تارتىۋالدىڭ.
ئارىمىزنى جىمجىتلىق باستى،مەن راس نامىرات،پۇلۇم يوق،كىم مېنى نامىرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالسۇن دەپتۇ ؟بىراق مەن پۇل تېپىشقا تىرىشسام بولىدىغۇ.
-بىز ئايرىلىپ كېتەيلى،بۇنداق ياشاشتىن جاق تويدۇم،يا ،پۇلۇڭ يوق،ھەركۈنى باغچىلاردا راڭپىزىخانا ،ئاددى ئاشخانىلاردا كۆرۈشۈپ يۈرۈشتىن،سۈپىتى يوق تېلىفوننى تۇتۇپ، تېلىفون پۇلىنى تىجەپ بىر ئاي يۈتكۈزۈش ئۈچۈن غەم قىلىشتىن زېرىكتىم-سەن گېپىڭنى تۈگىتىپلا ئورنۇڭدىن تۇرۋالدىڭ.
-ئۇنداق دېمە جېنىم،مەن بۇندىن كېيىن تىرشىپ ئىشلەي ،پۇل تاپاي ،نېمە دېسەڭ شۇنى قىلاي،مېنى تاشلىۋەتمىگىن-ئايرىلىش دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم جىغغىدە قىلغىنىچە سەن بىلەن تەڭلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،يەنە قولۇڭغا ئېسىلدىم.
-قويۇۋەت قولۇمنى،سېنىڭ نېمەڭ بار،پۇل دىگەننى تاپالايمەن دېگەنگە تاپالايدىغان نەرسىمىكەن ،سېنىڭ كەينىڭگە يەنە كىرىدىغان بولسام ،بىر ئۆمۈر نامراتچىلقتا بىر نېنىم ئىككى بولماي ئۆتۈپ كېتىمەن،ئەمدى سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق،سەندىن بەك زېرىكتىم-سەن شۇنداق دېگىنىڭچە تېز-تېز قەدەملىرىڭ بېلەن مەندىن يىراقلىشىپ كېتىپ قالدىڭ.
بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىۋاتقان قىياپىتىڭگە قارىغىنىمچە لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم،مەن ئۈچۈن دۇنيا قاراڭغۇ ،زۇلمەت بولۇپ تويۇلدى.تەنلىرىم تىترىدى.كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلدى.بىردىنلا-سېنىڭ نېمەڭ بار- دېگەن سۆزۈڭنى ئېسىمگە ئالدىم-دە ،ئورنۇمدىن تۇردۇم.توغرا مېنىڭ پۇلۇم يوق،لېكىن مېنىڭ مۇھەببەتلىك يۈرىكىم بار ،ھېچنەرسىگە سېتىلمايدىغان ۋېجدانىم بار،پاك سۆيگۈگە ۋاپادار يۈرىكىم بار،بىجىرىم بىرجۈپ قولۇم بار،مەن شۇلارنى ئويلىغىنىمچە ،ئايغىمدا چەيلىنىپ،ئاچچىق چىرقىراۋاتقان غازاڭلارنى غىچىرلىتىپ يۈرۈپ كەتتىم،ئۆز-ئۆزۈمگە -مەن غازاڭ ئەمەس،مەزمۇت دەرەخ بولىمەن،غازاڭ دەرەخنى تاشلاپ چۈشۈپ كەتكەن بېلەن ئاياغلاردا چەيلىنىدۇ،خالاس ،بىراق دەرەخ قىش ئۆتۈپ كېتىپ،ئەتىياز كەلگەندە ،قايتىدىن ياپىراق چىقىرالايدۇ-دېدىم.
سېنىڭ ئاشۇ كۈندىكى سۆزلىرىڭ مېنىڭ قەلبىمدە بىر ئىرادىنى تۇرغۇزدى ،مەن شۇ كۈندىن باشلاپ تىرىشىپ ئىشلىدىم ،پۇل تاپتىم،باي بولدۇم ئىگىلىك تىكلىدىم.
سەن ماڭا ئىنسانلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىكنى سىرىتقى قىياپىتىنى چىرايىنى ئەمەس قەلبىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۈگەتتىڭ ،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھازىر مەن بىلەن جاپادىمۇ،ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولالايدىغان ھالال بىر جۈپكە ئېرىشتىم.سەندەك ۋاپاسىز ئىنساندىن ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرغىنى ئۈچۈن رەببىمگە ھەركۈنى ھەمدۇ ئېيىتتىم.
شۇ تاپتا ساڭا شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ-مېنىڭ پاك سۆيگۈم،مۇھەببەتكە سادىق يۈرىكىم بار،ئىنسانىي ۋېجدانىم غورۇرۇم بار،جاپاغا باش ئەگمەيدىغان ئىرادەم بار ،ئىللىق بىر ئائىلەم بار ،مۇشۇلار بىلەن مەن ساڭا قارىغاندا مەڭگۈ بەخىتلىكمەن،سېنىڭ زادى نېمەڭ بار؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oghuz8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-12 12:36 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. }/ l6 q6 }: N `4 D0 {# W# E) S0 h: g
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: V' a9 y+ D& u7 Z# ~