بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئۈچ دوست ئۆتكەنىكەن.مال دۇنياسى يوق بولسىمۇ ،كۆڭۈللىرى شاد ئىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئۈچ دوست،ئەقىل-پاراسەت،ئىشچانلىق،تەقدىر ئۈستىدە تالىشىپ قاپتۇ.
-مەن ئەقىل-پاراسەتكە ئىشىنىمەن،چۈنكى ئۇ بولسىلا ھەممىنى قىلغىلى بولىدۇ،-دەپتۇ بىرىنچىسى.
-مەن ئىشچانلىققا ئىشىنىمەن،ئەقىل-پاراسەت ئىش-ئەمگەكتىن كېلىدۇ،-دەپتۇ ئىككىنچىسى.
-مەن تەقدىرگە ئىشىنىمەن،تەقدىر ھەممىنى بەلگىلەيدۇ،-دەپتۇ ئۈچىنچىسى.
ئۈچەيلەن <مېنىڭ توغرا>دەپ تالىشىپ،بىر-بىرىدىن يامانلىشىپ،ئاخىرى پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ-دە،ئەھۋالنى بايان قىپتۇ ۋە كىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشنى ئىلتىماس قىپتۇ.پادىشىاھ بىردەم سۈكۈتتە ئولتۇرغاندىن كېيىن؛
-ئۈچىڭلار ئەتە ئەتىگەندە كۈن پېتىشتىكى تاغ ئۆڭكۈرىگە بېرىڭلار،بىر ئاپقۇر سۇدىن باشقا نەرسە ئالماڭلار،ئۈچىنچى كۈنى ئوردىغا كېلىپ،مەندىن جاۋاپ ئېلىڭلار- دەپتۇ.
ئۈچ دوست پادىشاھ بىلەن خوشلىشىپ ئوردىدىن چىقىپتۇ.ئەتىسى ئەتىگەندە ئۆڭكۈر ئالدىغا بېرىپتۇ.ياساۋۇللار ئۈچ دوستنى ئۆڭكۈرگە سولاپ ئاغزىنى ئېتىپتۇ.پادىشاھنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنەلمىگەن ئۈچ دوست غىڭ قىلمايلا يېتىشىپتۇ.بىر كۈن تاماق يېمەي قوساقلىرى تاراقشىپ ئۆلەي دەپ قاپتۇ،بىر-بىرىگە تاپا-تەنە قىلىشىپتۇ.ئىككىنچى كۈنى پىشىن بىلەن ئەقىل-پاراسەتكە ئىشىنىدىغان بىرىنچى دوست ئۆڭكۈر ئىچىدىكى يوغان بىر تاشنىڭ تېگىگە نۇرغۇن ئۆمۈچۈكنىڭ كېرىپ كېتىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ،بۇ يەردە چوقۇم بىر نەرسە بار،دەپ ھۆكۈم قىپتۇ،ئىشچانلىققا ئىشىنىدىغان ئىككىنچى دوست تاشنى يۆتكىگەن ئىكەن،ئاستىدىن ياغلىققا ئوراپ ،كۆمۈلگەن يوغان بىر نان چىقىپتۇ.ناننى ئۈچكە بۆلۈشىپ يېيىشىپتۇ.ئۈچىنچى دوست يەۋاتقان نان قېتىدىن يالتىراپ تۇرغان بىر دانە گۆھەر چىقىپتۇ.
پادىشاھ ئۈچىنچى كۈنى ئۈچ دوستنى ئالدىغا چاقىرىپتۇ،ئۇلاردىن ئۆڭكۈردە نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى سوراپتۇ.ئۈچ دوست كۆرگەنلىرىنى بىر- بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ.پادىشاھ ئۇلارغا؛
-بىرىنچى دوست ئەقىل-پاراسەتنى ئىشقا سالغاچ،تاش ئاستىدا كۆمۈلگەن نەرسىنى بايقىغان،ئىككىنچى دوست ئىشچان بولغاچقا تاشنى يۆتكەپ،ناننى تاپقان.ئۈچىنچى دوستنىڭ تەلىيى بولغاچقا نان ئىچىدىن گۆھەر چىققان،قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار؛مۇبادا ئەقىل-پاراسەت،ئىشچانلىق،تەقدىر بىرلەشمىسە،ئاشۇنداق بولارمىدى؟-دەپتۇ.
ئۈچ دوست پادىشاھنىڭ ئادىل ھۆكمىگە قايىل بوپتۇ ۋە قايتىدىن ئىتتىپاقلىشىپ بىر-بىرىگە ساداقەتمەن بولۇپ دۇنيادىن ئۆتۈپتۇ،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& z! y1 p2 Y! t8 }6 H
مەنبە: بوۋام ئېيتقان ھېكمەتلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 04:55 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- |, T( h4 C4 eبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, S' g2 _* J& h) D. F