8 v( q$ R+ Q+ R" S1 w2 |- [ @$ y بىر ئادەمنىڭ ياقتۇرىدىغان، ياقتۇرمايدىغان ئىشلىرى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە تېڭىۋالغان كۆز قاراشلىرىڭىزدىن ئىبارەت. بىز ھەمىشە ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىدە شەكىللىنىپ قالغان كۆز قارىشىمىز بويىچە دۇنيانى تونۇيمىز، تاكى بىز ئىشلارنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ھەقىقەتنى بىلگەندىن كېيىنگە قەدەر ئۆزىمىزنىڭ ھېس قىلغانلىرى، باھاسى، ھۆكۈمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئۆتىمىز.
جورجىنىڭ ئەسلىمىسىدە ئۇنىڭ دادىسى ئۆزىنى بىلگەندىن تارتىپ پۇتى يوق چولاق بىر ئادەم، شۇڭا ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ھېچقانداق يېڭىلىق يوق ئىدى. بۇ سەۋەبتىن جورجى ھەمىشە ئاپىسىنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق بىر ئادەم بىلەن توي قىلىپ قالغانلىقىنى ئويلايتتى.
بىر قېتىم شەھەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە جورجى كوماندىنىڭ باش قەھرىمانى بولىدۇ. ئۇ دادىسىنىڭ پۇتىنىڭ چولاق بولغانلىقىدىن نومۇس قىلىپ پەقەت ئاپىسىنىڭلا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مۇسابىقە تۈگىگەندىن كېيىن جورجىنىڭ كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ. قايتىش يولىدا ئۇنىڭ ئاپىسى ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا: «ئەگەر بۇ مەنزىرىنى داداڭ كۆرگەن بولسا ناھايىتى خۇش بولغان بولاتتى، ھەتتا ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ ۋارقىراپ تەنتەنە قىلغان بولاتتى.» دېگەن. بۇ چاغدا جورجى : «ئاپا، ھازىر ئۇنى تىلغا ئالمىساق قانداق؟» دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئانىنىڭ چىرايى بىردىنلا ناھايىتى سۇلغۇن بولۇپ قالغان ۋە : «بالام، مېنىڭ ئەسلىدە بۇ گەپنى ساڭا ئېيتىش نىيىتىم يوق ئىدى، سەن داداڭنىڭ پۇتىنىڭ قانداق چولاق بولۇپ قالغىنىنى بىلەمسەن؟» دەپ سورىغان. جورجى بولسا بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بېشىنى چايقىغان. بۇ ۋاقىتتا ئاپىسى: «ئەينى يىلى سەن ئەمدى ئىككى ياشتا ئىدىڭ، بىر كۈنى داداڭ سېنى باغچىغا ئويناتقىلى ئاپىرىپ قايتىش يولىدا سەن كەپسىزلىك قىلغاچقا بىر ماشىنا سېنى سوقۇۋەتكىلى تاس قالغان، لېكىن دەل داداڭ ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئېتىپ سېنى قۇتقۇزۋالغان. داداڭ بولمىغان بولسا ئۆلگەن كىشى سەن بولاتتىڭ» دېگەن. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان جورجى نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان ۋە بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا سۆزلەپ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا ئىشىنەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن جورجىنىڭ ئاپىسى ئىشەنمىسە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سوراپ باقسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ چاغدا جورجى يولدا ئاستا كېتىۋاتاتتى. ئاپىسى: «يەنە بىر ئىشنى بەلكىم سەن بىلمەسلىكىڭ مۇمكىن، سېنىڭ داداڭ داڭلىق يازغۇچى، دەل سەن ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى» دېگەن، بۇ چاغدا قوبۇل قىلالمىغان جورجى قاتتىق ۋارقىراپ كەتكەن ھەمدە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئانا بولسا ئەسلىدە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دادىسىنىڭ ئوغلىغا ئېيتماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقتىن ئەتراپتىكى ھەممە كىشىنىڭ جورجىدىن يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن جورجى ناھايىتى ئالدىرىغان ھالدا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىسىدىن سورىغان. ئوقۇتقۇچىسى كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئەسلىدە داداڭ بىزدىن بۇ ئىشلارنى سەندىن يوشۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلغان، لېكىن سەن ئاللىقاچان بىلىپ بوپسەن، مەنمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرماي، سېنىڭ داداڭ ھەقىقەتەن بىر ئېسىل ھەم ئۇلۇغ ئادەم، سېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىزدىن مۇشۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.»دېگەن.
ئىككى كۈندىن كېيىن دادىسى قايتىپ كەلگەندە جورجى ئالدىراپ دادىسىدىن «داڭلىق يازغۇچى بىرايت سەن شۇمۇ؟» دەپ سورىغان، دادىسى دەماللىققا نېمە دېيىشىنى ئۇقماي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالغان، كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن ھېلىقى ھېكايە يازىدىغان بىرايت شۇ» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن جورجى بىر كىتابنى چىقىرىپ «ئۇنداقتا ماڭا ئىمزا قويۇپ بەرگىن» دېگەن، دادىسى بىر دەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن قەلەمنى قولىغا ئېلىپ «جورجىغا بېغىشلايمەن، ئەمەلىيەتتە ھايات ھەممىدىن قىممەتلىكتۇر» دەپ يازغان.
كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن جورجى ناھايىتى داڭلىق بىر مۇخبىر بولۇپ چىققان. بەزىدە باشقىلار ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ غەلبە قىلىش يولىنى سۆزلەپ بېرىشى ئېيتقاندا ئۇ دادىسىنىڭ ئاشۇ بىر جۈملە گېپىنى تەكرارلاپ قويىدىكەن. «ئەمەلىيەتتە ھايات ھەممىدىن قىممەتلىكتۇر!»
شۇڭا ھەمىشە ئۆزىمىزنىڭ خاتا بولغان كۆز قاراشلىرى ئىچىدە قايمۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆپرەك چۈشىنىپ بېقىشقا، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشكە، روھىي دۇنيارىمىزنى ئېچىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
. O5 t% H' U5 J2 m" T3 |7 s7 k