ئانامنىڭ قەبرىسى بار قەلبىمدە
مەن شۇ چاغدا ئانامنى تىللىغان،قارتىپ قويۇپ سومكامنى يەرگە قويۇپ دەسسەپ دەرىزىنىڭ سىرتىغا ئېتىۋىتىپ ،ئاندىن ئىشىكنى قاتتىق يىپىپ چېكەتكەن.يامغۇر يېغۋاتماقتا،ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىدىن چوقۇم ياش چىقتى.ئۇ ئۆزىنىڭ قاتتىق ھاقارەتلەنگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى بىر بالىسىنىڭ قاراڭغۇلۇققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ياش چىققانلىقىنى ئۇنىڭ قەبرىسى قەلبىمگە ئورنىغاندا بىلدىم.
شۇ چاغدا قولۇمدىكى ئەينەك پارچىسىنى ئۇنىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ چاقىغا سانجۋەتكەن.ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى ھازىرغىچە ئېسىمدە،پاتقاق يولدا جانسىز پۇتلىرىنى ئاران ئېلىپ يەلسىز ۋېلسىپىتىنى يېتىلەپ ماڭماقتا،بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى دەرس تەييارلاش دەپتىرى شۇنداقلا سىرىتقا تاشلانغان لاي سومكام ھەم بار ئېدى.
بىز ئۇيقىدا ،كۈن چىققان بولسىمۇ ئۆيىمىز قەلبىمىز شۇنچە قاراڭغۇ.شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ تېرىك كۆمۈلۈۋاتقانلىقىمنى بىلگەن بولسام ئېدىم ،شۇ كۈنى سەھەردە سومكامنى پاكىز يۇيۇپ ،ئاپتاپتەك كۈلۈپ مېنى مەكتەپكە ئالغىلى كەلگەن ئانام بىلەن ئۆزۈم بۇزغان ھارۋىدا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە باراتتىم. بىراق مېنىڭ ئاتا ئانام مەكتەپتىن كەلگەن ئانامنى قاتتىق تىللىدى.شۇ چاغدا ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىدىن چوقۇم ياش چىقتى.ئۇ ئۆزىنىڭ قاتتىق ھاقارەتلەنگەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى بىر بالىسىنىڭ قاراڭغۇلۇققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ياش چىققانلىقىنى ئۇنىڭ قەبرىسى قەلبىمگە ئورنىغاندا بىلدىم.
دەرىسخانىغا كىرىشكىمۇ مۇيەسسەر بولالماي دەرىزە تۈۋىدە دەرس ئاڭلايدىغان ،ئاينىڭ يورۇقىدا كىتاب كۆردىغان،تەلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۇستازىنىڭ تاھارىتىگە سۇ بېرىدىغان ئىنسانلارمۇ بولغانلىقىنى ئانامنىڭ قەبرىسى قەلبىمگە ئورنىغاندا بىلدىم.
شۇ چاغدا مۇئەللىم مېنى مەكتەپكە بىر قېتىم بارسىلا يەنە ئاۋارە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيىتقاندا ئاتا ئانام خۇشاللىقىدىن ياش تۆككەن.يامغۇرمۇ ھەم چۈشمەكتە.شۇ چاغ ئەتىياز ئېدى،بىز بىزنىڭ مەھەللىدىن چىقىپ مەكتەپكە بېرىشتا ئۆتىدىغان دەريادىن ئۆتمەكچى بولدۇق.بۇ قېتىملىق دەريادىن ئۆتۈش ئانامنى قەلبىمگە كۆمۈپ بەردى.ئۇ مىنى قىرغاققا ئېتتەرگەچ مەكتەپكە بار دەيىتتى.قاپقارا كۆزلىرىدە ياش ،چىرايىدا تەبەسسۇم .ئۇ ئاستا ئاستا سۇغا غەرىق بولدى.مەن تېشىۋەتكەن چاق ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوملاپ ماڭماقتا.مەن دەريا قېنىنى بويلاپ يۈگەرمەكتىمەن.ئانا !ئانا!مېنى كەچۈرۈڭ!ئانا !مەن ئەسەبىيلەرچە توۋلىماقتىمەن.ئانا!
مەن مەكتەپكە ماڭماقتىمەن ،بۇ مېڭىش زورلىنىش ئەمەس،چەكسىز پۇشايمان ،سېغىنىش،خۇشاللىق ۋە ئازاب.مەن دەرىزىدىن ئاتقان پاكىز سومكامنى قاتتىق باغرىمغا بېسىپ ھۆركىرەپ يىغلىماقتقمەن.
شۇ چاغدا مەن 15 ياش، تېخىچە ساۋاسسىز .مېنى مەكتەپتىن قېچىشقا ياردەملەشكەن ئاتا ئاناممۇ ساۋاسسىز.مائارىپ بىز يەيدىغان نىنىمىزنى سېتىپ ،ئاقىدىغان قېنىمىزنى سېتىپ قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئانامنىڭ قەبرىسى قەلبىمگە ئورنىغاندا بىلدىم.