قەشقەر رۇسلان ئېلىكتۇرۇن - پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لاھىيە ماركىسى
لاھىلىگۈچى : يۈسۈپجان
ئىشلىتىلگەن دىتال :photoshop cs6
ھۆججەت چوڭلىقى :65MB يەنى PSD ھۆججەت
جەمئىي كەتكەن ۋاقىت :12 كۈن
ماركا چۈشەندۈرلىشى : ئۇيغۇرچە خەت ، خەنزۇچە خەت ئېنگىلىزچە ئۈچ خەت بىرلەشتۈرلۈپ
ئىخچام قىلىپ لاھىلەندى . يەنى ياۋرۇپا ئۇسلۇپ ، مىللىي خاسلىق ، ۋە سودىكى ئادىللىق ۋە سەمىمىيلىك
ئاساس قىلىنغان . r بولسا ئاساسلىق رۇسلان نامىنىڭ باش ھەرىپى لاتىنچە ئېلىندى . Uبولسا يەنى كۈلۈپ
تۇرغان ھالەتتە لاھىلەندى ،ئەلۋەتتە مەيلى دۇكان ئاچايلى ياكى شىركەت كارخانا بولسۇن ، بىز ئۇيغۇرلاردا
بولمىساڭ ئېللىق چىراي ئاچمىغىن دۇكان ساراي دىگەن گەپ بار شۇڭا ئىللىق تەبەسۇملىق شىركەت كارخانا
ماركىسغا سڭدۇرلۈپ روھلان شىركىتىنىڭ سەمىمىي ئىللىقلىق روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى .
‹‹رۇسلان›› دىگەن خەتكە ئەتلەس رەڭ بېرىلدى بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق شەخىسكە مىلللىي پۇراق ۋە مللىي خاسلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ .
‹‹如斯兰››خەنزۇچە خېتى بولسا كانۋاي رەڭ بېرىلدى ، چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس ۋە كانۋاي بولسا قىز ئوغۇللىرىمىز ياقتۇرۇپ كىيىدىغان مىللىي كىيىم -كېچەكلىرىمىزنىڭ بىرى شۇڭلاشقا مىللى خاسلىقى ئاساس قىلغان ئاساستا بۇ رەڭ خەنزۇچە خەت بېرىلدى .
قالغان كۆڭ رەڭ بولسا يەنى ئاسمان رەڭ ، چەكسىزلىككە ھەم پاكىز ، ئېرادىلىك ، جەسۇرلىققا نامايەن قىلىنىپ لاھىلەندى . تۆۋەندە لاھىيەنى كۆرۈپ بىر نەرسە دەپ باقساڭلار . قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭلارنى
ئايماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئەسلى ھۆججەت سىغىمى بەك چوڭ بولغانچە يوللاشقا ئامال بولمىدى .