سېغىز توغۇرلۇق قانچىلىك بىلىسىز؟ بۇ توغۇرلۇق بۇرۇنلا بىر نەرسە يىزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن ئىدىم ،بۈگۈن مانا بۇ توغۇرلۇق سالوندا سورالغان بىر سوئال مىنى بۇ توغۇرلۇق ئېزدىنىشكە مەجبۇر قىلدى،ئەلۋەتتە ھازىر سېغىز تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېغىز ساغلاملىق مەھسۇلاتى بۇلۇپ قالدى،تۈرىنىڭ كۆپلىكى مەسىلەن:تۈركىيەنىڭ،مالايسىيا،سەئۇدى ئەرەبىستانى،قازاقىستان،پاكىستان يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانچە سېغىزلىرى،خارەكتىرى ئوخشىماسلىقىدىن تۈرلىرىمۇ ھازىر 200خىلدىن كەم ئەمەس. ئەمدى سىزدىن سوراي؟سىز ئادەتتە سېغىز توغۇرلۇق قانچىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلدىڭىز؟بۇ سوئالىمغا بېرىدىغان جاۋابىڭىز ئەلۋەتتە ئېغزىمنى خۇش پۇراق قىلىدۇ،ئېغىزنى پاكىزلايدۇ ياكى ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىسىز.دىگىنىم توغۇرىدۇ. ئەمدى مەن سىزگە سېغىز توغۇرلۇق مەن ئېرىشكەن چۈشەنچىلەرنى سىز بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.داۋاملىق سېغىز چاينىغان ۋاقتىمىزدا ئېغىز بوشلىقىدا شۆلگەي بەزلىرى توختىماي شۆلگەي ئىشلەپ چىقىردۇ،بۇ ھالەت ئېغىز بوشلىقى ۋە چىشلارنىڭ پاكىز بۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چىش يۈزىدە باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.بۇلۇپمۇ توختىماي چايناش ھەركىتى جاغ سۆڭىكى،چايناش مۇسكۇلى ۋە چىشلارنى ياخشى بولغان چىنىقىش مەقسىتىگە يەتكۈزگىلى بۇلىدۇ،ۋە چىش ئەتراپىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك،يەنە بىر تەرەپتىن ئالىملارنىڭ بايقىشىچە،ئەگەردە كۈندە 15مىنۇت سېغىز چايناپ بەرگىنىمىزدە ،يۈز گۈزەلىكىمىزگىمۇ ئىنتايىن تەسىر قىلدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇ يەردە سەمىڭىزگە سالىدىغان بىر نۇقتا بولسا كۈمۈش-سىماپ قىتىشمىلىق بۇ يەردە قىسقارتىلىپ كۆمۈش زاماسكا قىلدۇرغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى سېغىز چاينىماسلىق كېرەك،چۈنكى توختىماي سېغىز چاينىغاندا چىشتىكى زاماسكا زەخمىگە ئۇچراپ زاماسكا تەركىبىدىكى سىماب قېتىشمىسى بىۋاستە قاندىكى ۋە سۈيدۈكدىكى سىمابنىڭ مىقتارىنى ئاشۇرۋىتىدۇ،بۇ ئەھۋال چوڭ مىڭىگە نېرۋا سىسىتىمىسىغا ۋە بۆرەككە خەۋىپ ئېلىپ كىلىدۇ. يەنە بىر ئىش،سېغىز چايناش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تازا ماس كەلمەيدۇ،چۈنكى ئۆسمۈرلەردە ئۆزىنى كونتورول قىلىش ئىقتىدارى تۈۋەن بۇلىدۇ،چايناش جەريانىدا كانايغا كىرىپ كەتسە ھاياتىغا خەۋەپ يەتكۈزىدۇ،يەنە بىر نۇقتا ئۆسمۈرلەر ئۇزۇن ۋاقىت سېغىز چايناشنى ئادەت قىلۋالغاندا كىچىدە چىش غۇچۇرلىتىش ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ ۋە بالىلارنىڭ ئۇيقا سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا چىش دوختۇرلىرى شۇنى سەمىڭىزگە سالىدۇ:سېغىز چايناش ۋاقتى15مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك،ئاشقازان كىسىلى بار بىمارلار تىخىمۇ چاينىماسلىق،چۈنكى ئۇزۇن ۋاقىت سېغىز چاينىغاندا ئاشقازان شەرتسىز رىفلىكىس ئاساسىدا كۆپ مىقتاردا ئاشقازان كىسلاتاسا چىقىرىدۇ،بۇلۇپمۇ قورساق ئاچ ۋاقتىدا سېغىز چاينىغاندا كۆڭلى ئېلىشىش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،ئاشقازاندىن زەرداپ سۇ يىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.داۋاملىق دىققەت قىلمىغاندا ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرگە گىرىپتار بۇلىدۇ.ياشلار ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلىدە بولغاچقا دائىم سېغىز چاينىغاندا تۈۋەنكى جاغ سۆڭىكى ئۇچىدىكى مۇسكۇل ۋە سۆڭەك ئۆسۈكچىسنى ئۆسىشىنى غىدىقلاپ تۆت چاسا يۈز شەكىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،بۇ ئەلۋەتتە قىزلار ئۈچۈن ياخشى خەۋەر ئەمەس ئەلۋەتتە.
|