نەمىل يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 03:03 PM 
ھەئە ئوقۇپ چىقتىم.
ئالامەت شىئىر يازىدىغانلار باركەن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قىتىم يوللىدىم بۇ قايتۇرغان جاۋاپلارنى،لىكىن پەقەت چىقمىدى،تەستىقلانماي يوقاپ كەتتى
.gif)
.gif)
.gif)
شۇڭا ئايرىم يوللىدىم،لىكىن ئىنكاس يازساڭلار يەنىلا بۇرۇنقى تىمىغا يىزىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن
سىنتاش يىگىت دەپ قاپسىز،
پو ئاتمىدۇق چىن گەپ بۇ.
چاقچاق قىلسا تىرىكىپ ،
ھەپتە يىغلاپ باققانمۇ؟
ئەزەلدىنلا بار بىزنىڭ،
بۇ مۇنبەردە داڭقىمىز.
دورىلىققا دىسىڭىزمۇ ،
چىقماس ھەرگىز ماڭقىمىز.
چالغاچ ئۇزۇن پەدىگە،
جاراڭلاپتۇ دىپىڭىز.
ئىچىمنى ئىلەشتۈردى ،
ماۋۇ قىلغان گىپىڭىز.
بەلنى باغلىغان ياغلىق،
تىزغان گۈلىڭىز چاغلىق.
قىزچاقلارغا گۈل تۇتۇپ،
يۈرەك بولمىسۇن داغلىق.
ئۇجمە پىشتى كىلىپ يەڭ،
ئۇسسۇزلۇقىڭىز قانسۇن.
يار دوردىدە زار يىغلاش،
بىر ئۆزىڭىزدىن ئايلانسۇن.
بىرىپ قاپسىز دىباغا،
باشلامچى بوپ ئالدىدا.
كىرەك ئەمەس بىز ئۈچۈن،
دىبادىكى ئەبگالار.
ئىلىش كىرەك قىساسنى،
ئالماي قانداق قىلغۇلۇق؟
قىزىتىش ئۈچۈن مۇنبەرنى،
شۇنداق كىلىپ نەزم قاتتۇق.
جەڭگە چىقىپ ئەركەكلەر،
قىز كەلتۈرۈپ يۈرەرمىش.
قوشاق تولاپ ئوڭ تەتۈر،
دەردىنى تۆكۈپ يۈرەرمىش.
جايىغا كەپتۇ گىپىڭىز،
ياخشى بوپتۇ قوشاقمۇ.
ئىرشاتجان بەك شاشلىماڭ،
بوش ئەمەستۇر شەھلامۇ.
قىزلار كەلدۇق توپ بولۇپ،
نەزم قوشاق قىتىشقا.
بوش كەلمەيمىز بىزمۇ ھەم،
ئىرادە بار يىڭىشقا.
تويۇپ قاپسىز خوگو يەپ،
موگونىمۇ يەپ تۇرۇڭ.
بىز يىمەيمىز ئۇنداقنى،
پولۇ بولسا كەلتۈرۈڭ.
قۇشقاچلار .ۇچۇپ كەتسە،
قاراپ قالغان سىنتاش.
قىزلارنى يوق دىمەڭ ،
دەرىستىن كۆتۈرەلمىدۇق باش.
قاغىلار ئۇچۇپ كىلىپ ،
تىرەكلەردە قاقىلدايدۇ.
سەۋىر قىلىڭ سىنتاشجان،
يالغۇزلۇقمۇ تۈگەيدۇ.
ھالىمىز يوق ئەزەلدىن،
سىزگە ئوخشاش بەندە بىز.
باشقىلارنى باركەن دەپ،
نەدە قوغلاپ يۈردىڭىز؟
جا قەلەممۇ قەلەمدۇر،
جا سومكىمۇ ھەم شۇنداق.
جەڭ .ەمەستۇر بۇ بەلكى،
ئويۇن قىلدۇق مۇشۇنداق.
پو ئىتىشنى بىلمەيمىز،
پەقەت ئويۇن قىلىمىز.
ھەيدىۋىتىپ بىزلەرنى،
نىمە قىلماقچى ئۆزىڭىز؟