مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 6

بەخت تىلىگۈچى(ئەسەبىي=ئەسرار) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110064
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 01:56:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(خورلانغان قىز-ئاياللارغا بېغىشلايمەن)


بەخت ئىشىكىڭنى چەكمەكچى ،جىنىم،
كۈتۈۋالغىن تەبەسسۇم بىلەن.
رىياللىققا يۈزلىنىپ تۇرۇپ،
ئاشىقىڭغا نازلىنىپ تۇرۇپ.

بەزىدە
سۆيگۈ دېگەن بىرتىيىنغا ئەرزىمەس نەرسە،
ئوۋچى-ئوۋ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە.
ئالدىنىش،
           ئالداش،
                      ئالدىنىش ,
ئايلىنىپ يۇرسىمۇ تەكرار ۋە تەكرار،
ساڭا بەخت تىلەش ئالدىدا
قىيماسلىق ئىلىكىدە مەجبۇرمەن،مەجبۇر
ئىتتىرىپ قويۇشقا ياتنىڭ قوينىغا.
ئېغىزى سۈت پۇراپ تۇرغان يۈرىكىمدە ھەم
ئالدانغان،خورلانغان،تاشلانغان سەن بار.


ئۆزىنى ئادەم دەپ ئاتىۋالغانلار،
ئۆزىنى ئەركەك دەپ چاغلايدىغانلار...
لىۋىڭدىن قانغۇچە ھوزۇر ئالغانلار
كىتىپ بارار ۋىجدانسىز پىتى.

قىنىقلاپ بارماقتا نەپرەتنىڭ رەڭگى.

تاڭ سۈزۈلمايۋاتقان
خۇمارلىق تۈنلەردىن كىچەلمەيۋاتقان
سەن يوق بولساڭمۇ بەخت بار يەردە،
تەقدىرىڭ ھەققىدىكى بىشارەتلەردەك،
غۇچچىدە بىر گۈل ئېچىلىپ قالدى
چاك-چاك يىرىلغان قەلبىمدەك
ئۈمچەيگەن،چىشلەنگەن ئاقۇچ لىۋىڭدەك.

مەن ئۈنسىز بەخت تىلىگۈچى بۇيەردە،
پەرق قىلساقمۇ ،كېچىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن،
جىنسىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن.
پىشانەڭنى يورۇتقان قوياش
ئىككىمىزدە بىر ئازاپ ئوخشاش،
بەخت بەختىڭگە قوشۇلغان  كۈندە.

قارا چاڭگاللىرىنى سوزۇشۇپ
سېنى يەنە ئالدىماق بولغانلار،
پۇشايمان قىلسىمۇ ياقا يىرتىپ،
كۆزلىرىدىن چىقماس بىر تامچە.
نەپرىتىڭگە نىشان بولغانلار
ئەبەدىي كۈلەلمەس ئىنسانچە.


بارچە پاكلىقى دەپسەندەبولغان،
ئالدانغا، خورلانغان،ئۇلۇغ ئاياللار
ئىچ-ئىچىدىن ۋىلىقلاپ تۇرۇپ،
قۇلىقىڭغا شىۋېرلاپ تۇرۇپ
بولار ساڭا بەخت تىلىمەك ،
ئاق لىباسنىڭ ئىچىدىكى سەن ،
كىرىپ كەتكەن چاغدا ھۇجراڭغا.

ئەي،دۇنيا.......
ئاياللارغا چاڭگال سۇنۇپ
يەنە ئىگە بولالمىغان ئەرلەر

كىسىۋىتىڭلار......
ئۆزۈڭلارنى ئەر دېمەڭلار.
ئەي،بەختى پايخان بولغان قىز-ئاياللار،
ئىگە-چاقىسىزلار،
                             نارسىدىلەر.
سىلەر بىگۇناھ،
سالاھىتىمىز يوق دەپ قارىساڭلارمۇ،
بىر ئۆمۈر ئۆزۈڭلارنى ئاقلاشقا،
سىلەر تونۇمايدىغان ۋىجدانلىق ئەرلەر
غەزەپ بىلەن ئوقۇيدۇ لەنەت
دىلى قارا ئەركەك ھايۋانغا.....

2015-1-13




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 742 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 11:17:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ئېسىل شېئىر، ئادەمگە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلىدىكەن.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 12:15:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113601
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2015-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 02:32:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلھام دىگەن با يەردە بار ئىكەن ھە! ياقتۇردۇم.....

لايدىن ياسىغان خام كوزا  سۇغا كىرسە ساق چىقماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9139
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3433 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 03:17:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن.

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 03:17:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن ، خۇددى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك گەپلەرنى شېئىرى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپسىز  ، خورلانغان ئاياللارنىڭ كۈلىدىغان چاغلىرىمۇ كېلەر . چۈنكى بىر خار بولغان ، يەنە بىر كۈنلەردە ئەزىز بولىدۇ ،چۈنكى، بۇ شۇنداق جاھان ............

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10335
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2369 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 09:43:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا ئىسىل چىقىپتۇ ھۇزۇر ئالدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش