مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2466|ئىنكاس: 16

ئەرشىدىن ئۆلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115037
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2015-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

        ئەرشىدىن ئۆلدى

1

خۇداسىز
زىمىنسىز
ئاسمانسىز
ئاتا ـــــ  ئـــــــــانامســــــــــــىز ،،،،،،
ۋۇجۇدۇمدا كۆيمەكتە بىر ئىز .

يۈرىكـــــــىمنى كــــــاۋاپ قىلىپ يەپ
زورايماقتا چۈمىلىدەك قىز

ئاسمان ،
كىمۇ مېنى ئۇتلارغا سالغان؟
پىشانەمدە ئۆمىلىپ ماڭغان ،
مەن مۇشۇنداق بويتاق يارالغان
ساقىلىمدا بۇغۇپ غۇرۇرنى
يۈرىكىمدىن خاننى سۇغارغان .

تۇقىمىچى قىز رىۋايەتلىرى
كىچىلىرى مىنى ئويغاتقان ،
قاۋاقتىكى جەسەتلەر بىلەن
كوچىدىكى ئەخلەتلەر بىلەن
مەن
         بىر تاۋۇتتا  
                                    ،
                            بىر گۆردە ياتقان.

بۈگۈن
مەن ئۈچۈن ماتەم ، مەن ئۈچۈن ئۆلۈم
كېپىنەكنىڭ بېغىدا قالدى
ئېچىلمىغان ئون غۇنچە گۈلۈم .
نامىزىمنى چىقارماس ھېچكىم ،
ھازىمۇ يوق سورۇلدى كۈلۈم .
ئۇ ئالەمگە ئوچۇقلا كەتتى ،
بۇ ئالەمگە پاتمىغان كۆزۈم .

بىر چاغلادا
ئونبەش ياشلىق پەيلاسوپ ئىدىم ،
ھىيۇگۇدىن خەتلەر كېلەتتى
بالزاك مىنى يېتلەپ ئوينايتى
ئىچى كاۋاك غەزەللىرىمنى
نەۋائىمۇ ماختاپ كېتەتتى ،
مەن توختىسام كائىنات توختاپ
يەر شارىمۇ يىغلاپ كېتەتتى .
چىۋىق مىنگەن سەبى بالىلار
ئەرشىدىن دەپ توۋلاپ كېتەتتى ،
كۆزۈم قىسسام يۇرۇق كوچىدا
تالاي قىزلاې ئۆلۈپ كېتەتتى .
جاھان مىنىڭ ئىلكىمدە ئىدى ،
مەن ئانامنىڭ قوينىدا ئىدىم
مومام ئاڭلاپ چۆچەكلىرىمنى
تېلىققۇدەك كۈلۈپ كېتەتتى .
ئىشقىلىپ بەك جىق ئىدى
بوز يۈرىكىم ئۆزرە تاغلىرى .

مانا بۈگۈن
          ئۆلۈپ
                   كەتتىم ،
قەبرە قويماي مىسرا تۈۋىدە
قۇمۇش قەلەم ،
                       ئۇيغۇر خېتىدە   ،
«ئەرشىدىن ئۆلدى ! »
ماي بويىقى شۇ پېتى قالدى
ئىشەك تەنلىك ئادەم كۆزىدە .
ۋاي ئېسىت ،
بۇ دۇنيالىق قەرزىم كۆپ ئىدى ــــــ  
ئىگەم ماڭا ئىجازەت بەرگەن
ئەڭ خالىي شۇ زېمىن يۈزىدە ،،،،،،،

بەلكىم
بۇ شەھەردە
يىگىرمە يىل قۇم بوران ئۇچسا ،
بىراۋ مىنى قالار سېغىنىپ .
يىغلاپ سالار ھازامنى تۇتۇپ
يىگىرمە ئۈچ يىل ئاۋالقى
شىۋىرلاشلار يادىغا يېتىپ ،،،،،،،،  

2

ئاسمەندىكى قەبرە تۈۋىدە
يىغلاپ ياتار بىر تالاي سايە ،،،،

جاندىن كېچىپ  ، جاناندىن كېچىپ
زەڭگەر ــ زەڭگەر ماناندىن كېچىپ ،
ئەرشىدىن ئۆلدى .

دەرمان ئىزلەپ ياشاپ دۇنيادا
ئارمان بىلەن تۇپراققا كەتتى
كۆز يېشىدىن ئېقىن ئاقماقتا
نېرۋىلىرى دوۋزاخقا كەتتى
                                      ،،،،،،،
قەلەم سۇندى شېئىر ئۈزۈلدى ،
ئەرشىدىن ئۆلدى ، ئەرشىدىن ئۆلدى !
تەبرىكلىگىن تەبرىكلە جانان ،
بۇلدى ئارتۇق ياش تۆكمە دوستۇم .
جەسىتىمنى كۆيدۈرۈپ
ئاسمانغىلا چېچىۋىتىڭلار ،
بۇلغانمىسۇن بۇ ئانا تۇپراق .

ئاسماندىكى قەبرە تۈۋىدە
چاۋاك چالار تەنھا بىر سايە .


3

سۈكۈتلەردە سۈكۈت ياشايدۇ
كۆڭۈللەردە كۆڭۈل ياشايدۇ ،
ئۈمىد ئۆلمىسە .
دۇنيا مېنى كىمدىن سورايدۇ
يۈرىكىمدە بىر ئوت كۆيمىسە .

بىر سۆيۈشتە جاھان لەززىتى
بىر ئۆلۈشتە ھايات لەنىتى
مىڭ رەت ئۆلۈپ مىڭ رەت تىرىلسەم
بوز يۈرىكىم ئەسلىنى ئۇنتۇپ
قاغا بىلەن سىرداش بولغۇسى .

«مەن ياشاپ بولدۇم يىتىپ ئاشقۇچە
دۇنيا دۇنياغا كەلمىدى تېخى » *
بوغۇزلىدىم ئۆزۈمنى قايتا
بۈيۈك پەلسەپەم ئۆلمىگەن چېغى .

كۆڭۈللەردە كۆڭۈل ياشايدۇ ،
سۈكۈتلەردە ئۆلۈم ياشايدۇ !





                   ------------------------


                      * 2010 يىللاردا يېزىلغان بىر پارچە شېئىرىمدىن ئۈزۈندە .



‌2014 - 2015 يىللار ، خوتەن -قەشقەر


(مەنبە : ئۆزۇم )



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sawdaiym تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 09:07 AM  


ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13847
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 711 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇردۇم ،،،قولىڭىزغا بەرىكەتلەر كەلگەي،،..،...

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113497
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2015-1-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قايسى جەھەتتىن چۈشنۈشنى بىلەلمىدىم

سەۋىر قىل سېنىڭ ئىشلىرىڭمۇ ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12094
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3276 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2175
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5511
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 631 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىرخىل ھېسياتقا كەپ قالدىم ، قىسقىسى شۇنداق ياقتۇردۇم ، ئىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1619
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسسز ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلك بولغاي ....

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ، ئىلھاملىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8968
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3389 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچىمۇ ياخشى چىقىپتۇ .بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110783
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

گۈلگە  گۈل  بول  ،  تىكەنگە   تىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 488
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ   ئىسىل   چىقىپتۇ   ھە   ،   يۈرگۈمنى   شۇنچىلىك   ھاياجانغا  سالدى  .    چاچما   شېئىرنى    شۇنچىلىك   ياقتۇرىمەن   ،    بۇلۇپمۇ   مۇشۇنداق    نازۇك  ھىس   -  تۇيغۇنى   ناھايتى   ئۇستىلىق  بىلەن  ئەكىس   ئەتتۈرۈلگەن   شېئىرنى  .
ئەجرىڭىزگە   رەھمەت  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش