مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3218|ئىنكاس: 25

ئەلسۆيەر:قاقشايمىزمۇ، ماختايمىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112649
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 766
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 M1 D2 v1 r* |0 l  F/ H

قاقشايمىزمۇ، ماختايمىزمۇ؟

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 k7 o4 C* b  |- |) d! ~

ئۆسەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر – بىرىنى پالۋان دەر، چۆكەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر – بىرىنى گالۋاڭ دەر.               ـــ خاتىرەمدىن

EOSZ$@]_AY`4KG$EWDHBV(5.png

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* u& I8 a& d9 j) d

    پىسخولوگىيە دەرسىمدىكى مىننەتدارلىق تەربىيەسى

     يېقىندا ئىشتىن سىرىتقى ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇدۇم. بىر قېتىملىق دەرستە مۇئەللىم سىنىپىمىزدىكى كۇرۇستا بىللە ئوقۇۋاتقىلى ئۈچ ئايمۇ بولمىغان 22 ساۋاقداشنى ئىككى - ئىككىدىن گۇرۇپلاپ، ئۆزئارا ئىككى مىنۇتتىن ماختاشقا ئورۇنلاشتۇردى. بىز مۇئەللىمنىڭ دېگىنى بويىچە قارىشى تەرەپنى ماختاشنى باشلىۋەتتۇق، مۇئەللىم سائەتكە قاراپ تۇردى. مەن يېنىمدىكى ساۋاقدىشىمنى ئاۋۋال ماختىدىم، بەلكىم ئۈچ ئاي جەريانىدا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىگە تازا دىققەت قىلمىغان بولسام كېرەك، ماختاپ بىرە مىنۇت بولمايلا گېپىمنى تاپالماي قالدىم. ماختاپ بولغاندىن كېيىن قارىشى تەرەپنىڭ ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان بىر خىل خۇشاللىقنى ھېس قىلدىم. ئارقىدىن ماختاش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلدى، ئۇ مېنى ئىككى مىنۇت توختىماي ماختىدى، ئويلاپ باقسام، ئۇ مېنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە ئۇتۇقلىرىمغا خېلىلا دىققەت قىلغانىكەن. ھەيران قالدىم، كۆڭلۈم ئۆزگىچىلا شادلاندى، مېنى ئەڭ شادلاندۇرغىنى ئۇنىڭ ئۆزۈممۇ بايقاپ باقمىغان بەزى ئارتۇقچىلىق ۋە ئۇتۇقلىرىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرگىنىدىن بولغانىدى. تۆت مىنۇتلۇق ماختاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەسىرات سۆزلىدۇق، «باشقىلاردىن قۇسۇر تاپماق ئاسان بولغىنى بىلەن، ئۇلارنى ماختاش خېلىلا تەسكەن» دېدى كۆپىنچە ساۋاقداشلار. مۇئەللىم ئاخىردا دەرستىن خۇلاسە چىقىرىپ «ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ چىرايىغا، ئىقتىدارىغا، شۆھرىتىگە، نەتىجىسىگە، شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كېلىدىغان مەدھىيە ۋە ماختاشلارغا ئىنتىلىدۇ. ‹ئادەمگە يۈز كېرەك، دەرەخكە قوۋزاق› دېگەندەك مەدىھىيە ئادەمنىڭ شان – شۆھرىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، مەدھىيەگە بولغان تەشنالىق ئادەمنىڭ تەبىئىتىدىن كېلىدۇ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇ مەدھىيەلىنىشتۇر، شۇڭا بىر - بىرىڭلارنى كۆپرەك ماختاپ بېرىڭلار» دېدى. بۇ سائەتلىك دەرس ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ئويلاپ باقسام شەخسەن مەنمۇ باشقىلارنى تەنقىدلەشكە ماھىر بولغىنىم بىلەن، ماختاشقا كەلگەندە ئانچە ماھىر ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلغانىدىم. كېيىنكى بىر قانچە ئايلىق تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمدە مۇئەللىم سىنىپتا ھېس قىلدۇرغان ماختاش بىلىملىرىنى ئەمەلىيىتىمىدە قوللىنىپ كۆردۈم، ماختاشقا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك كىشىلەرنى تارتىنماي ئەپچىللىك بىلەن ماختىغانىدىم، ئۆزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشتىم، كۆپىنچە كىشىلەر ماڭا كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك، دۇنيا بۇرۇنقىدىن گۈزەللىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدىغان بولدۇم، دوستلىرىم ۋە يېقىنلىرىممۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ مىننەتدارلىق كەيپىياتىغا تولسا تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ماختاش ۋە مىننەتدارلىقنىڭ دوستىمىزنى كۆپەيتىپ، دۈشمەنلىرىمىزنى ئازايتىش رولىنىڭ بارلىقىنىمۇ ھېس قىلدىم. ئويلىنىپ كۆرسەك، بىراۋغا يەنە بىراۋنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى، ياخشى تەرىپىنى قىلىپ بېرىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۇسۇل ئىكەن. چۈنكى بىز بىر تونۇشىمىزنىڭ ياخشى گېپىنى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۇ يوق چاغدا باشقا بىرەيلەنگە قىلىپ بەرسەك، كۈنلەرنىڭ بىرىگە كەلگەندە ياخشى گېپىمىزنى شۇ تونۇشىمىز ئاڭلاپ قالسا بىزدىن مىننەتدار بولىدىكەن، نەتىجىدە دوستلىقىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن. خۇددى «ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر» دېگەندەك مۇبادا قارىشى تەرەپ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولسىمۇ، باشقىلارغا ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلەپ بەرسەك، كېيىن شۇ ياخشى گېپىمىز قۇلاقتىن قۇلاققا ئۆتۈپ كۈنلەرنىڭ بىرىگە كەلگەندە شۇ دۈشمىنىمىزنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، ئۇ دۈشمىنىمىزنىڭ دوستىمىزغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. مېنىڭچە بۇ تەرەپكە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى بىزدە «مىڭ دوست كۆپ ئەمەس، بىر دۈشمەن ئاز ئەمەس» دېگەن گەپ بار.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- p! K2 r  W2 w, G
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& I2 p& N: r/ B. C. ^; }

قاقشاشتىن زىيان ئۆكسىمەس، مىننەتدارلىقتىن پايدا

     تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە 10 يىلدىن ئارتۇق ئىلىم تەھسىل قىلىپ دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن بىر تونۇشۇم بار ئىدى. ئۆتكەندە ئۇنىڭ بىلەن بىر سورۇندا كۆرۈشۈپ قالدىم. مەن ئۇنىڭدىن چەتئەلدە ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئىشنىڭ نېمىلىكىنى سورىغانىغانىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن ئۆزۈم ئەڭ ئۇزاق تۇرغان مالايسىيانى مىسالغا ئالاي، مالايسىياغا چىقىپ قالسىڭىز ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقايسىزكى، بۇ دۆلەتتە دوختۇرخانلار ناھايىتى ئاز، يەنە كېلىپ دوختۇرخانا كۆلىمى، ئىگىزلىكى جەھەتتىن دىيارىمىزدىكىگە يەتمەيدۇ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىدىغانلارمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس. مەن دەسلەپتە بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەپتىكەنمەن، كېيىن شۇ دۆلەتتىكى ساۋاقداشلىرىمدىن سوراش ۋە ئۆزۈم كۆزىتىش ئارقىلىق شۇنى بايقىدىمكى، بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەر بىر – بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى، ئېتىبارىنى بەكلا قىلىدىكەن. ئاددىيسى تونۇشلار ئەتىگەندە ئۇچرىشىپ قالسا قارىشى تەرەپنى ‹بۇ كىيمىڭىز بەكلا يارىشىپتۇ، چاچ پوسۇنىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم، بۈگۈن كەيپىياتىڭىز باشقىچىلا خۇشالغۇ، قارىغاندا ئامىتىڭىز كەلگەن ئوخشايدۇ› دېگەنگە ئوخشاش گەپلەنى دەپ قارىشى تەرەپنىڭ روھىيىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىدىكەن. مۇبادا قارىشى تەرەپ بىرەر شان – شەرەپكە ئېرىشىپ قالسا، دوست – بۇرادەرلىرى ئۇنى چاقىرتىپ تەبرىكلەيدىكەن، ھېچ بولمىسا ئاغزاكى ياكى تېلفون ئارقىلىق قارىشى تەرەپنىڭ نەتىجىسىدىن ئۆزىنىڭمۇ خۇشال بولغانلىقىنى، قارىشى تەرەپنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۈرۈشۈشكە بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلەشتىن باشقا ‹سىز پالانى جەھەتتىن تولىمۇ تالانتلىق، سىزنىڭ مۇنداق ئىقتىدارىڭىز بار، تېخىمۇ جارىي قىلدۇرسىڭىز كەلگۈسىدە تېخىمۇ كاتتا شان – شەرەپ سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، سىز ئەڭ قالتىس› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ماختايدىكەن، ئۇ دۆلەتتە بۇ خىل ماختاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشلار ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. كىشىلەر ھەمىشە بىر – بىرنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىغاچقا، ئۇلار روھىي جەھەتتىن كېسەللەنمەيدىكەن. روھىي جەھەتتىن كېسەللەنمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتا بولۇش ئېھتىماللىقى تولىمۇ ئاز بولىدىكەن. چۈنكى ئادەمنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى بىلەن روھىي ساغلاملىقى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، روھىي ساغلام كىشىلەرنىڭ جىسمىمۇ ساغلام بولىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن مالايسىيادا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدىغانلار ئاز ئىكەن. مەن باشقا ياۋرۇپا ئەللىرىدە ئوقۇش ۋە ئىشلەش جەريانىدا، ئۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ماختاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش سۆزلىرىنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، ئۈستۈن روھ، جۇشقۇن ۋە خۇشال كەيپىياتتا ياشايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.»
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" Z  U8 h2 i- {  F    تونۇشۇمنىڭ گېپىنى دىيارىمىزغا تەدبىقلاپ باققۇم كەلدى، دىيارىمىزدا دوختۇرخانىلارنىڭ بىنالىرى بارغانسېرى ئىگىزلەۋاتقان، ھەتتا تۈرلۈك شەخسىي دوختۇرخانىلار يېڭىدىن كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، بىمارلار ئۆچرەت ساقلاپ كارۋات ئالالمايدىغان ھالەتتە ئىكەنلىكى ھەممىزگە ئايان. مېنىڭچە، بۇنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى دىيارىمىزدىكى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا تونۇشۇم دېگەنگە ئوخشاش بىراۋنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندىرىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئەمەس. ئاددىيسى بىز چوڭلار ئىشقا چىقساق باشلىقنىڭ ياكى خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ تاپا – تەنىسىگە ئۇچرىساق، ئۆيگە كەلسەك ئېرىمىز ياكى خوتۇنىمىزنىڭ قاقشىشىغا ئۇچرىساق، بالىلار مەكتەپكە بارسا مۇئەللىمىدىن، ئۆيگە كەلسە ئاتا – ئانىسىدىن تەنبىھ ئاڭلىسا. جەمئىيەتتە ھېلى ئۇنىڭ، ھېلى بۇنىڭ يامان گېپى بولۇنسا، خۇددى دۇنيا قاقشاش بىلەن تولغاندەك مۇدھىش كەيپىيات ئەتراپنى قاپلىسا، بۇ خىل كەيپىيات ئىچىدە كىممۇ پىسخىكا جەھەتتىن بۇرۇقتۇرما بولماي ياشىيالايمەن دېيەلەيدۇ. دېمەك دىيارىمىزدا تەن مەجرۇھلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى روھ مەجرۇھلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدا ئوخشايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 [: Z  Q& D7 G6 wبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 X% |- `6 v. K4 g- a6 _

پىسخولوگىيەدىكى مىننەتدارلىق تەجرىبىسى ۋە مىننەتدارلىقنىڭ خاسىيىتى

    مەن ھازىر لايىقىدا ماختاش ئادەمگە ئامەت كەلتۈرسە، ئورۇنسىز قاقشاشنى ئادەمگە تالاپەت كەلتۈرىدۇ، دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدىم. مېنڭچە، قەيەرگىلا بارسا پىتنە – پاسات تارقىتىدىغان، باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاشقا، ئۇلاردىن ئۆيەن تېپىشقا ئامراق، باشقىلار، جەمئىيەت، سىياسەت ۋە رېئاللىقتىن قاقشاپلا ئۆتىدىغان كىشىلەردىن ئەقلى بارلارنىڭ ھەممىسى بىزار. دۇنيادا قاقشاش بىلەن ھېچقانداق ئىش ھەل بولغان ئەمەس، قاراڭغۇدىن قاقشىغاندىن شام ياغقان ئەۋزەل. ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ۋەتىنى، مىللىتى، قېرىندىشى، دوستىنىڭ ئۆزىڭىز ئەتىۋارىنى قىلمىسىڭىز كىممۇ ئەتىۋارىنى قىلار، ئەجىبا سىز «ساقنى ئون قېتىم ساراڭ دېسە بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولۇپ قالىدۇ»، «ئات يامىنى ئۆيدىن چىقار» دېگەندەك ئاتىلار سۆزىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئىشەنمىسىڭىز بالىڭىزنىڭ نۇقسانلىرىنى ئېچىپ باشقىلارغا «بالام دېگەن مۇنداق ساراڭ، ئۇنداق قاپاقباش» دەپ قاقشاپ بېرىپ، بىرە ئايدىن كېيىن بالىڭىزنىڭ مەكتەپتىكى لەقىمىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى ۋە روھىي كەيپىياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ. كائىناتتىكى ئىشلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ يەردە پىسخولوگىيەدىكى مۇنداق بىر قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي. پىسخولوگلار يېڭىدىن ئۈزۈلگەن تۆت تال بۆلجۈرگەننى نورمال تېمپىراتۇرادا بىر يەرگە قويغان، ئاندىن ئوڭدىن سولغا، بىرىنچى بۆلجۈرگەننىڭ ئۇدۇلىغان «سەن تولىمۇ سۆيۈملۈك، سېنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن خەتنى، ئىككىنچى بۆلجۈرگەننىڭ ئۇدۇلىغان «ساڭا رەھمەت، سەن مېنىڭ دوستۇم» دېگەن خەتنى، ئۈچۈنچى بۆلجۈرگەننىڭ ئۇدۇلىغا «سەن ئادەتتىكىدەك، مەن ئۈچۈن سەن بولساڭ بولمىساڭمۇ بەرىبىر» دېگەن خەتنى، تۆتىنچى بۆلجۈرگەننىڭ ئۇدۇلىغان «سېنى ياخشى كۆرمەيمەن، سەن تولىمۇ كۆرۈمسىز» دېگەن خەتنى چاپلاپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، بۆلجۈرگەنلەرنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى كۆزەتكەن، نەتىجىدە بىرىنچى بۆلجۈرگەن يېڭى پېتى ساقلانغان، ئىككىنچى بۆلجۈرگەننىڭ ئازراق يېرىنىڭ زېدى بولغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسىي جەھەتتىن يېڭى ساقلانغان، ئۈچۈنچى بۆلجۈرگەننىڭ يېرىمى ئاساسەن سېسىپ كەتكەن، تۆتىنچى بۆلجۈرگەننىڭ ھەممە يېرى تولۇق سېسىپ كەتكەن. بۇ تەجرىبىنى ئۆيىڭىزدە سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ. دېمەك، بۇ تەجرىبە ماختاش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈنلا ئەمەس كائىناتتىكى بارىلىق مەۋجۇدات ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. خۇددى مۇشۇ تەجرىبىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر دۇنياۋى تەجرىبە بار، ئۇ تەجرىبىنىڭ نامى «سۇ ھەممىنى بىلىدۇ». بۇ تەجىربىدىمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش ئۇسسۇل بىلەن سۇنىڭ كىرستالغا ئېرىشىش جەريانى كۆزىتىلىدۇ، قىزىققۇچى ئوقۇرمەنلەر توردىن بۇ تەجرىبىنىڭ سىنئالغۇ جەريانىنى تەپسىلىي كۆرۈپ باقسا، نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ئالدىڭىزغا بىر ئىستىكان سۇنى قويۇپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق تۇيغۇڭىزنى بىلدۈرۈپ ئىچىپ باقسىڭىز، ئاندىن بىزار بولۇش تۇيغۇڭىزنى بىلدۈرۈپ ئىچىپ بېقىڭ، قانداق تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىڭىزنى شۇ چاغدا بىلىسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ G1 M$ s7 j' {6 s    ئىنسان پىسخىكىسىدىن قارىغاندا، ھەربىر كىشى ئۆزىنى باشقىلارنىڭ چىرايلىق ئىكەنسىز، ياش، قابىل، ساغلام ئىكەنسىز، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرلغۇ شارائىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەنسىز دېگەنگە ئوخشاش مەدھىيەلىرىنى ئاڭلاشنى خالايدۇ؛ ھەممە ئادەم باشقىلارنىڭ كۆزىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ ياكى ئۈن تىنسىز تۆھپە قوشىدۇ ۋە ياكى ھەر ئامال بىلەن ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خۇشال قىلىنىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ھەقتە ئامېرىكا پىسخولوگى ماسلوۋ ئىنساننىڭ ئېھتىياجىنى «فىزولوگىيەلىك ئېھتىياج، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى، مۇئامىلە ئېھتىياجى، ھۆرمەت ۋە شان – شەرەپ ئېھتىياجى، ئۆزىنى كۆرسىتىش ئېھتىياجى» قاتارلىقلارغا بۆلگەن. ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر پىسخولوگى ۋىللىيام جامېس ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇنىڭ مەدھىيەلىنىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. دېمەك بۇ نۇقتىلاردىن ئالغاندىمۇ ئېتىراپ قىلىنىشقا، ماختىلىشقا ئېرىشىش ئىنساننىڭ تۈپ ئېھتىياجىنىڭ بىرىدۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 R' V' x1 ?' C: f6 D
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; O2 U8 D$ H6 J; A0 l& v

تەسىرلىك دەقىقە، ئاتا – ئانىلار يىغىنىدىكى مىننەتدارلىق

    بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىقىغا ئۈلگىلىك ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئېچىلىپتۇ. يىغىن باشلانغاندا، سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى 60 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر ئونىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن بىللە ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ، ئارقىدىن مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا – ئانىسىنى ماختاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئاتا – ئانىلار بۇنىڭدىن ھەيران قاپتۇ. ئانىسىنى ماختاۋاتقان بالىلارنىڭ ئانىلىرىغا قاراپ «مېنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە تالاي جاپالارنى چەكتىڭىز، ھېلىمۇ چېكىۋاتىسىز، مېنى دەپ تۈزۈكرەك ئۇخلاپ باقمىدىڭىز، دائىم كۈن – تۈنلەپ ئىشلەيسىز، سىز دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مېھرىبان ئانا، مەن سىزگە بەك ئامراق» دېگەندەك ماختاش سۆزلىرىنى ئاڭلاۋتقان ئانىلارنىڭ كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى تۆكۈلۈپتۇ. 60 ئوقۇغۇچى ئاتا – ئانىلىرىنى تولۇق ماختاپ بولغاندا بولسا، سىنىپ ئىچىدە ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشۈپ باقمىغانلاردەك ئۆز – ئارا بىر – بىرىگە ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان ھالىتى پەيدا بوپتۇ. ئاتا – ئانىلار گەرچە بالىلىرى بىلەن ھەر كۈنى بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بىر - بىرىگە بولغان مىنەتدارلىق تۇيغۇسى مۇشۇ يىغىندا تۇنجى بولۇپ تىل بىلەن ئىپادىلەنگەچكە، ئۇلار شۇنداق ھاياجانلانغان ئىكەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* m' Y! m0 K$ K/ K, p' M' T
ماختاشقىمۇ مەرتلىك كېرەك
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 X6 i* K' M  n- i  x; [2 ?5 U    بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا يانچۇقدىىكى پۇلىنى بىزگە ئايىماي خەجلەپ بەرگەنلەرنى «مەرد، سېخى» دەپ تەرپلەيمىز، بىراق بىزنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ماختىغانلارنى «مەرت» دېيىشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ئويلىنىپ كۆرسەك، ماختاشقىمۇ مەرتلىك كېرەك. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، «ئۆلىمالار بىر – بىرىنى كۆرەلمەيدۇ» دېگەندەك، زىيالىلارنىڭ ھەممىسى بىر – بىرىنى نۇقسانسىز ھېسابلايدۇ، ئۆزىنىڭ يازغان ماقالىلىرىنى ياخشى دەپ قارايدۇ، باشقىلارنىڭ ماقالىلىرىنى ياراتمايدۇ، كەسپداشلارنى ماختاش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قارىشى تەرەپنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىككى كىشى بىر ئورۇننى تەڭ تالىشىپ قالغان بولسا قارىشى تەرەپنى چېقىشتۇرسا چېقىشتۇرىدۇكى، بەك ئاز ماختايدۇ. بەزى كىشىلەر باشقىلارنى ماختاشتىن خىجىل بولىدۇ، خەقنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ ئۆزۈمگە ئىش تېپىۋالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيدۇ. بەزى كىشىلەر ياخشى نىيەتتە بولماي، روھىي ھالەت تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ، ئارتۇقچە كەمتەر ۋە ھەسەتخور بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئىقتىدارى، تەقى – تۇرقى، ۋەزىپىسى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كىشىلەرنى مەدھىيەلەشنى خالىمايدۇ، ئۆزىگە يېتەلمەيدىغان كىشىلەرگە بولسا قاراپمۇ قويمايدۇ. دوست – يارەنلىرىمىزنىڭمۇ «بۇرادەر بىزدە ‹دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ› دەيدىغان گەپ بار، ماۋۇ ئىشىڭ مۇنداق بولۇپ قالدى، ئۇ گېپىڭنىڭ ماۋۇ يېرى بولمىدى، قەتئىي تۈزەتمىسەڭ بولمايدۇ، ئارتۇقچىلىقىڭنى دېمەيلا قوياي بولدى» دېگەنلىكلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتە بىراۋنىڭ يامان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن دوست ياخشى تەرەپلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلىشى كېرەك. ھەرقانداق بىر يامان ئىشنىڭمۇ بىر ياخشى تەرىپى بولىدۇ. بۇ دۇنيادا ھېچبىر نۇقسانى يوق ئادەم بولمىغىنىغا ئوخشاش، ھېچبىر ئارۇتۇقچىلىقى يوقمۇ ئادەم بولمايدۇ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ چوقۇم ياخشى تەرىپى ۋە ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% T# K* `% J$ J0 w    بەزىدە بىز قارىشى تەرەپنى ماختىساق، قارىشى تەرەپ ئۆزىنى بىلەلمەيدىغان، ھەتتا ئېشىۋېلىپ، بىزنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەھۋاللارغىمۇ يولىقىمىز، مېنىڭچە، بىز ماختىساق ئېشىۋېلىپ، بىزنى كەمسىدىغان، تۆۋەن كۆرىدىغان ئۇنداق كىشىلەردىن بالدۇراق ئۆزىمىزنى چەتكە ئالغىنىمىز ياخشى، دېمەك قارىشى تەرەپنىڭ ماختىشىمىزغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراپ ئۇنىڭ ئادىمىي پەزىلىتىگە، قەلب دۇنياسىغا ھۆكۈم قىلىپ چىقساق بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# i: y1 F" N) O; b9 f6 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ ^. i" o4 x$ l

ماختاشنىڭمۇ شەرتى بار

   ئەلۋەتتە ماختاش ھەرگىزمۇ چەكتىن ئاشۇرۋېتىلمەسلىكى كېرەك، مەسىلەن، بىر پۇتى يوق بىر ياشنى كۆرگىنىمىزدە ئۇنىڭغا «سىز تىرىشىدىغانلا بولسىڭىز، كەلگۈسىدە چوقۇم دۇنياغا داڭلىق يۈگىرەش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ كېتىسىز» دېيىلسە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمايدۇ. گوركىي «ئارتۇقچە ماختاش ئادەمنى نابۇت قىلىدۇ» دېگەنىدى. خەلقىمىزدىمۇ «ئاقىلنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ناداننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ»، «ياخشىنىڭ ياخشىلىقىنى چىقار بېشى كۆككە يەتكۈچە، ياماننىڭ يامانلىقىنى چىقار تاكى توزۇپ كەتكۈچە» دېگەنگە ئوخشاش ماقال – تەمسىللەر بار. دېمەك ماختاش ھەرگىزمۇ خۇشامەتچىلىك ياكى تەخسىكەشلىككە ئايلىنىپ قالماسلىقى، لايىقىدا بولۇشى، تەنقىدلەشكە توغرا كەلسە، قەتئىي ئىككىلەنمەي تەنقىدلەش كېرەك، «ياخشىغا ئىشارەت، يامانغا جۇۋالدۇرۇز» دېگەن شۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- N! O/ f. A9 K. s9 _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ U1 }$ @9 ]1 h# a  z- j; @

ئورۇنسىز قاقشاشتىن، لايىقىدا ماختاش ئەۋزەل

    ئىلگىرى تاۋۇز ساتىدىغان ئىككى كىشى ھە دېگەندىلا رىقابەتلىشىپ، بىر – بىرىگە ھوجۇم قىپتۇ، نەتىجىدە ھېچقايسىسى پايدا ئالالماپتۇ. كېيىن ئۇلار بۇنداق قىلسا سودىسىنىڭ راۋاج تاپمايدىغانلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ غورگۈلچىلىكتىن قۇتۇلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، خېرىدارلارغا بىر – بىرىنىڭ تاۋۇزىنى ماختاپ بېرىدىغانغا كېلىشىۋاپتۇ ھەمدە شۇنداق  قىپتۇ، نەتىجىدە سودىسى كۈندىن - كۈنگە ئېقىپ، كېيىنچە باي سودىگەرلەردىن بولۇپ قاپتۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 L- q3 n  k& P9 f' k. x. P0 d
    بىر بالا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنىكەن، ئاتىسى بالىسىنىڭ روھىغا زەربە بەرمەستىن ئۇنىڭغا: «ئۆتەلمىگەن بولساڭ ھېچ ۋەقەسى يوق، ئېدىسون ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمايمۇ كەشپىياتچى بولغان، خۇا لوگىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق ماتېماتىكا ئالىمى بولدى، سەن كومپىيۇتېرغا قىزىقىسەن، شۇڭا كومپىيۇتېر رېمونتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنارسەن، مەن سېنى 10 مىڭ يۈەن بىلەن قوللايمەن» دەپتۇ، نەتىجىدە بۇ بالا ئون مىڭ يۈەن بىلەن كومپيۇتېر تىجارىتىنى باشلاپ 10 يىلدىن كېيىن 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىمگە ئىگە كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ غوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىسە، بالىسىنى ئۇرۇپ، تىللاپ، ئۇنىڭ روھىغا ئەجەللىك زەربە بېرىۋېتىدۇ، شۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تويۇق يولغا كىرىپ قالغان، ھەتتا ئۆلۈۋالغان بالىلارمۇ كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمتال قۇرۇلىشى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆتكۈر ئەركىننى مىسال ئالغۇم كېلىپ قالدى. 2013 - يىل 5 -ئاينىىڭ 4 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىن جىنپىڭ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى تەتقىقات ئورنىدا مەملىكىتىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن، ھەر ساھەدىكى 60 ياشنى قوبۇل قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بىردىنبىر ۋەكىل بولۇپ كەلگەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمتال قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتىنىڭ 2009 – يىللىق 1 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئۆتكۈر ئەركىنمۇ بار ئىدى، بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا كانۋا كۆڭلەك كىيگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتى ھەممەيلەن دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. ئۆتكۈرنىڭ ھازىرقىدەك بۇنداق شەرەپكە نائىل بولالىشى، ئۆتكۈر ئالتە ياش ۋاقتىدا كومپىيوتېر بىلەن تونۇشۇپ، 10 ياشقا كىرگەندە «ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى» ناملىق تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىققۇچە، يەنە كېيىن ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىق ئىشلىرىدا مەلۇم نەتىجىلەرنى قازانغۇچە بولغان جەرياندا ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ بالىسىنى ئۆز قىزىقىشى بولغان كومپىيۇتېردىن قارىغۇلارچە چەكلىمەستىن، ئۇنى توغرا يېتەكلىگەنلىكى، ئۇنى نۇقۇل مەكتەپتىكى نەزەرىيۋى بىلىملەرگە بەنت قىلىۋەتمەستىن، مۇۋاپىق ھالدا كومپىيوتېرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىشىگە ئىلگىرلىشىگە ئىلھام بەرگەنلىكى سەۋەب بولغان. دېمەك، قارىغۇلارچە چەكلەش، زەربە بېرىش، قاقشاش ئارقىلىق ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىپ، مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئالتۇن مەنزىلىگە يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى توغرا بولغان يېتەكچىلىك ۋە ئىلھاملاندۇرۇش.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Q; n5 U' M' c. {: ?; T" r   سىز تۇنجى قېتىم باشقىلار ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ قالسىڭىز، باشقىلار سىزگە «ناخشاش ئېيتىمەن دېگۈچە، موماڭنى يەپ، جىم ئولتۇرساڭ بولماسمىدى، ئېيتالمايدىغان نېمەڭگە» دېسە، بەلكىم شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككىنچى باشقىلار ئالدىدا ناخشا ئېيتماسلىقىڭىز، بۇ سىزنىڭ روھىيىڭىزغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، كېيىنكى ھايات يولىڭىزغا يوقىتىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. يېزىقچىلقمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، يېزىقچىلىققا دەسلەپتە كىرىشكەندە ئىلھاملاندۇرۇشقا ئېرىشەلىسىڭىز داۋاملىق شۇغۇللانغىڭىز كېلىدۇ، ئۇنداق بولمىسا، بارا – بارا قىلغۇڭىز كەلمەيدۇ. شۇڭا مەغلۇبىيەت بەزىدە مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئانىسى بولسا، يەنە بەزىدە مەغلۇبىيەت مەغلۇبىيەتنىڭ ئانىسىدۇر. بىز چوقۇم ئەمدىلا يولغا چىققانلارنىڭ يولىغا ئاقلىق تىلەيلى. چۈنكى يول ماڭغانسېرى ئېچىلىدۇ، يولغا چىقماي تۇرۇپ، مەنزىلگە يەتكىلى، يېڭى - يېڭى يوللارنى تاپقىلى بولمايدۇ، ھېچنېمە قىلمىغانلاردىن ھېچنېمە قالغۇلۇق ئەمەس. ئارىمىزدىن تالانتىنى يېڭىدىن بايقاپ، بىزگە كۆرسەتكەنلەرنى ئۇچراتساق، ئۇلارنى چامىمىزنىڭ يېتىشىچە قوللاپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، ماختاپ قويايلى، كەلگۈسىدە شۇلار نەتىجە قازىنىپ قالسا، بىز مەغرۇر ھالدا «پالانى بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىققان» دەپ پەخىرلىنىش ئىلكىدە تىلغا ئالالايمىز. ئۇنداق بولماي، ئەمدىلا تىلى چىققان بوۋاقتىن ناتىقلارچە سۆزلەشنى، ئەمدىلا ئايىقى چىققان تايغىردىن تۇلپارلارچە يۈگۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن كىشىلەرنىڭ دىلىغا ئازار بەرسەك باشقىلارغا ئۇۋۋال قىلغان، كەلگۈسىدە شەمشاد بولۇشقا تېگىشلىك دەرەخنى نوتا چېغىدىلا يۇلۇۋەتكەن بولۇپ قالىمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* P- q; e' {9 l$ K: ~7 \   بىزدە «قۇش دان ئۈچۈن ئۆلىدۇ، ئادەم نام ئۈچۈن»، «ئاغزى يۇمشاق موزاي قوشنى ئىمىپتۇ» دېگەندەك ماقا - تەمسىللەر بار. ماختاش ۋە مەدھىيە كىشىلەرنىڭ روھىدىكى جاراھەتنى ساقايتىدۇ، فىزىلوگىيەلىك كەمتۈكلۈكنى تۈزەيدۇ. شىكىسپېر قىلچىمۇ يوشۇرماي: «مەدھىيە مېنىڭ مائاشىم» دېگەن. مارك تۋېنمۇ «بىر جۈملە ياخشى ھەمدۇ سانا ماڭا ئون كۈنلۈك ئوزۇق بولىدۇ» دېگەن. دېمەك كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سىزمۇ كەڭ قورساقراق بولۇپ، باشقىلارنى كۆپرەك چۈشەنسىڭىزلا مەدھىيەلەشنىڭ باشلىنىش ئېغىزىنى ئاسانلا تاپالايسىز، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى توغرا ئىگىلىيەلەپ لايىقىدا ماختىيالايسىز. سىزنىڭ مەدھىيەڭىز مەدھىيەلەنگۈچى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قېلىشى، ئۇنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. سىز گېزىتخانا ياكى ژۇرنال تەھرىراتىىدىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، بىرەر نەشرىياتقا تەكلىپ بىلەن ئىشلىشىپ بېرىۋاتقان بىرەر بوۋاينى ئۇچراتقىنىڭىزدا «خەلقىمىز ئۈچۈن يۈرەك – قانلىرىنى سەرپ قىلغان غەيرەتلىك ئادەم ئىكەنلا، سىلىگە ئاپىرىن» دەپ ماختاپ قويسىڭىز، ئۇزاقتىن بۇيان ئوڭۇشسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ يېقىندىلا قەددىنى كۆتۈرگەن بىر سودىگەرنى كۆرگەندە «قارا بۇلۇت قۇياشنى توسالمايدۇ» دەپ ماختاپ قويسىڭىز، خوتۇنىڭىز چېچىنى يېڭىچە ياسىتىۋالغان بولسا، گەرچە ئۇ ئانچە چىرايلىق ياسىتالمىغان بولسىمۇ «چېچڭىنى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە پوسۇندا ياسىتىۋاپسەن» دەپ ماختاپ قويسىڭىز، ئانىڭىزنىڭ تامىقىنى يەپ بولۇپ «تامىقىڭ بەكلا ئوخشاپتۇ، قۇلۇڭغا دەرت بەرمىسۇن» دەپ ماختاپ قويسىڭىز ماختالغۇچىلارنى يۈرىكىنى يايرىتىۋەتمەي، چارچاپ كەتكەن نېرۋىسىغا ئاراملىق بەرمەي قالمايسىز. شۇڭا دوستلىرىم، ھازىردىن باشلاپ قاقشاشنىڭ ئورنىغا ماختاشنى، ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، يېتەكچىلىك قىلىشنى دەسستىپ كۆرۈڭ، ئىشىنىمەنكى، شۇنداق قىلالىسىڭىزلا ئەتراپىڭىز مىننەتدارلىق كەيپىياتىغا تولۇپ، تۇرمۇشىڭىز يېڭىچە خۇشاللىق ۋە مەنەلەر بىلەن بېزەنگۈسى!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. l3 h3 Y. t5 A% U! T; F

QM9{)O3%__5}AOSO[CS9AKK.png

(ئاپتور: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسسىنىڭ ئىجتىمائىي تېمىلار مۇلاھىزىچىسى، ئۆزباش ئىلىم چېيىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 J3 H, j! D/ P  @, x+ l- v0 r) t
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( \" B; u$ u! A+ J( @

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113953
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2015-2-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ مەزمۇندىنلا چىقىپ تۇرىدۇ،ھەممە ئىش روھى -كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك،«ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپارسەن »دىگەن ماقال-تەمسىل بار بىزدە؛اشقىلارنى ئانچە -مۇنچە ماختاپ،ئۇنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ قويغىلى بولىدۇ،ئاندىن قارشى تەرەپ سىزگە ئىللىق مۇئامىلىدە بولدۇ،باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۆزىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلغانلىق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, K! a& |6 M4 }بۇ خىلدىكى ماختاش ،كۈلۈمسىرەش پىسخىكىسى سىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بەكرەك قولىنىدۇ،بولۇپمۇ خەنزۇلار رنىڭ ئارسىدا ئومومى يۈزلۈك ھالەت،ھەقىقەتەن ئۈگنىشكە ئەرزىيدۇ،ئەسلىدە بىزدە بولۇشقا تىگىشلىك ھالەت ئىدى.ئەپسۇس.........
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' V) v. d, ~5 V3 Z8 b; B: l( t$ Oبۆلجۈرگەننىڭ تەجىربىسى ئىشەنچىلىك ئەمەسقۇ دەيمەن،ئەسلى ياپۇنىيلىك ئالىمنىڭ«سۇ جاۋابىنى بىلىدۇ»دىگەن تىمىسىدا بىر تەجىربىنىڭ كۆرنىشى تارقالغان،تەجىربىدە سۇغا يىقىملىق ناخشا قويۇپ بەرگەن،سۇنىڭ كىرىستالىنى ئەڭ ئىلغار بولغان مىكروسكۇپتا كۈزەتكەتكەندە ئىنتايىن چىرايلىق سۇ كىرىستالى ھاسىل بولغان؛دىسكو موزىكىسى قويغاندا ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق كىرىستال ھالەت شەكىللەنگەن،شاۋقۇن سۈرەن،ماشىنا ئاۋازلىرىنى قويغاندا بولسا سۇنىڭ كىرىستالى تىخىمۇ سەت شەكىلگە كىرگەن،ئەرزان ئاۋازى،قۇرئان تىلاۋىتىنى قويۇپ بەرگەندە بولسا ئەڭ چىرايلىق كىرىستاللىنىش ھالىتىگە كىرگەن.بەيدۇغا 谁知道答案دەپ كىرگۈسىڭىز كۆرەلەيسىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% j/ y- I7 f6 _! [" mبۇ تىمىنىڭ مەزمۇنى بەكلا ئۇزۇن بوپ كىتىپتۇ،ئوقۇغۇم كەلمەي ئارلاپ كۆردۈم؛بەلكىم بەزى كۆرۈشكە تىگىشلىك مەزمۇننى كۆرەلمىگەن بولۇشۇم مومكىن،بولسا ئاساسلىق مەزمۇنىنى يىغىنچاق ،مىغىزلىق قىلىپ يازسىڭىز تىخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4704
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1475 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى گەپ تاشنى ئىرىتىدۇ دەيمىز ئەمەسمۇ.ياخشى پىكىر قىپسىز.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112649
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 766
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلارنىڭ تېمىنى تۇتقا قىلغان ئاساستا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قاقشاشقا ۋە ماختاشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا كەڭ كۇشادا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1884
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5089
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1225 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۈنلەردىن بۇيانقى تىلغا تېتىغۇدەك ئېسىل بىر ماقالە ئىكەن ماۋۇ....تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1619
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سسىلىق سۆز تاشنى يارار

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4744
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يخشى يىزىپسىز

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 494 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك ياخشى تىمىكەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 g5 s+ s! G2 u" R+ S
ئاۋۇ تەجىربىنى تۇردا بىر فىلىمدىن كۆرگەن،ياپۇنىيەلىك بىر ئالىمنىڭ تەجىربەقىلىپ ئىشلىگەن كۈرۈنىشلىنى كۆرىپ ھەيران قالغان.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# b4 P5 S% i- P) y 20-30 ئىستاكانغا سۇ قاچىلاپ ھەرخىل ئۇسۇلدا  تەجىر بە ئىشلەپ سۇنى تۇڭلاتقۇدا ‹نۆلدىن تۆۋەن18 كىرادۇستا مۇز كىرىستالغا ئايلاندۇرغان ۋاققىتتىكى نەتىجە شۇنداق ھەيران قالارلىق چىقىدىكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 G9 g& Q) W7 X: o! N# Y" m ئەمىلى بىر تەجىربە قىلىپ ئىشلەپ كۆرۈپ باقسام بۇلغۇدەك زادى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& A% w3 X! U3 B9 Z; t: g" O4 u" kيېقىندىن بۇيان تورنىڭ نەرىگىلا قارىسا كىمنىڭ توغرا ؟ كىمنىڭ خاتا ؟ پالانى ئانداق، پۇستانى مانداق دىگەندەك تىمىلار ئەۋىج ئەپكەتكەنتى .....

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى ئەستايىدىلىق بىلەن قىزىقىپ ئوقۇدۇم، ناھايىتتى ياخشى يىزىپسىز. ئىيتقىنىڭىز توغرا دىمىسىمۇ بىزدە قارغۇلارچە قاقشاش تەنقىدلەشلا بار. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئتوت،  ھىكايە، شىئىر ئىشقىلپ  ھەرقايسى ژانىرلاردا ئەسەر يازاتتىم ئوقۇتقۇچىلىرم قاملاشسا قاملاشمىسا ياخشى پكرلەرنى بىرەتتى، كەمچىكلكلەرنى چىرايلقچە ئىيتىپ تۇزۇتۇشكە بۇيرۇيتى. دىگەندەك قەلمىم پىشقان. كىيىن تولوق ئوتتۇرغا چىقتتىم ، بىراق تولوقتا، ئوقوتقۇچىلارنىڭ كۆپنچىسى مەسخرۋاز ئىدى بىر سوئالغا جاۋاپ بىرەلمسىڭىز، بىر ئەسەردە ئازراقلا يەرنى كەتكۇزۇپ يازسىڭىز شۇ ھامان مەسخرگە قاللاتتىم شۇنىڭ بىلەن ببارغانسىرى يازمايدىغان بولوپ قەلەمنى بىراقلا تاشلۋەتكەن ئىدىم. ھازىر ئويلىسام ئۆزۇمنىڭمۇ خاتا قىلغىنىمنى ئويلاپ قالمەن. باشقىالارنىڭ گپى بىلەن ئۆزۇمنى تاشلۋەتمەسلكىم كرەك ئكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش