ئابدۇشۈكۈر قاسىم
مەن كىتابتىن ئايرىلالمايمەن
ھايات بولسام ھەر بىر نەپەستە،
مەن كىتابتىن ئايرىلالمايمەن.
‹‹كەتسەم››رازى ئاشۇ ھەۋەستە،
مەن كىتابتىن ئايرىلالمايمەن.
راھەت ياشاپ ئۆتەلمىسەممۇ،
كۈندە خەندان كۈلەلمىسەممۇ،
جاھان پەيزىن سۈرەلمىسەممۇ،
مەن كىتابتىن ئايرىلالمايمەن.
مالۇ-دۇنيا يىغالمىساممۇ،
چوڭ-چوڭ ئىشلار قىلالمىساممۇ،
كاتتا ئەرباپ بولالمىساممۇ،
مەن كىتابتىن ئايرىلالمايمەن.
مەيلى دىسەڭ ‹‹كىتاب خالتىسى››،
يېنىدا يوق تۆت تال ئاقچىسى.
بىلسەڭ كىتاب بىلىم باغچىسى،
مەن كىتابتىن ئايرىلالمايمەن.
ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.قاسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-7 01:32 PM