مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tanhabora152

جەسەتلەر تەجرىبەخانىسى 2-بۆلۈم (ۋەھىمىلىك ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114641
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2015-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 06:01:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                جەسەتلەر تەجرىبەخانسى(4)
تەنھا بۆرە (پەرھات)
- ئاھ خۇدا ئۇنىڭ پۇتى يەردىن لەيلەگلىك ھالەتتە مىنىڭ يىنىمدا مىڭۋاتاتتى ....ئۇنىڭغا قاراپ چۈچۈپ ۋارقىرۋەتتىم ...
- ئا!!!!!!!!!!
يىنىمدىكىسى نەدىمۇ ئەكرەم بولسۇن، بىشىنى ئوڭ قۇلىنىڭ قولتىقىغا قىسۋالغان ئاق كىيىم كىيۋالغان بىرسى تۇرمامدۇ، تاس قالدىم قورققىنىمدىن ئايلىنىپ چۈشكىلى، لىكىن قانداق جۈرئەتكىن بىلمىدىم بۇ يەرگە كىرىشتىن بۇرۇن ئالدىن تەييارلىۋالغان يانچۇقۇمدىكى پىچاقنى ئالدىم دە ئۇ تەرەپكە كۈچەپ شىلتىدىم ...... ئەمما قۇلۇم ھاۋادا لەيلەپ قالدى ھىلىقى نەرسە خۇددى يەرگە كىرىپ كەتكەندەكلا غايىپ بولدى ........
بۇ چاغدا قاياقتىندۇر بىر ياقتىن ئىنتايىن ۋەھىمىلىك كۈلگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى ..
- ھا ھا ھا ھا سەن تىخى مىنى ئۆلتۈرەلەيمەن دەپ قالدىڭمۇ،  بۇ يەرگە كىرگىنىڭنىڭ ئۆزى ئۆزىڭنىڭ گۆرىنى ئۆزۈڭ كولىغىنىڭ...ئەمدى مەن ھەممىڭنى بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرىمەن، سىلەرنىڭ جەسىتىڭلار بۇيەردە چىرىپ تۈگەيدۇ ...... ھا ......ھا......ھا.......
ئۇنىڭ كۈلۈشى ئىنتايىن سەت ئىدى ....
يۈرىكىم قىپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى، بۇ چاغدا ئەتراپتا قۇيۇق تۇمان تارقىلىشقا باشلىدى ...
تۇمان بارا - بارا قۇيۇقلىشىپ ھەتتا ئۆزىنىڭ قۇلىنىمۇ ئىنىق كۆرگىلى بولمىغىدەك ھالەت شەكىللەندى ...
بۇ چاغدا ئۇڭ تەرىپىمدە بىر سايە ماڭا قاراپ تۇراتتى ..
مەن ئۇ تەرەپكە قارىدىم،، ئۇ جايىدىن مىدىرلىماي تۇراتتى .. مەن قانداق قىلشنى بىلمەي تۇرسام ئۇ سايە مەن تەرەپكە يىقىنلاپ كىلىشكە باشلىدى ...ئۇنىڭ چىرايى بارا -بارا ئىنىق كۆرنۈشكە باشلىدى بۇرنىنىڭ ئىسكىلتى مانا مەن دەپلا چىقىپ قالغان، يۈزىنىڭ يىرىمى چىرىپ كەتكەن، كۆزىنىڭ بىرسى خۇددى چاشقان كامىرىدەكلا، يەنە بىر كۆزىدە بولسا قارچۇق دەيدىغان نەرسىدىن ئەسەر يوق، ئىغىزىدىن قان تامچىپ تۇرغان، ئىنتايىن بەتبەشرە بىر نەرسە ئىدى ..ئۇ مەن تەرەپكە يىقنلاپ كىلىشلە باشلىدى، مەن قورققىنىمدىن كەينىمگە داجىيتتىم، ئۇ مەن تەرەپكە كىلىۋەردە مەنمۇ كەينىمگە يىنىۋەردەم ....
ئەمدى مەن تامغا تاقىلىپ تۇرۇپ قالدىم، ئەمدى قىچىشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى ....
قانداق قىلىش كىرەك ئۇ بارا -بارا ماڭا يىقنلاپ كىلۋاتسا، بىرقەدەم ئىككى قەدەم ئۇ بارا-بارا ماڭا يىقنلاپ كىلۋاتاتتى ... مانا ئىككەيلەننىڭ ئارىلىقى يىرىم مىتىرمۇ قالمىدى ........
- پەرھات!!!!!!!  تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ مىنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ......
بۇ چاغدا ئەتراپتىكى تۇمان ۋە ھىلىقى نەرسىمۇ يۇقاپ كەتكەن ئىدى ......
ئاۋاز ئاڭلانغان تەرەپكە قارىدىم ئۇ تەرەپتە مەمەتزۇنۇن ماڭا قاراپ تۇراتتى مەن ئۇنىڭ يىنىغا باردىم ....باردىم يۇ لىكەن بايا يۈز بەرگە ئىشلارنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدىم ...
- ھەي!! ھەي!!!!  ساڭا بىر ئىش بولمىغاندۇ!
ئۇنىڭ چاقىرىشىدىن ئۇنىڭدا ھىچقانداق نورمالسىزلىق يوقلىقىنى بىلىپ، غەيرەتكە كىلىپ ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتتۇم.
- ئۇھ!  ئۇنىڭ بىلىكى ئىسسىق ئىدى، دىمەك ئۇ ئادەم!!  مەن شۇلارنى ئويلاپ تۇرغاندا مەمەتزۇنۇن ماڭا:
- ھەي نىمە بولدى ساڭا جىن چاپلىشۋالمىغاندۇ؟
- ساڭا بۇ يەر غەلىتە تۇيۇلمىدىمۇ؟
- شۇ بۇيەر بەكلا غەلىتە ئىكەن سىنىڭ ئۆيۈڭگە كىرىپ تۇيۇقسىزلا بىشىپ قىيىپ كىتىپ ...كىيىنكى ئىشلانى بىلمىدىم بايا ماڭا نۇرغۇن غەلىتە نەرسىلەر ئۇچقىدى ...
بايا ماڭا ئابدۇنەبى ئۇچقىغان ئىدى ...كىين تۇيۇقسىزلا يۇقاپ كەتتى ئاندىن ئالدىمدا ئىسىقلىق بىر جەسەت پەيدا بۇلۇپ قالدى قورققىنىمدىن تاس قالدىم ئىشتانغا چىقىرۋەتكىلى تاس قالدىم كىين كەينىمدىن ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى كەينىمگە قاراپ تاس قالدىم ئايلىنىپ چۈشكىلى ...
دۇنيادا شۇمداقمۇ سەت مەخلۇق بۇلىدىكەن كۆزلىرى ساڭگىلاپ قالغان ئىغىزىغا قان تولغان،
ئۇنى كۆرۈپ قىچىپ يۈرۈپ سىنىڭ يىنىڭغا كىلىپ قاپتىمەن شۇ ...
مەن بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىين بايا يۈزبەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم ..مەن ئۇنىڭغا دەپ بەرگىچە ئۇنىڭ چىرايى تاترىپ كەتتى..
مەن ئۇنىڭغا:  بولدى بۇيەردە تۇرىۋەرمەي قالغانلارنى ئىزدەيلى، بۇ نەس باسقان يەردە تۇرىۋىرىشقا بولمايدۇ دىدىم.
ئۇمۇ ماقۇل بولدى ....بىز ئالدىمىزغا يۈرۈپ كەتتۇق لىكىن بىزنى قورقۇنۇشلۇق قەدىمىي قەۋرىنىڭ ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ھىچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى ....
داۋامى بار ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115103
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 04:26:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن ،بەكلا قىززىقىپ قالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114564
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2015-2-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:18:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىز يېزىڭلا                                             

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108506
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 03:58:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 01:42:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانمۇ يازاسىز داۋامىنى

ئىت قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا كىتىۋىرىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114641
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2015-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 09:59:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             جەسەتلەر تەجرىبەخانىسى(5)
تەنھا بۆرە(پەرھات)
لىكىنى بىزنى قورقۇنۇشلۇق قەدىمى قەۋرىنىڭ ساقلاپ تۇرغانلىقىنى ھىچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى...
سىرلىق قەۋرە
.....

مەن ۋە مەمەتزۇنۇن ئالدىمىزغا قاراپ خىلى ماڭغاندىن كىيىن بىر چوڭ تاش ئىششىككە كىلىپ توختاپ قالدۇق، ئەمدى ئالدىمىزدا ماڭىدىغان يول قالمىغان ئىدى .... قانداق قىلىش كىرەك ....
مەن تاش ئىششككە قارىدىم، تاش ئىشىكتە نۇرغۇنلىغان قەدىمىي خەتلەر تۇراتتى .... مەن ئەزەلدىن قەدىمىي خەتلەرنى تەكشۈرۈشنى ياخشى كۆرگەچكە بۇ خەتلەرمۇ تۇنۇش بىلىندىن ......
- توغرا!!!!  مەن ۋارقىرۋەتتىم
- نىمە توغرا؟ ئادەمنى ھەجەپ قورقۇتتۇڭ ۋارقىراپ دىدى مەمەتزۇنۇن.
- بۇ ...بۇ خەتلەر چىغىر يىزىقى (ئۆزۈم قۇيۋالدىم تەتقىق قىلىپ باقماڭلار يەنە) دەپ ئاتىلىدۇ رۇسلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن يىزىق،.
- ئەمسە بۇيەردە بۇرۇن رۇسلار ياشىغان ئىكەندە! دىدى مەمەتزۇنۇن .
- شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن، مەن بۇرۇن بۇ يىزىقنى تەتقىق قىلىپ باققان.
- ھە ئەمسە بۇ يىزىقنى بىلىدىكەنسەندە .
- ئازراق بىلىمەن!!
- ھە! ئەمسە بۇلاردا نىمە دىيلىپتۇ قاراپ باقە.
- مەن ئۇنى ئوقۇدۇم ئۇنىڭدا دىيىلگىنىنى تۇلۇق چۈشۈنەممىسەممۇ ئۇنىڭدىكى ئون ئىككى مۆچەلنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدىم ...........
- بۇنىڭدىكىسى 12 مۆچەلنىڭ ئىسمىكەن.
- ھە؟ بۇ نىمە مەنىنى ئىپادىلەيدۇ؟
- مەنمۇ بىلمىدىم!
- بۇ نىمىشتۇ؟
مەن بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىىىن تۇيۇقسىز ئىسىمگە بۇ يىلنىڭ قوي يىلى ئىكەنلىكى ئىسىمىگە كەلدى ۋە ئىشىككە قاراپ<قوي يىلى> دەپ ۋارقىرىدىم .......
ھىچقانداق ئىنكاس يوق مەن بۇ ئىشىمدىن ئۆزۈممۇ بىرخىل بۇلۇپ قالدىم چۈنكى كىچىك بالىدەك بۇنداق ۋارقىراپ يۈرۈش قانداق ئىش ........لىكىنى يەنىلا سىناپ باقماي بولمايىتتى .
- قوي، قوي يىلى، 2015-يىلى قوي يىلى،  نۇرغۇن قىتىم چاقرىپ باقتىم ئوخشاشلا ئىنكاس يوق،،،،،
a sheep a year (ئىنگىلىزچە قوي يىلى دىگەن مەنىدە)
دەپ ۋارقىردىم ....
-غىرىس!!!!!!!!!!!!!!!!!! قىلغان ئاۋاز بىلەن تاش ئىشىك ئاستا-ئاستا ئۈستىگە كۈتۈرۈلىشكە باشلىدى .........
بۇ دەرۋازا تۇلۇق ئىچىلىپ بولدى ئىچىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، مەمەتزۇنۇنمۇ قىتىپلا قالغان ئىدى.......
چۈنكى ئىچىدىكى ھەممىسى جەسەت ساندۇقى ئىدى .....
بۇ يەر رۇسلارنىڭ قەۋرىستانلىقىدەك قىلاتتى ......  
ئىچىگە كىرىش كىرمەسلىك توغرىسىدا ئويلىشىپ قالدىم ...
كىرىشىم كىرەكمۇ ياكى كىرمەسلىكىممۇ بىلەلمىدىم ...
بۇ چاغدا غىرىس!!!! قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بۇ تاش ئىشىك ئاستا-ئاستا چۈشۈشكە باشلىدى .....
- تىز بول ئىتتىكرەك كىرىۋالايلى دىدى مەمەتزۇنۇن ....
مەنمۇ بۇيەردە تۇرىۋىرىشنىڭ پايدىسى يوقلىقىنى بىلىپ ئىشك تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم،  ئىچىگە كىرىشىمىزگە ئىشىك جاق قىلغان ئاۋاز بىلەن تولۇق يىپىلىپ بولدى ...
ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۈمۈلدى ......
- ھەي قولچىرىقىڭ باردۇ؟  دىدى مەمەتزۇنۇن ماڭا
- ھەئە بار دىدىم ۋە ئەپچىل كىچىك قولىچىرىقىمنى چىقاردىم،  ۋە ياقتىم ئەتراپتا كۈچلۈك قۇيقا پۇراپ تۇراتتى ....
بىز ئالدىمىزغا قاراپ بۇ قەۋرىدىن چىقىش ئىغىز ئىزدىدۇق ........
ئەمما بۇ يول ئاخىرى يوق ھاڭدەك تۇيۇلماقتا ئىدى ...
ياق، ياق بۇيولدا شۇنچە ماڭساقمۇ يەنىلا ئەسلىدىكى ئورۇنغا كىلىپ قىلىشمىز بىزنى خۇددى مەڭگۈ چىققىلى بولمايدىغان سىرلىق ئوردىغا ئەكىلىپ قويغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى......
خىلى ئۇزۇن ماڭدۇق يەنىلا شۇ ئۇرۇن ....
- بۇ زادى نىمىشتۇ؟ دەپ سورىدى مەمەتزۇنۇن مەندىن .
- مەنمۇ ئۇقمۇدۇم.  بۇ يەر راستىنلا بەك سىرلىق ئىكەن دىدىم مەن،
بۇ چاغدا قاياقتىندۇ بىر ئاۋاز كەلدى،، ... ئىتتىك ئۇ تەرەپكەقول چىراقنى تۇتتۇم،  ئوننەچچە قەۋرە ئىككى تەرەپكە سۈرۈلۋاتاتتى ... بۇنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدىم، ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەي بۇ يەرنىڭ شەكلى بىز ئەسلىدە كەلگەنتىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايىتتى ئەمدى قانداق قىلشى كىرەك؟، قولچىراقنى يىقىپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم ئوڭ تەرىمگە قارىدىم.ئۇ تەرەپت بىر ئىشىك تۇراتتى.
- ھەي مەمەتزۇنۇن ئاۋۇ تەرەپتە ئىشىك باركەن ..
- ھە؟!!  ئۇ شۇياققا قاراپ ئاھ خۇدا بۇ نەس باسقان يەردىن ئاخىرى چىقىپ كىتەلەيدىكەنمىزدە ...... بىز شۇ تەرەپكە قاراپ مىڭۋاتقاندا كەينىمىزدە ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى ........
- تاق......تاق.......تاق..........
داۋامى بار ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115320
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2015-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 07:42:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايىغى يوقكەنغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114641
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2015-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 11:20:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilimdar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 07:42 PM
ئايىغى يوقكەنغۇ

داۋامى جىددى يىزىلۋاتىدۇ .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114641
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2015-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-24 03:56:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 جەسەتلەر تەجرىبەخانىسى
                                       (6)
سىرلىق قەۋرىدىكى سايە...

بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ كەينىمىزدە ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى ....
- تاق ......تاق..........تاق.........
................♞

مەن ئىتتىك كەينىگە قارىدىم، ئەمما كەينىمدە ھىچنەرسە كۆرۈنمەيىتتى .......قول چىراقنى ئەتراپقا قاراتتىم،ئەتراپتا ھىچنەرسە يوق ئىدى ...
ئەمما ئاۋاز يەنىلا ئاڭلىنۋاتاتتى.بۇ چاغدا قول چىراقنىڭ يۇرىقىدا ئىككى ئادەمنىڭ سىماسى كۆرۈندى ......
- ئەكرەم!!!!!!! ئابدۇنەبى!!!!!!!!مەمەتزۇنۇن ئۇلارغا قاراپ ۋارقىرىدى .....
- مەمەتزۇنۇن!!! پەرھات!!!!بىز بۇيەردە ئۇلارنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ...ئىككىمىز ئۇلارنىڭ يىنىغا باردۇق ..
- سىلەر بۇ يەردە نىمىش قىلىسىلەر؟ دەپ سورىدىم.
- بىزمۇ ئۇقمايمىز سىلەرنىڭ ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن بۇرنىمىزغا غەلىتە بىر نەرسە پۇرىدى. كىينكى ئىشلارنى ئۇقمايمەن ئويغانسام مۇشۇ يەردە يىتىپتىمەن ىىنىمدا ئەكرەم يىتىپتۇ .....دىدى ئابدۇنەبى .
- ھە مەنمۇ شۇنداق بولدۇم، ئابدۇنەبى مىنى ئويغاتتى شۇ قالغان ئىشلارنى مەنمۇ ئۇقمۇدۇم ....
- بۇ يەر چوقۇم ئىنتايىن سىرلىق جاي ئاكاملارمۇ چوقۇم ئوخشاش ئىشقا يۇلۇقتى،ئۇلارمۇ چوقۇم مۇشۇ يەردە ...
دىدىم مەن ئۇلارغا بۇ چاغدا ئەكرەم ماڭا
- ئاۋۇ ياقتا بىر جەسەت ساندۇقى ئىنتايىن غەلىتە ئىكەن ئۈستىدە خەتكە ئوخشاش بىر نەرسىلەر ئۇيۇقلۇق ھەم ئىغىزىمۇ ئازراق ئىچىلىپ قاپتۇ .......
- ھە؟  ئەمسە بىرىپ كۆرۈپ باقايلى دىدىم مەن.
- ساراڭ بولدۇڭمۇ جەسەت ساندۇقىغا قالايمىقان چىقىلىشقا بولمايدۇ، سەن بارساڭ بار مەن بارمايمەن دىدى مەمەتزۇنۇن.
- بوپتۇ ئەمسە مۇشۇ يەردە يالغۇز قالغىڭ بولسا تۇرىۋە، بىرە بويتاق قىز جىندىن بىرسى كىلىپ سىنى ئەكىتەمدۇ تىخى .دىدىم مەن چاق-چاق قىلىپ.
- ھازىرقىدەك ۋاقىتتىمۇ چاق-چاققا راھىڭ باركەن ھە؟ دىدى مەمەتزۇنۇن ماڭا زەردە قىلىپ.
- ئىختىيارىڭ ئەمسە دەپ ئەكرەم ۋە نەبى بىلەن ماڭماقچى بولدۇم.
- ۋاي بولدى توختىغىنە مەنمۇ بىللە باراي، باكا بۇ يەردە تۇرۇپ جىنغا ئۆيلىنىپ كەتمەي. دىدى مەمەتزۇنۇن ۋە بىزگە ئەگەشتى.
ئەكرەم بىزنى بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى .
- ھەي بايا بۇ يەردە ئىشىك باردەك قىلمايۋاتاتتىغۇ؟
دىدى مەمەتزۇنۇن ھەيران بۇلۇپ.
- شۇ بىز بۇ ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە قارىغان تۇرساق دىدىم مەنمۇ ھەيرانلىقتا.
- بىز مۇشۇ ئۆيدە ھۇشسىز يىتىپتۇق ئىچىدە نۇرغۇن جەسەت ساندۇقى باركەن، كىيىن ئىككىڭلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئاۋاز ئاڭلانغان تەرەپكە بارساق مۇشۇ ئىشىك باركەن كىيىن ئىچىگە كىرىپ سىلەرنى كۆردۇق دىدى ئەكرەم.
- ھەقىقەتەن غەلىتە ئىشتە بۇ دىدى مەمەتزۇنۇن.
- بولدى بولدى، بۇ يەردە گەپ سىتىپ تۇرىۋەرمەيلى باكار بىزمۇ بۇ يەردە تۇيىمىزنى ئوينىمايلى.دىدىم مەن
- ھە بۇلىدۇ دىدى ئەكرەممۇ گىپىمنى قۇۋەتلەپ.  ئۆيگە كىردۇق ئۆيدە نۇرغۇن جەسەت ساندۇقى تۇراتتى .....
- قايسى تەرەپتە؟ دەپ سورىدىم ئەكرەمدىن.
- ئەنە ئاۋۇ يەردە.
بىز ئۇ تەرەپكە باردۇق ھەقىقەتەن بىر شەكلى ئىنتايىن غەلىتە بولغان بىر جەسەت ساندۇقى تۇراتتى ....
-بۇنىڭغا قاراڭلار .....دىدى مەمەتزۇنۇن تۇيۇقسىز ....
ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم جەسەت ساندۇقىنىڭ بۇرجىكىدە بىر دانە لوم تۆمۈر قىستۇرۇغلۇق تۇراتتى ..
-دىمەك بۇ يەرگە بۇرۇن بىر ئادەم كىلىپ بۇ يەردىكى قەۋرىنى ئوغۇرلىماقچى بولغان ...... دىدىم مەن ئۇلارغا.
-ئەمما غەلىتە يىرى ئۇلار نىمىشقا بۇ يەرگە تۆمۈرنى قۇيۇپ قۇيىدۇ،؟  دەپ سورىدى مەمەتزۇنۇن.
-بۇنى ئىچپاقساقلا بىلىمىز دىدىم مەن.
- ۋاي ماڭە ئەمدى بىز قىلمىغان مۇشۇ ئىش قالغان دىدى مەمەتزۇنۇن.
-بۇنى ئاچساق بودەكرەك بىرە ئايال جىن چىقىپ قالسا مەمەتزۇنۇن مىنى تۇتۋالمىسۇن دەپ ئەنسىرىدى ھە قاچان دىدى ئابدۇنەبى ئۇلاپلا.
ھەممەيلەن تەڭلا كۈلۈپ كەتتۇق ....ۋە جەسەت ساندۇقىنىڭ ئىغىزىنى ئاچماقچى بولدۇق ..... ئۇنىڭ ياپقۇچىنى ئاستا-ئاستا كۈتۈردۇق .....
ئۇنىڭ ئىچىگە قاراپ ھەيران قالدىم، ئىچىدە ئورۇستىن بىرسى سۇنايلىنىپ ياتاتتى ..
- توۋا بۇ ....بۇ .....جەسەتكە تىخى ئىككى ھەپتىمۇ بولمىغاندەك قىلىدۇ ...دىدى ئەكرەم ئۇنىڭغا قاراپ .... مەنمۇ ھەيران قالدىم ئۇ جەسەت ساندۇقىدا بولسىمۇ لىكىن ئۇ قۇرىمىغان ئىدى .....
- ئۇنىڭ قۇرسىقىغا قاراڭلار!!!!! دىدى ئەكرەم بۇ چاغدا..
ئۇنىڭ قۇرسىقىغا قارىدىم ....ئۇنىڭ قۇرسىقىدىن ئىككى قۇرۇپ كەتكەن قول مەھكەم قۇچاقلاپ تۇراتتى....
يۈرىكىم ئەنسىز سىلىشقا باشلدى،  بۇ چاغدا جەسەتنىڭ كەينىدىكى يەنە بىر جەسەتكە كۆزۈم چۈشتى يۈزلىرى پۈتۈنلەي قۇرۇپ ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق كۆرىدىغان بۇ جەسەت ئۇ ئورۇسنى چىڭ تۇتۇپ ياتاتتى،  بۇ كۆرنۈش ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرەتتى، يۈرىكىم رىتىمسىز سىلىپ كىتىپ باراتتى بۇرنۇمغا بىرخىل قاڭسىق پۇراق پۇراپ تۇراتتى، يۈرىكىم قانداقتۇر بىر شۇملۇقنىڭ پۇرىقىنى سىزۋاتاتتى، بۇ چاغدا ھىلىقى قۇرۇپ كەتكەن جەسەت تۇيۇقسىز كۆزىنى ئاچتى،
- ئا!!!!!!  مەن ۋار قىرۋەتتىم ئۇنىڭ قارچۇق يوق كۆزلىرىدىن قان ئىقۋاتاتتى ........
- تىز بول قاپقاقنى يىپىۋىتەيلى دىدى ئەكرەم.
- بىز تىزلىكتە ئۇنىڭ قاپقىقىنى يىپىۋەتتۇق، لىكىن ئابدۇنەبى بىر نوقتىغا قاراپ تىترەۋاتاتتى ....
- ھەي ئابدۇنەبى!  نىمە بولدى ساڭا دىدىم مەن.
- سىلەرگە بىر گەپ قىلاي قورقۇپ كەتمەڭلا. دىدى ئابدۇنەبى
- نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن ھوي دىدى مەمەتزۇنۇن.
- بىز بۇيەردە تۆتەيلەن بار، تۆتەيلەننڭ تۆت سايىسى بولسا توغرا بۇلىدۇ، شۇنداقمۇ؟  دەپ سۇردىدى ئابدۇنەبى.
- ھەئە!  سەن ساراڭ بۇپ قاممغانسەن؟!  نىمىنداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن؟
- ئەمما. ......ئەمما بۇ يەردە بەش سايە باركەن ....
- ھە؟!!  ئۇنداق ئەمەستى!! مەن سايىلارنى ساناشقا باشلىدىم ..
- 1.....2.......3......4........بەشىنجى سايىغا كەلگەندە، قوللۇرۇم تىترەشكە باشلىدى،  ماڭا بىر شۇملۇقنىڭ پۇرىقى پۇراپ تۇراتتى، پۈتۈن بەدىنىم تىترەشكە باشلىدى ......5... سايە ......
داۋامى بار ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109407
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 680
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2014-8-23
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-24 05:19:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tanhabora152 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-24 03:56 PM
جەسەتلەر تەجرىبەخانىسى
                                        ...

ئاخىرىنى بەك ئوقۇغۇم  كېلىپ كەتتى .داۋامىنى قاچانلىققا يازارسىز ئەمدى .......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش