مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسى››مىسرانىم تورى رۇسلان ماركىسىنى لايىھەلەش مۇكاپاتلىق پائالىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم !
مىسرانىم تورىدىكى ئەزىزتورداشلار ھەممىڭىزلەرگە سالام بولسۇن.
مۇنبەرگە كىرمىگىلىمۇ مانا نەچچە يىللار بۇلۇپ قاپتۇ.بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا رۇسلان ماركا لايىھەلەش پائالىيىتى دىگەن تىمىنى كۈرۈپ مەنمۇ بىر قاتنىشىپ باقاي دىگەن ئوي بىلەن بىرنەچچە كۈن ئىزدىنىش ئارقىلىق ۋە قايتا - قايتا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ۋە پىنىيىنچە ئىككى يېزىقتىن تۈزۈلگەن رۇسلان ماركىسىنى ئىشلەپ مۇنبەرگە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن
ئەسكەرتىش:مەزكور ماركا ئۈزۈمنىڭ قىزىقىشى بىلەن باشقىلارنىڭ ماركىسىغا تەقلىد قىلىنمىغان ئاساستا لايىھەلەپ چىقىلدى
ھېچقانداق بىر ماركىدىن ئۆرنەك ئېلىنمىدى(تاساددبى بىرەر ماركىغا ئوخشاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن)شۇ سەۋەپتىن ماركىدا ئازدۇر-كۆپتۇر يىتەرسىزلىك بار.تورداشلارنىڭ ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى ئۈمد قىلىمەن.
1-ماركىغا بىر خىللا رەڭ بەردەم يەنى كۆك رەڭ.بۇ رەڭ ئېلىكتورون ساھاسىدە كۆپرەك ئىشىلتىلدۇ.
2-ئۇيغۇرچە رۇسلان دىگەن ئۇيغۇرچە خەت پۇتۇنلەي كىسىپ قۇراشتۇرۇلدىيەنى رۇسلان دىكى ( سلا ) دىگەن خەتتە ئىككى ئىكران ۋە بىر قانچە كۇنۇپكا تاختىسى شەكىلىدە قۇراشتۇرۇلۇپ كومپىيوتىر گەۋدىلەندۈرۈلدى.
3-پىنىيىنچە رۇسلان دىگەن خەتنىڭ يېزىلىشى ئالتە ھەرىپ ئىدى.ruslan دىكى ئاخرىقى ئىككى ھەرىپ (an) بىرلىشىپ كومپىيوتىر ئېكرانى گەۋدىلىندى.
4-ماركىنى خالىغان رەڭگە ئۆزگەرتىسەكمۇ.رەڭ ئۆزگىرىدۇ ئەمما خاسلىقى ئۆزگەرمەيدۇ.
5-ماركا مەيلى ئۇرالما قاپ،ئىسىم كارتىسى،خىزمەت كىنىشكىسى، بولسۇن ئوخشاشلا ماس كىلىۋىرىدۇ.
6-ماركىدىكى ئىككى يېزىقنى بىرلاۋاقتىتتا ياكى ئايرىم - ئايرىم ئىشلەتسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ.
ماركا لايىھەلەشكە ئىشلىتىلگەن دېتال:Adobe Photoshop CS2
ماركا لايىھەلەشكە كەتكەن ئۇمۇمى ۋاقىت :6 كۈن
ماركا لايىھەسىدە:
ئەزىزدىيار خىزمەتخانىسى
ماركىنىڭ مۇشۇ ھالەتكە كىلىش ئۈچۈن 10 قېتىم قايتا قايتا قايتا قايتا قايتا قايتا قايتا قايتا قايتا قايتا ئۆزگەرتىلدى.(ماركا تاللىنىپ قالسا يەنە يىتەرسىزلىكلىرىنى تۇلۇقلاپ ئۆزگەرتىپ، بەرسەم بۇلىدۇ.
كومپىيوتىرىمدىكى ماتىرياللىرىم ۋىروس سەۋەپلىك يۇقاپ كەتتى.شۇ سەۋەپتىن ئاددى بولسىمۇ بىر قانچە گورگەزمە نۇسخسىنى تەمىنلىدىم.