چايخاننىڭ پايدىسى بەك يامان . بىر چەينەك بىر يۈۋەن بەك ئەزان دىگەن بىلەن ، بىر لېتىر سۇنىڭ باھاسى بىر يۈۋەن . بىر لېتىر سۇ تەخمىنەن ئون نەچچە يۈۋەنلىك يىقىلغۇ بىلەن قاينايدۇ. بىر لېىتر قايناق سۇدا تاس قالىدۇ يۈز نەچچە چەينەك چاي چىققىلى ، بوپتۇ 70~60 چەينەك چاي چىقتى دەيلى بىر لېتىر سۇ 70 يۈۋەن بولدى . بىر لېتىر سۇغا باھاسى توپ نەرقىدە بىر قۇتۇسى سەككىز يۈۋەنلىك مەخمۇت چايلىرى ، قزىل گۈل . زەرەپشان چايلىرى .......راۋۋۇس يىتىدۇ....ھەممە چىقىمنى چىقىرۋەتسەك بىر لېتىر سۇدا ساپ پايدىسى تەخمىنەن 60 يۈۋەندىن كەم قالمايدۇ. ماۋۇسۇ ئەڭ ئاددىي ئەڭ تۆۋەن باھادا ھىساپلىغان ھىساپ.
چايخاندا بىر چەينەك قارا چاي بىر يۈۋەن، قىزىل گۈل چىيى ، زەرەپشان چىيى.......چىيى چىيى چىيى ئىككى يۈۋەن. زەپە چاي تەخمىەن 10 يۈۋەن . ئىپار چاي تەخمىەن 30~50 يۈۋەن. ئىراننىڭ ھەقىقى بىر گىرام زەپەسنىڭ باھاسى تەخمىەن توپقا 40~30 يۈۋەن. ئىپار تەخمىنەن گىرامى يۈز نەچچە يۈۋەندىن ..باھاسى تۇراقلىق ئەمەس لىكىن ئىشقىلىپ بىكارغا بەرمەيدۇ. مۇت زەھەردىن قىممەت .
بىر گىرام زەپەنى چىۋىننىڭ قانىتىدەك بۆلۈپ-بۆلۈپ تەخمىنەن ئون نەچچە چەينەك چاي قىلىپ ساتىدۇ. دىمەك بىر گىرام زەپە يۈز نەچچە يۈۋەن بولدى دىگەن گەپ . قوشۇمچە يەل-يىمىش چىيى. ياڭاق بادام ، تۇخۇم بار. بىر تۇخۇمنىڭ بىر كىلوسى تەخمىەن ئون بەش يۈۋەن بىر تۇخۇم تەخمىنەن...بىراق بىر تۇخۇم چايخاندا بىر يۈۋەن. ياڭاق بىلەن بادامنىڭ بىر كىلوسى تەخمىەن 30 يۈۋەندىن ئاشمايدۇ. ئون يۈۋەنلىك چايغا بىر سىقىم ئۈزۈم ، تۆت تال بادام. ئىككى تال ياڭاقنىڭ مىغىزنى تەخسىگە سىلىپ ئەكىلىپ بىرىدۇ . ئات قوناق چاينىغاندەك ئىككى قىتىم گورۇسلاتسىڭىز تەخسىدە ھىچنىمە قالماي يان-بىنىڭىزدىكى كىشىلەرنى يەۋالغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمانلىپ قالسىز .
چايخانا ئاچقان كىشىلەر چاچ-ساقاللرىنى ئالماي. قەدىمى جاھان كىزەر دەرۋىشلەردەك ئۈستى-بىشىغا ئەسكى-تۈسكى كىيمىنى كىيىم ئولتۇرغان بىلەن شۇ ئەسكى چايخانىسىدىن بىر كۈندە قانچلىك پايدا ئالغىننى بىر ئاللاھ بىر ئۆزى بىلىدۇ. بىزنىڭ دىياردا ئون نەچچە چايخانا بار. قاچان قارسىڭىز لىق-لىق ئادەم . مەنمۇ ئۆيدە چاي تۇرسا ئۈچ كىلومىتىر يولنى بىسىپ شەھەرگە چاي ئىچكىلى كىرىمەن. نىمىشقا چايخاندىكى غەيۋەتخورلارنىڭ غەيۋىتىنى ئاڭلىغىلى ۋە چاينىڭ تەمىنى دەپ كىرىمەن . بىراق گەپنىڭ راستىنى قىلسام بارلىق چايخانلارنىڭ تازلىقى يامان سەت ناچار. قايسى چايخانىغا كىرسڭىز يۈندە ئاققۇزۇش يولى ئىككى پۇتىڭىزنىڭ ئاسىتىدىىن ئۆتۈپ سىرىتقا چىقىپ كىتىدىغانلىرى بار. كۆنگەن يامانمۇ سۆيگەنمۇ دىسە كۆنگەن يامان دەپ شۇ چاينىڭ تەمىگە ۋە خىلمۇ-خىل پاراڭلارغا كۆنۈپ قالغاچقا كىرىمەن بولمسا ئۇ چايخانلارغا بىشىمنى تىققۇم كەلمەيدۇ .
... يالغۇز مەبلەغ يىتۈشتۈرەلمەي قالدىم بولمىسا ئەسلى چايخانا قانداق بولدىكەن كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بىر ئىچىپ قوياتتىم. چىرايلىق ئەتلەس كۆرپە. يولىنىپ چاي ئىچىدىغان ئۆز بەگلەرنىڭ بەل ياستۇقى. ھاۋا تەڭشۈگۈچ . ئۈچ تامغا سېفىرلىق نىپىز ئىكرانلىق تېلېۋۇزۇر. قىز-ئاياللارنىڭ قەدىمى كىيىم-كچىەكلىرىنى كەيگەن مۇلازىم قىز. سىسىق پايپاقلىرنىڭ ئۈستىگە كىيدىغان قوشۇچمە پايپاق. قولىدىن ھېكايە ئىيتىش. ساز چىلىش. تارىخى قىسلەرنى ئىيتىش....قاتارلىق ساھەلەردە ماھارىتى بار بىراق كۆمۈلۈپ قالغان كىشىلەرنىڭ چىيى بىكارلىق . ئىشقىلىپ كۆڭلۈمگە پۈككەنلىرىم كۆپ. چايخاندا قاچا قۇچا يۇيغۇزۇشقا ئايدا كىتىدىغان 2000 يۈۋەن يانجۇقتا قالىدۇ . سەي-پەي تازلاڭ يوق.......يوق يوق يوق ... ئىغىر ئىش يوق ئىشقىلىپ . قەھۋەخانا. چايخانا ، بىلىيارتخانا . ھۆسۇن تۈزەش ئورنى. لەڭپۇڭ-راڭپىزىخانا. قىز-ئاياللارنىڭ قول سومكا ، ئاياغ، ئىچ كىيىم. كىچىلىك كىيم ..... قاتارلىق كەسپىلەر مەبلەغنى ئاز سىلىپ پايدىنى كۆپ تاپىدىغان كەسىپلەردۇر. بۇ كەسىپلەر ھازىرمۇ كۆپ . بىراق، زامانىۋىلىشىش. ئۆزگىچە خاسلىق. ھالقىغان مۇلازىمەت ....بار بولسىمۇ ۋايىغا يەتمىگەن.
مىنىڭ ئەڭ بەك ئاچقۇم كىلدىغان كەسپىم بولسا بىر بىلىيارت كۇلىبى ئىچىش ، يەنە بىرسى قىز-ئاياللارغا گىرىم قىلىش. بۇ جەھەتتە مەخسۇس ئۈگەنگەنمەن. چۈشتىن بۇررۇن ئىككى ئۈچ . چۈشتىن كىيىن ئىككى ئۈچ دانە ئارتۇق پۇل بىقىنىغا ئۈسكەن قىز-ئايالنىڭ يۈزىگە گىرىم قىلىپ چاچلىرىنى ياساپ قويسىڭىزيۈزىگە قىلغان گىرىم 60~50 يۈۋەن. چىچى 60~70 يۈۋەن بولدى، تۆت ئايال بىر كۈندە 400 نەچچە يۈۋەن پۇلنى تاشلاپ بىرىپ چىقىپ كىتىدۇ. بولسا نۆۋەت ساقلاپ قالغان قىز-ئاياللار مەخسۇس ئارام ئالغاچ ساقلايدىغان كىچىكىنە بىر خانىنى رومانتك بىزەپ ئىچىگە كىسلاك بىر قۇر ئورۇندۇق ئۈستەل راسلاپ قويۇپ خۇش-پۇراق چايلارنى بىكارلىق قىلىپ قويسىڭىز. يىگەن يۈز ئۇيلىپتۇ دەپ ئوقۇغان بىمىلىك قىز-ئاياللار ھەقسىز ئىچىپ سالغان چاينىڭ يۈزىدىن سائەتلەپ ساقلاپ بىرىدۇ. بۇنىڭغىمۇ بوزەك بولمايدىغان قىز-ئاياللارغا بولسا غەيۋەتكە باشلاپ قويۇش ئۈچۈن چىرايلىق غەيۋەتلەرگە سەۋەپ بولىدىغان گېزىت-ژونال. تەشۋىقات ۋەرىقى ....ئۈستەل كومپىيوتۇرى سەپلەپ قويسىڭىز. ئۇنىڭغا قاراپ-بۇنىڭغا قاراپ ئىچىگە كىرىشىپ كەتسە بولدى ئىش پۈتتى. قۇلىقىغا غەيۋەت. ناخشا-مۇزىك خۇش ياقمايدىغان قىز-ئاياللارنى بولسا ھەر ئايلىقىغا 3000 يۈۋەنگە چىداپ بىر ئىككى پۇلغا ئېھتىياجى بار ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنى ئىلىپ بەدىنىنى چاچ ياساشقا نۆۋىتى كىلىپ بولغۇچە 20~115 مىنۇت تۇتقۇزۇپ قويۇش مۇلازىمىتنى قوشۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھىچكىم ھەقسىز ئىچكەن چاي ، ھەقسىز قىلىنغان مۇلازىمەتنى تاشلاپ چىقىپ كەتمەيدۇ . بار دىيىلگەندىمۇ بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا. بەدەن ئۇۋلايدىغان ئايالنىڭ ئىش ھەققىنى يۈز-كۆزىگە گىرىم قىلدۇرغان قىز-ئاياللارنىڭ تۆلىگەن ھەققىدىن ئاز-ئازدىن تۇيدۇرماي تۇتۇپ تەڭشەپ ماڭىمىز. .....بۇ خىل كەسىپلەردە . نەچچە سائەتلىك ئىش بىلەن بىر كۈنلۈك تاپاۋەت تىلىپ بولىدۇ. بولسا گىپى ئۆتۈدىغان. قىز-ئايال تونۇشلىرى كۆپ ئاياللارنىڭ ھەر ئايدا ئىككى قىتىم يۈز-كۆزىگە گىرىم قىلىش بىلەن چىچىنى ھەقسىز ياساپ قويساق بۇ خىل ئاياللار بىر تالاي دوسلىىرنى باشلاپ كىلىدۇ. . يەنە بىرسى بەدەن چىنىقتۇرۇش زالى. ھازىر بۇ خىل كەسپىنىڭ ئىستىقبالى بار. ئۈسكۈنلىرىنى زاۋۇت نىسگە بىرىدۇ. پۇلىنى تىپىپ بەرسىڭىز ماقۇل دەيدۇ. بىراق شۈنچە يول ماڭسام ۋىلايەت دەرىجىدىن تۆۋەن ئورۇنلارغا بەدەن چىنىقتۇرۇش ئورنى ئىچىش ئىجازەتنامىسى بەرمەيدىكەن. بۇ كەسپكە كېنىشكە ئالالماي. ھۆسۈن تۈزۈش ئورنى ئاچاي دىسەم تاغام بالام ھۆسۈن تۈزەش ئورنى ئىچىپ قىز-ئاياللارنىڭ يۈزىنى سىلاپ پۇل تاپىمەن دىگۈچە شوپاڭخانا ئاچقىنە پۇت-قولۇڭنى ئىشقا سالمايلا پۇلنى يامان تېز تاپىسەن دەپ رايىمنى پوق قىلىدى ،ئىغىز بەك شور بۇ تاغامنىڭ شۇ ماڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ دە !
ئەمدى بىر باقمىچىلىق فىرمىسى ئىچىش ياكى يىنك كىرىمى ياخشى بىر ئىش قىلاي دەپ خىيال قىلسام ماۋۇ ئايلىق ئىش ھەققى تاشلاپ كىتىشكە چىدىماي چاچلىرىمغا ئاق كىرۋاتىدۇ. ماڭ كەت دەمتىكى دەپ قائىيدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلماي تولا ھالدا كىچە-كىچە تورغا چىقىپ ئەتىسى كۈن چۈشكىچە ئۇخلاپ قىلىپ ئىشقا بەك ۋاقچە چىقىمەن . ھىچ كەتنىڭ گىپنى يوق . تېخى بەش يىللىق توختام تۈزەيلىمۇ دەپ ئادەمنى قورقۇتۇپ . نىمىلەرنى دەپ كەتتىم مەن ھەي. ئەسلى پۇلغا ئاڭلايدىغان مۇھىم گەپلەر ئىكەندۇق ئىنكاسىمنى قايتا ئوقۇسام لىكىن ھەقسىز دەۋىتىپتىمەندە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum--tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 04:02 PM