بەزى ئىشلار بىزنى خۇشال قىلىدۇ ۋەتەسىرلەندۈرىدۇ، يەنە بەزى ئىشلار بىزنىڭ ئاكتىپچانلىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز خىزمەتچىلىرىڭىزگە ساغلام تەرەققى قىلىدىغان مۇھىت ھازىرلاشنى ئويلىسىڭىز، چوقۇم خىزمەت مۇھىتىڭىزدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بار-يوقلىقىنى تەكشۈرىشىڭىز كېرەك.
1. ھىيلە-مىكىرسى بار كىشىلەر؛
ئەگەر سىزبۇنداق كىشىلەر بىلەن ئىشلەپ باققان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇقلىقىنى،ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىسىز. بۇنداق كىشىلەر يوقلاڭ تەشۋىقاتلارنى قىلىپ باشقىلارنىڭقىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇشۇنداق كىشىلەرنى كۆزدىنيوقىتىڭ.
2. كەسپى جەھەتتىن تەرەققى قىلالماسلىق؛
ھەر بىرخىزمەتچىگە ئۇلار كەسپى جەھەتتىن تەرەققى قىلالىغۇدەك مۇھىت يارىتىلىپ بېرىلىشى كېرەك، شۇنداقلا خىزمەتچىلەرگە ئۇلارنىڭ كەسپى تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك.
3. ئەركىن پىكىر قىلالماسلىق؛
ئەركىن پىكىرقىلىش كىشىلەرگە بىر يۆلىنىش كۆرسىتىپ بىرىدۇ ھەمدە زېھنىنى قىلىۋاتقان ئىشىغا مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. ئەگەر خىزمەتچىلەر ئەركىن پىكىر قىلالمىسا، ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش كەمچىل بۇلۇپ خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بۇلىدۇ.
4. ۋاقىت ئىسراپچىلىقى؛
ئەگەر سىز ئەھمىيەتسىز يىغىنلارنى تولا ئېچىپ، مۇھىم ئەمەس ئۇچۇرلارنى ھەربىر ئادەمگە يوللىسىڭىىز، خىزمەتچىلىرىڭىز چوقۇم بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىشىڭىز كېرەك.
5. ئالاقە بولماسلىق؛
ئەگەرخىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئالاقە يىتەرلىك بولمىسا، چۈشۈنىش بولماي كۆپىنچە ۋاقىت باشقىلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلىش بىلەن ئۈتۈپ، مۇھىم ئىشلار قالىدۇ. شۇڭا خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ئورتاقلىقنى، چۈشۈنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش كېرەك.
6. قارىغۇلارچە باشقۇرۇش؛
ئەگەر سىز قارىغۇلارچەئۆز كۆز-قارشىڭىز بويىچە ئۇلارنى باشقۇرسىڭىز، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويىسىز. ھەمكارلىق ۋە توغرا مەبلەغ سېلىش قانچە كۆپ بولغانسىرى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
7. بىلىمدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەسلىك
باشقىلارنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئېتىراپ قىلىنىپ رىغبەتلەندۈرۈلمىسە، رەھمەت ئېيتىلمىسا ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا دائىم «رەھمەت» سۆزى بىلەن خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلاپ تۇرۇڭ.
8. ناچار باشلىق؛
ناچار باشلىق ھەربىر خىزمەتچىگە، ھەتتا ئومۇمىي كوللېكتىپقا زىيان سالىدۇ، ھەرقانداق بىرخىزمەتچى ياخشى بىر باشقۇرغۇچىغا مۇھتاج، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى تۈزۈتىڭ.
ئەگەر سىز يۇقارقى مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بەرسىڭىز، خىزمەتچىلىرىڭىزنىڭ ئاكتىپچانلىقى داۋاملىق ئاشىقۇسى.
ئۆزتۈرك كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلكى www.ozturkbiz.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ozturk001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-7 06:56 PM